- تىزىملاتقان
- 2012-3-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-10-21
- ھوقۇقى
- 150
- جۇغلانما
- 17862
- نادىر
- 10
- تېما
- 350
- يازما
- 2236
 
- يوقلىما
- 198
قىزغىنلىق- 4435 سەر
تىللا- 1064 دانە
تۆھپە- 2729 سەر
شۆھرەت- 2913 سەر
        
| يانفۇنۇم
(ساتىرا)
مەن بۇ ساتتىرانى مىسرانىم مۇنبىرنى زىيارەت قىلىۋېتىپ ئۇقۇپ ئۈزەمگە بەك يېقىپ قېلىپ يوللاپ قويدۇم . بىرلىكتە بەھىرلىنەيلى.
كېچە-كۈندۈز سىردىشىمسەن، ماڭا ئۈلپەت يانفۇنۇم، كەچمىدىم ھىچۋاق سېنىڭدىن كەلسە كۈلپەت، يانفۇنۇم، باسسىمۇ دىلنى-ۋۇجۇدنى شەيتانۇ-غەپلەت يانفۇنۇم، سەن ئۈچۈن تارتسام ئەزىيەت،ماڭا راھەت يانفۇنۇم، ئاڭلا دوستلار ۋەلېكىن ئاز- تولا ئىللەت،يانفۇنۇم!
قايسى كۈن چۈشتۈڭ قولۇمغا، بولدى ئايەم مەن ئۈچۈن، خوشلۇقۇم سىغماي ئىچىمگە،كۈلدى ئالەم مەن ئۈچۈن، قارا شۇنچە مەرت-سېخى پەستە ھاتەم، مەن ئۈچۈن، زوق-ھەۋەستە باقتى شۇتاپ ھەممە ئادەم مەن ئۈچۈن، بەردى خۇددى پادىشاھدەك، كاتتا شۆھرەت،يانفۇنۇم!
ئەتىسى ھەش-پەش قىلىپ مەن،دوست ياراننى ئىزدىدىم، خوشلۇقىمدىن تەمتىرەشتە، «سەن» دېگەننى «سىز» دېدىم، كىمنى كۆرسەم داڭلىتىپ يۈردۈم، چوكاننى «قىز» دېدىم، ياقتىم قۇلاققا كوچىدا،يىگانە- كىم ھە بىز دېدىم! بولدى شۇتاپ مەن ئۈچۈنكى بەزمە-ئىشرەت،يانفۇنۇم!
قوشتىغۇ ھۆسنۈمگە سۆلكەت،تۇرسا سايراپ بەل-بېقىن، زەپ قولايلىق،ھەم راۋان، بولدى يىراقلار بەك يېقىن، سۈرئىتى نۇردىنمۇ ئىتتىك، خۇددى چاققاندەك چېقىن، تۈگىمەيدۇ مۇڭلىرىممۇ،ئەينى ئاققاندەك ئېقىن، كەڭتاشا ئويناپ كۈلۈشكە بولدى پۇرسەت، يانفۇنۇم!
ئۆتتى ئايلار- يىلدىماي ، چىقىپتۇ يېڭى مودىسى، نەگە باقماڭ،نەدە يۈرمەڭ، شۇندا يانفۇن سودىسى، «ئاندىرويد»مۇ ئىشقىلىپ،بۇ كۈندە ئۇنىڭ نوچىسى، نەرقى قىممەت بولسا ئاندىن،ھەممىدىن شۇ پوچىسى، بەرگۈسى ئەركەككە ئۆزگە يېڭى سۈلكەت، يانفۇنۇم! كۆرىسەن ئۇندا جاھاننى،تېلىۋىزور- سائەت مۇشۇ، زېرىكىش يوق ئوينىساڭ، ئىزدىمە، راھەت مۇشۇ، سىنئالغۇ ھەم ئاپپاراتىڭ،ئامىتىڭ-ئامەت مۇشۇ، بولدى بەس دەپ سەكرىمە، سەۋرى ھەم تاقەت مۇشۇ، شەرىپىگە قوشتى شان، كاتتا نۇسرەت، يانفۇنۇم! ئالدىسام چانماس قەيەردە، مەن ئەگەر چۆلدە دېسەم، قاغجىراق سايدا يۈرۈپمۇ، يايرىدىم كۆلدە دېسەم، ياماشماستىن تىك چوققىغا، مەن قىيا- بەلدە دېسەم، مەن ئۆزۈم خائىن تۇرۇپ، ئەس يادىم ئەلدە دېسەم، چىنپۈتەر ھەركىم گېپىمگە، قىلما تۆھمەت، يانفۇنۇم!
باشلىۋالساق تۈگىمەس غەيۋەتنى،كوت-كوتنى ئېچىپ، بولۇشارمىز،تۇشمۇ- تۇشتىن ئوت ئۈستىگە ماي چېچىپ، كېتىمىز ھەتتاكى بىردەمدە ئەزىز جاندىن كېچىپ، قويىمىز بىردەمدىلا، دۈشمەنگە كېپەنلىك پىچىپ، دىل ھوزۇرى،يەككىلىككە سوقا-سۆھبەت،يانفۇنۇم!
كېزىمەن شۇتاپ جاھاننى، توردا،چ چ دا يۈرۈپ، يۈرىمەن مۇنبەر ئارا، شاھ بولۇپ،دەۋران سۈرۈپ، بولدىما مەستانە ھازىر،ئۆي-ئايالدىن يۈز ئۆرۈپ، ئەمما ئاينىڭ ئاخىرى،باقسام ھىساۋاتنى كۆرۈپ، بولدى كۆز ئالدىم قاراڭغۇ،ماڭا زۇلمەت، يانفۇنۇم!
ئارتىۋالماي تولا غەمنى، يۈرسە ئەرلىك سېپىدە، مەيلى دەيمىز ھەممە ئىشنى، بولسا ئەگەر چېكىدە، خەجلىگەيمىز پۇل پۈچەكنى، نۆۋىتىدە-ئېپىدە، تەڭكەش بولماي يوق ئامالىڭ، بۇمۇ جاھان دېپى-دە، كولاپ، قىلدى كۆپ دەرت، يانفۇنۇم!
تور ئېچىپ، قىز كەلتۈرۈپ،تۆتنى- بەشنى بىر قىلىپ، پۇرلىغان شىمنى پەدازلاپ، تىغدىنمۇ ئىتتىك قىر قىلىپ، چېكىتى يوق ئەپتىمگە مەن ئۆزۈمنى ئادىل گىر قىلىپ، ئوينىتىپ مەۋھۇم دۇنيادا بولسا غۇبارسىز، كىر قىلىپ، بىر قاپاق نوچى قىلىپ قويدۇڭكى لەنەت، يانفۇنۇم!
كۆر بۈگۈن، يانفۇن دىگەن چوڭ-كىچىكتە،چالدا بار، ئەر ئەمەس،يەسلىدە ھەم، قىزدا بار،ئايالدا بار، كۈتكۈچى،ھەتتاكى نىمكار، باپكارۇ-ھاممالدا بار، زەن سېلىپ باقساڭ يەنە كوچىدا-ئابدالدا بار، تۆكمە بولدۇڭ- قىلمىغاي ھىچكىممۇ ھەسەت ، يانفۇنۇم!
ئۆزيولىدا پايدىلانساڭ،ھەمدىمىڭدۇر ئەسلىدە، يىرىقىڭ بولغاي يېقىن،ھەممىدە- تۆت پەسلىدە، جان-جىگەر سىرداش- قاياشىڭ، ئائىلەڭدە-يەسلىدە، بولمىسا ھەم سەن بىلەنكى، خەقنى بابلاش قەستىدە، يەتكۈسى ھەركىم مۇرادقا ،ئىشتا بەرىكەت، يانفۇنۇم!
ئويلىسام، ھەرنەرسىنىڭ باركەن ئەزىزلىك-خارلىقى، كەلسىمۇ شۆھرەتتە بەزەن، ھەركىشىنىڭ تارلىقى، مۇددىتى ئۇزۇن ئەمەسكەن، بەكمۇ قىسقا ئارىلىقى، تەكتىگە يەتكىن مۇھەممەت، بۇمۇ تەقدىر يارلىقى، ئۆز يولىدا تاپسا قىممەت-ماڭا ئامەت ،يانفۇنۇم! مەنبە: مىسرانىم تورىدىن
|
|