- تىزىملاتقان
- 2012-5-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-10-15
- ھوقۇقى
- 99
- جۇغلانما
- 2894
- نادىر
- 0
- تېما
- 67
- يازما
- 172
  
- يوقلىما
- 110
قىزغىنلىق- 749 سەر
تىللا- 46 دانە
تۆھپە- 441 سەر
شۆھرەت- 737 سەر
  
| مەي ئىچ مەڭگۈ ھايات، ھەيھات، مانا شۇ، ياشلىقنىڭ دەۋرانى، ئەي زات، مانا شۇ. گۈل پەسلىدە مەيۇ مەست ئۈلپەت بىلەن، بىردەم شاد بول، ئەسلىي ھايات مانا شۇ. ******************
مىسالى بىر ئاتۇن كوزا بۇ دۇنيا، گاھىدا سۈيى بال، زەھەر گاھىدا. شۇنچە ئۆمرۈم بار دەپ كېرىلمە ئەسلا، ئېگەرلەكلىك ئەجەل ئېتى دائىما. **************
كىم ئۇ، گۈزەللەرگە خەندان لەۋ بەرگەن، دەرتمەنلەرگە جىگەر خۇنىنى زەپ بەرگەن. تەقدىرىمىز شادلىق بولمىسا، نىمە غەم، شاد بىز، چۈنكى غەمنى تۈمەنلەپ بەرگەن. ***************
ئالىقاندا لەيلى مەي، يېنىدا سەنەم، چىمەندە ئولتۇرسا، قۇت بولۇپ ھەمدەم. مەي ئىچىپ، پەلەكتىن يىمىسە ھىچ غەم، جاھاننىڭ كەيپىنى سۈرگەي شۇ ئادەم. **************
‹‹ ئىلاھىيەت ئىلمىن ئۆگەت ›› دىدى دىل، ئەگەر ئۆزۈڭ بىلسەڭ ماڭا بايان قىل. ‹‹ ئېلىف ›› دىگەنىدىم ‹‹ بەس ›› دىدى ماڭا، ‹‹ بىر ھەرىپمۇ يېتىدۇ›› كىم بولسا ئاقىل. ***************
مەي ئىچىپ يايرىماق ئادىتىم مېنىڭ، كۇپۇرلۇق قىلماسلىق ساپ دىنىم مىنىڭ. تويلىغىن سورىدىم دۇنيا قىزىدىن، دىدى ئۇ : ‹‹ شادلىقىڭ تويلۇقۇم مېنىڭ.›› **************
مال -دۇنيا ھەسرىتى قىلمىسۇن داغدار، مەڭگۈ ياشايدىغان كىشى قېنى نەدە بار؟ بىرنەچچە تىنىقىڭ تەندە ئامانەت، ئامانەتكە ئامانەت بولماقلىق دەركار. **************
شادلىق ئىزدىمە، ئۆمرۈڭ بىر دەمدۇر، تۇپراقتا ھەر زەررە كەيقۇبات، جەمدۇر. جاھانۇ بارلىقنىڭ ئىشى بىراقلا- ئۇيقۇدۇر، خىيالدۇر، خىيالدۇر ، غەمدۇر |
|