تەپەككۇر مىۋىلىرى

1.ئالدىغا قارىغان- باتۇر،ئارقىسىغا قارىغان قورقۇنچاق،ئىككى يىنىغا قارىغان ئېھتىياتچان.( سىز قايسى خىلدىكىسى؟ھەم قايسى خىلدىكىسى بولوشنى خالايسىز؟). 2.كۆز ئالدىدىكى نەپ ھەممە ئادەمنىڭ نىيىتىنى ئاشكارلايدۇ. 3.بېرى دوختۇرخانىدا ،يەنە بېرى،مەسچىت ياكى قەبرىستانلىقتا خۇدا ئەڭ كۆپ يادلىنىدۇ. 4.رەقىبىڭ ئاجىز بولسا،باتۇرلىقىڭمۇ چاغلىق. 5.كۈلۈپ تۇرۇپ ئاچچىقلانساڭ بوشاڭسەن،ئاچچىقلىنىپ تۇرۇپ كۈلسەڭ زەھەرخەندىسەن. 6.دۇنيا ئاياللار بىلەن گۈزەل،ئەرلەر بىلەن قۇدرەتلىكتۇر. 7.ھالقىلىق پەيىتتە بىر قارارغا كېلەلمىسەڭ،ئۇنىڭ دەردىنى بىر ئۆمۈر تارتىسەن. 8.تەرەققىي قىلمىغان ئەللەردە خام ئەشيا كۆپ،تەرەققىي قىلغان ئەللەردە ھۆنەر تىخنىكا. 9.مەڭگۈ ياش تۇرۇش مومكىن ئەمەس،لىكىن چىرايلىق قېرىش مومكىن. 10.ئەل-جامائەت ئالدىدا ئوسال بولماي دېسەڭ ،بېرى،خوشامەتنى ئاز قىل،يەنە بېرى غەيۋەتنى. 11.ئاۋۋالقى ئايالىڭغا بەگ بولساڭ،كېيىنكى ئايالىڭغا قۇل بولسىەن. 12.شائىر يۈرىكىگە ئوت كەتكەن كىشىلەردۇر. 13.ھايۋان يەپ سەمرىيدۇ،گەپ ئايلىنىپ. 14.ئادەم ئازاپلانغاندا ھەممە دۈشمەن كەبىي كۆرىنىدۇ،خۇشال بولغاندا ھەممە دوست كەبىي كۆرىنىدۇ.شۇڭا ھەمىشە دوسىت بىلەن دۈشمەننى ئارلاشتۇرۇپ قويىمىز. 15.ئىشىكنى ئەتسەڭ ئۆيۈڭ،ئىغىزىڭىنى ئەتسەڭ ئۆزۈڭ خاتىرجەم ياشايسەن. 16.نىمىشقا باشقىلار سېنى ئىتتراپ قىلمايدۇ،چۈنكى سەنمۇ شۇلاردەك ياشىدىڭ-دە! 17.ئىشتان كۇسارغا قاراپ يۈزلەندى، كۆڭلەك باغىرداققا قاراپ. 18.بىر كۈنكۈك نەتىجەڭنىڭ ياخشى ياكى يامان بولىشى كەيپىياتىڭغا باغلىق. 19.دۇنيانىڭ سىرى شۇكى بىكار ياتساڭ كۈن ئۆتمەيدۇ،مىدىرلىساڭ ئىش مەڭگۈ تۈگىمەيدۇ. 20.ئىككى خىل كىشى بىلەن ئەبەدى مۇناسىۋەت قىلما،بىرى سېنى قارلىغان كىشى بىلەن،يەنە بىرى ئاتاڭنى خارلىغان كىشى بىلەن.بۇنداقلاردىن يەنە تىخىمۇ كۆپ يامانلىق كېلىشى تۇرغان گەپ. 21.ھاياتتا بىر نەرسە كەمدەك ياشايسەن،ئېرىشكىنىڭ باشقا ئادەم،سېغىنغىنىڭ باشقا ئادەم. 22.بىر ئادەمنىڭ پاكىزلىغىنى بىلمەكچى بولساڭ،بىرى تىرنىقىغا قارا، يەنە بىرى چىشىغا . 23.ئۇششۇق ئادەمگە گەپ قىلغانلىق -ھەرىنىڭ ئۇۋىسىنى كوچىلىغانلىق. 24.تەۋەككۈلچىك قىمارغا ئوخشايدۇ،يا ئۇتىسەن،يا ئۇتتۇرىسەن. 25.خورازنىڭ سوقوشى باز -باز بىلەن بىلىنىدۇ،قىزلارنىڭ يىلىسى ناز بىلەن. 26.كۆز كۆرگۈچى،دىل تونوغۇچىدۇر. 27.سىناقتىن ئۆتمىگەن دوستۇڭغا پۇل ئۆتنە بېرىپ تۇرساڭ،بىرى پۇلۇڭدىن،بىر بولسا دوستۇڭدىن،يەنە بىر بولسا ھەر ئىككىلىسىدىن ئايرىلىپ قېلىشىڭ مومكىن . 28.ئادەم ئۆلگەندىن كېيىنمۇ ئۇنىڭغا ياخشىلىق قىلغىلى بولىدۇ،ئۇ بولسىمۇ مەرھۇمنىڭ ياخشى گېپىنى قىلىش.
مەنبە: «شىنجاڭ مەدەنىيتى»
 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئامان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-6 16:42
|