- تىزىملاتقان
- 2011-10-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-10-21
- ھوقۇقى
- 150
- جۇغلانما
- 10232
- نادىر
- 0
- تېما
- 132
- يازما
- 976
 
- يوقلىما
- 285
قىزغىنلىق- 2696 سەر
تىللا- 1161 دانە
تۆھپە- 1295 سەر
شۆھرەت- 1408 سەر
     
| 1. شېكەر قوشۇلغان مېۋە شەربىتى. شېكەر قوشۇلغان مېۋە شەربىتىنىڭ ئىسسىقلىق مىقتارى گازلىق سۇدىنمۇ يۇقىرى بولىدۇ. قەنت ماددىسىمۇ زىيادە، شۇڭا مېۋىنىڭ ئۆزىنى يېگەن ياخشى.
2. پىلتە قۇيماق. پەلتە قۇيماققا سېلىنىدىغان زەمچىدە ئاليۇمىن تەركىبى بولغاچقا ، كۈندە يەۋەرسە، بۆرەك قوبۇل قىلىنغان ئاليۇمىننى تازىلاپ چىقىرالمايدۇ، بەدەندە ئاليۇمىننىڭ مىقتارى كۆپىيىپ كەتسە ، ئادەمنىڭ مېڭىسى ، نېرۋا سىستېمىسىنى زەھەرلەپ، گالۋاڭلىق كېسىلىنى پەيدا قىلىدۇ.
3. ئاق بالداق. ھەر 500 گرام ئاق بالداقتىكى قوغۇشۇننىڭ مىقتارى 10 مىللىگرامغا يېتىدۇ. قوغۇشۇن ئادەم بەدىنىگە ، بولۇپمۇ ياشلار ئۆسمۈرلەرنىڭ قان ئىشلەش سىستېمىسى ،نېرۋا سىستېمىسى، ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ.
4. قەھۋە. قەھۋەنىڭ تەركىبىدە كوففېئىننىڭ تەركىبى كۆپ بولغاچقا، ھەزىم قىلىش سىستېمىسىغا كىرگەندىن كېيىن قانغا قوشۇلۇپ بەدەندە ئايلىنىپ 5 مىنۇت ئىچىدىلا ئادەمنىڭ ھەممە ئەزالىرىغا يېتىپ بارىدۇ- دە ، قان تومۇرلارنى غىدىقلاپ ، ئاشقازان كىسلاتاسى ۋە سۈيدۈكنى كۆپەيتىۋېتىدۇ.
5. چىلىغان كۆكتات. ئۇزۇن ۋاقىت چىلىغان كۆكتات يېگەندە، تۇز ۋە سۇ ئادەم بەدىنىدە كۆپلەپ يىغىلىپ قېلىپ، يۈرەك كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتىنى ئاشۇرۋېتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە چىلىغان كۆكتاتتا نىتروئۇس كىسلاتانىڭ مىقتارى كۆپىيىپ كېتىپ راك پەيدا قىلىدۇ.
6. قوي جىگىرى. قوي جىگىرىدە خولېستېرىننىڭ مىقتارى ناھايىتى يۇقىرى، كۆپ يېيىلسە، قىزىل قان تومۇرلىرىنىڭ قېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
مەنبە: ھاياتلىق ژورنىلى |
|