پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2360 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 94|ئىنكاس: 7

ئەي يىگىت، قۇلاق سال![ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوقلىما
73
قىزغىنلىق
907 سەر
تىللا
198 دانە
تۆھپە
446 سەر
شۆھرەت
533 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-6 20:43:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەي يىگىت، قۇلاق سال!



ئوغلۇم، سەن بارا-بارا چوڭ بولۇۋاتىسەن، ئەر يېتىپ بالاغەت پەلەمپەيلىرىنى بويلاپ قەدممۇ-قەدەم ئىلگىرىلەپ كېتىپ بارىسەن. خىزىئولۇگىيەلىك ۋە پىسخولوگىيەلىك جەھەتتىن ئۆزگىرىپ بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدىغان تويغۇ- خىياللار سەندە ئاستا - ئاستا باش كۆتۇرمەكتە. يەنى قىزلارنى كۆرسەڭ ئۇلار بىلەن پاراڭلىشپ بىر يەردە تۇرساڭ سەندە غەيرىي سېزىملار پەيدا بولىدىغان بولدى. بۇ ئىنتايىن چۈشنىشلىك ھادىسە . ئوغلۇم سەن بالاغەتكە يېتۋاتىسەن . بۇ يېتىلىۋاتقان ھەر بىر ئوغۇلدا كۆرۇلىدىغان ئەقەللىي ھادىسلەردۇر. ئەمما ئۆمرۈڭنىڭ دەل مۇشۇ ئوتلۇق ، ئالتۇن دەۋرىدە ، ياشلىق ھېسياتىڭ كۈۋرەپ دولقۇنلاپ تۇرىدىغان چاغدا ئۆزۈڭنى ئېھتىيات بىلەن تىزگىنلەپ تۇرمىقىڭ بەكمۇ زۆرۇر . بولۇپمۇ قىزلار بىلەن بولغان مۇئامىلىدە ئىنتايىن ئېھتيىات بىلەن قەدەم ئالمىقىڭ ، ئېھتىياتسزلىق ياكى قىزىققانلىق ، ھېسياتقا بېرىلىش تۈپەيلى كېلىپ چىقدىغان بەختسىزلىكلەردىن ساقلانممىقڭ لازىمدۇر. بۇ جەرياندا سەن ئەمدى بارا- بارا ئايال، تۇرمۇش، نىكاھ مەسىلىلىرىگە دۈچ كېلىسەن. بۇلار ھېسياتقا تايىنپلا ھەل قىلغىلى بولىدىغان ئىش ئەمەس، بەلكى ئەقل بىلەن ھېسياتنى موۋاپىق دەرىجىدە ماسلاشتۇرۇپ ۋە بەلكى ئەقىلگە بەكرەك تايىنىپ ھەل قىلىدىغان ئىشلاردۇر. تۆۋەندىكىلەرگە ئوبدان قۇلاق سال:
1. قىزلار بىلەن موئەييەن ئارلىق ساقلاشقا ئەھمىيەت بەر. بالام مەيلى قانداق قىز بالا بىلەن قانداق موناسۋەتتە بولغىن ئاراڭلاردا جەزمەن مۇئەييەن ئارىلىق قالسۇن. ئۇ مەيلى ھەرقانچە يېقىن ساۋاقدىشڭ . دوستۇڭ ياكى سەن بىلەن ئارىلشىپ ئۆتۈۋاتقان قىز بولسۇن ئۇنىڭ بىلەن بەلگىلىك ئارلىق ساقلاشقا دىققەت قىل. نىكاھلانماي تۇرۇپ بىر قىز بىلەن بەكلا يېقىنلىشىپ كېتىش ياخشى ئىش ئەمەس . ئىككى جنىس ئارا بۇزۇلمايدىغان ئارىلقنىڭ ساقلنىپ قالغىنى بەكلا ئەۋزەل ئشىتۇر. ئەگەردە موھاببەتلىشىۋاتقان قىز دوستۇڭ بولۇپ قالسا ئۇنىڭ بىلەن بولغان ئارىلقنى ساقلاشىقا تېخىمۇ دىققەت قىلى ئۇنىڭ بىلەن ئاپپاق - چاپاق بولۇپ كۇل بۇلۇپ كەت، ئۇنى كۆرمسەڭ ئۆلۈپ قالغۇدەك مەستانە ، مۇستەغرەق بولۇپ كەتسەڭمۇ ئۇ تېخى سېنىڭ نىكاھىڭدا ئەمەس. دېمەككى ئۇنىڭدىن يىراق تۈر. ئۇنىڭ بىلەن چەكتىن ئېشىپ سۆيۈشۈپ - يالىشىپ قولتۇقلشىپ ، قوچاقلشىپ يۇردىغان ئىشنى ھەرگىزمۇ قىلما ، نىكاھتىن بۇرۇنقى ياد جنىسلار ئارا يېقنچىلىق ھەر ئىككى تەرەپكە ئېغىر ئازاپ ۋە پۇشايمان ئېلىپ كېلىدۇ. مەيلى سەن ئۇنىڭ بىلەن توي قىل ياكى توي قىلما نىكاھتىن بۇرۇنقى چەكتنى ئاشقان يېقنچلىق نادامەتتىن باشقا ھېچنەرسە ئەكېلىپ بەرمەيدۇ. توي قىلىدىڭ دېگەندىمۇ توي كىچىسى سەندە ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمىلەر قالمايدۇ. ئەگەردە بىر نىكاھ نىكاھلانغۇچى ئىككى تەرەپ ئەزەلدىن ھېس قىلىپ باقمىغان ئۆزگىىچە تاتلىق تويغۇلارنى ھېس قىلدۇرالمىسا بۇنداق نىكاھدا مېھىر بولمايدۇ.
2. قىزلارنى ئويۇن قاتارىدا كۆرمە. ئوغلۇم قىز دىمەك . مەلۇم مەنىدە كەلگۈسدىكى ئانىلار دېمەكتۇر. قىز - ئاياللار بىر مىللەت ، بىر قوۋم ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم . شۇڭا ئۇلارنى پۇتۇن كۈچىمىز بىلەن ئاسرىشىمىز ، قەدىرلشىمىز . ئۇلارنى ساپالىق قىلىپ تەربىيلەپ چىقىشىمىز كېرەك.
3. لايىقنىڭ مۇۋاپىقىنى تاللا. ئوغلوم چوڭ بولغانىكەنسەن. ھامان توي قىلىسەن ، ئائىلىلىك بولسەن ، تەبىئەتنىڭ ، ھاياتنىڭ بۇ ئەزەلىي قانۇنيتىدىن قېچىپ بولالمايسەن ھەم قېچىشڭمۇ دورۇس ئەمەستۇر. لايىق تاللىغاندا ھەدىسلا چىرايلىق ، نازاكەتلىك بىرسى ئۈچۈنلا كۆز يۈگۈرتمە. ھېسياتنىڭ كەينىگە كىرىپ چىراي - ھۆسنى كېلىشكەن قىزلارنىڭ كەيندىن يۆگۇرۇش بىلەنلا بولۇپ كەتمە. بەلكى ئۆزۇڭنى ئەقىل بىلەن يۈگەنلەپ تۇرۇپ كەلگۈسۈڭنى ئويلاپ تۇرۇپ تاللاش ئېلىپ بار. دىيانەتلىك ، ئىمانلىق قىز سنى ئىككى دونيالىق سائادەتمەن قىلغۇسى.
جان ئوغلۇم قايتا-قايتا ئەسكەرتەيكى ، قىزلارنى ئاسرا، قەدىرلە ، تەربىيلە، قىز - ئاياللارنى تەربىيلىك خوتۇن ، ساپالىق ئانا قىلىپ چىقىش سەن ۋە بىزگە ئوخشاش ئەرلەرنىڭ ، ئوغوللارنىڭ زىممسىدىكى ئىشتۇر. بىز شۇ ئشنى جايىدا بېجىرەلىسەك ، ئاندىن بەختلىك ئائىلگە ئېرىشەلەيمىز.

مەنبە: «ئوغۇللار ئەخلاقى» ناملىق كېتابچە


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئامان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-7 01:17  

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1681 سەر
تىللا
146 دانە
تۆھپە
1088 سەر
شۆھرەت
1175 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-6 21:22:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىمىكەن .
كۆڭۈل-كۆڭۈلدىن سۇ ئىچەر !

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
695 سەر
تىللا
77 دانە
تۆھپە
433 سەر
شۆھرەت
510 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-6 23:21:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز نىمدىگەن مەسئۇليەتچان دادا ،سىزدەك دادلارنىڭ كۆپرەك بولۇشنى ئارزۇ قىلمەن

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1742 سەر
تىللا
149 دانە
تۆھپە
771 سەر
شۆھرەت
803 سەر

مائارىپچىبايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسىتىرىشچان ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-6 23:30:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«قابۇسنامە» دىكى ئۇغۇللار ئەخلاقىغا تەققاس قىلىنغان ھىكايەتتەك بىلىنىدىكەن بۇ تېما...ھەقىيقەتەن   تەربىيىۋى  ئەھمىيىتى بار ئىسىل تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز ،رەخمەت !
ھەردۇقمۇشتا قامچا بار !

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4382 سەر
تىللا
1182 دانە
تۆھپە
2413 سەر
شۆھرەت
2839 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-7 03:05:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما يوللاپسەن دوستۇم، ماڭا بەك يارىدى، پەرزەنت تەربىيەسىدە بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك، تەربىيەۋى ئەھمىيىتى ۋە قىممىتى زور بولغان نەسىھەتلەر ئىكەن. مۇشۇنداق تېمىلىرىڭ ئۈزۈلۈپ قالمىغاي!
كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
8588 سەر
تىللا
4841 دانە
تۆھپە
5737 سەر
شۆھرەت
6402 سەر

ئاتامان

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-7 06:53:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزنىڭ شۇنداق تەربىيىۋى ئەھمىيىتى كۈچلۈك ياخشى تېملىرىڭىزنى سېغىنىپ تۇراتتىم !كۆپ رەھمەت سىزگە!سىز ھەقىقەتەن ئامانجاندەكلا ياخشى تېما يوللايدىكەنسىز!

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
765 سەر
تىللا
93 دانە
تۆھپە
549 سەر
شۆھرەت
658 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىھەمكارداشپوتوشوپ ئۇستىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-7 11:06:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە ھەقىقەتەنمۇ ياخشى تېما يوللاپسىز...........
سەن سۆيمىسەڭ ھېچ گەپ ئەمەس، ئەل سۆيمىسە ھالىڭ خاراب.

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
1522 سەر
تىللا
10208 دانە
تۆھپە
1061 سەر
شۆھرەت
1065 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-7 12:57:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەۋلادلارغا كۈڭۈل بۈلۈش ھەربىر ئاتا-ئانىلارنىڭ مەسئۇلىيتى. بەك قىممەتلىك ماتىرىيال يوللاپسىز رەھمەت سىزگە
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-22 09:28, Processed in 0.137891 second(s), 33 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش