پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2360 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 92|ئىنكاس: 3

ئۇستاز[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوقلىما
110
قىزغىنلىق
749 سەر
تىللا
46 دانە
تۆھپە
441 سەر
شۆھرەت
737 سەر

تىرىشچان ئەزادادىل ئەزا ئوردىنىمائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-6 10:48:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇر بىلەن دىللارنى كەلدىڭىز يۇيۇپ،
ئارمانلار باغرىدا چايقالدى دېڭىز.
روھتىكى زېدىنى ئالدىڭىز ئويۇپ،
بور تۇتقان قوللاردا كۆكلەيدۇ يىلتىز.
***********

كېچىنىڭ پەيزىنى سۈرگەندە ھەممە،
سىز كىرپىك قاقماستىن خىيال سۈردىڭىز.
ئىشلىرىم ئۇتۇقلۇق بولسۇن دەپ ئەتە،
خاتىرە يازدىڭىز، كىتاپ كۆردىڭىز.
*************

ناشتىنى چالا قىپ بۈگۈنمۇ يەنە،
سەھەردە مەكتەپكە يۈرۈپ كەتتىڭىز.
‹‹ مۇ.ەللىم ›› دىگەن بۇ شەرەپنى كۈندە،
سىز شۇنداق مۇكەممەل تونۇپ يەتتىڭىز.
****************

ھەپتىلىك دەم ئېلىش، تەتىل، ئارامدا،
يەنە شۇ تۈگىمەس غەمنى يىدىڭىز.
ساقسىز بوپ قالغاندا ياكى بايرامدا،
بولدىلا بىر نۆۋەت ئىشلەي دىدىڭىز.
****************

ئاسانمۇ مۇشۇنداق يىللارنى ئۇلاش،
ئەۋلاتقا تەئەللۇق بولدى بارىڭىز.
مۇھەببەت، كەسىپكە بولدى تەقدىرداش،
ئۆيدىكى ئايال ھەم يۈرەك پارىڭىز.
**************

بولسىمۇ يول ئۇزۇن، قولىڭىز قىسقا،
بىلىنمەس سېرىقتال ئىللىق خانىڭىز.
شۇندىمۇ بارچىدىن جۇشقۇن نىمىشقا؟
مۇستەھكەم ئېشىلگەن ئۈمىد تانىڭىز.
************

كېڭەيسۇن ئالەمگە، ھەر بىر ئادەمگە،
قەدىردان مۇئەللىم سىزنىڭ غايىڭىز.
تەڭ قىلساق ئەرزىيدۇ سىزنى ھاتەمگە،
ياخشىلار يېنىدا بولسۇن جايىڭىز.





ئاتۇر: قۇربان داۋۇت شاھىدى


مەنبە: مائارىپ ژورنىلى 2012.6

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
1522 سەر
تىللا
10208 دانە
تۆھپە
1061 سەر
شۆھرەت
1065 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-6 13:14:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇستازلار ھەقىقەتەن جاپاكاش ئۇلارنى قانچە مەدھىيلىسەكمۇ ئازلىق قىلىدۇ

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4435 سەر
تىللا
1064 دانە
تۆھپە
2729 سەر
شۆھرەت
2913 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-6 14:14:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىما يوللاپسىز . رەخمەت سىزگە .
ئۇستاز ئىنسان روھىنىڭ ئىنجىنىرى .شۇ ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلانى قانچىلىك مەدىيلىسەكمۇ يەنىلا ئازلىق كىلىدۇ. چۈنكى ئۇلار ئاق قەغەزگە ئوخشاش ئاشۇ سەبىي بالىلار ئۈچۈن ئۈنتىنسىز تىرىشىپ ئۇلارنى جەمىيەتكە ياراملىق ئادەم قىلىپ تەربىيلەشتە ئۈزىنىڭ ئەجىرلىرىنى ئايمايلا كىلىۋاتىدۇ .
ئوقۇتقۇچىلىق -قۇياش ئاستىدىكى ئەڭ شانلىق كەسىپ

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4382 سەر
تىللا
1182 دانە
تۆھپە
2413 سەر
شۆھرەت
2839 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-6 14:26:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇنيادا ئوقۇتقۇچىنىڭ ئەمگىگىدىنمۇ شەرەپلىك ئەمگەك بولمىسا كېرەك. خۇددى مىللىتىمىزنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى ئەخمەتجان قاسىمى ئېيتقاندەك:


رەخمەت دوستۇم، ئوقۇتقۇچىلار ئەمگىگىنى تەرىپلەيدىغان مۇشۇنداق تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىغاي! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئامان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-6 14:29  

كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-22 10:30, Processed in 0.127041 second(s), 32 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش