- تىزىملاتقان
- 2011-11-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-10-21
- ھوقۇقى
- 150
- جۇغلانما
- 16770
- نادىر
- 12
- تېما
- 382
- يازما
- 1534
 
- يوقلىما
- 227
قىزغىنلىق- 4371 سەر
تىللا- 1182 دانە
تۆھپە- 2413 سەر
شۆھرەت- 2839 سەر
          
| ئانا ھەققىدە ھېكىمەتلەر

ئانا بالىغا ئاتىدىن كۆپرەك كۆيۈنىدۇ، چۈنكى ئۇ بالىنى ئۆزىنىڭ تېنىنىڭ بىر پارچىسى بىلىدۇ، ئاتا بولسا ئۇنى پەرزەنتىملا دەپ قارايدۇ. — مىنارد ئانىسىنى يىغلاتقان كىشى مەرتىۋىسىنىڭ قانچىلىك يۇقىرى ۋە قانچىلىك داڭلىق شەخس بولسۇن، ئۇ قەبىھ شەرمەندىدۇر. — ئامچىيوس ئانىنىڭ يۈرىكىدە مەڭگۈ بىر ئىللىق تەبەسسۇم ساقلىنىپ تۇرىدۇ. بۇ تەڭرى ئانىلارغا ئاتا قىلغان مەڭگۈلۈك مېھىر - مۇھەببەتتۇر. — چوڭ ديۇما ئانىنىڭ بالىنى سۆيۈش ھېسسىياتى كۈچلۈك بولىدۇ. ئانا پەرزەنتىنى باغرىغا باسقاندا پۈتۈن غەم - ئەندىشىسىنى ئۇنتۇيدۇ. — ماۋدۇن بىر ئايال ھۆرمەتلىك بولاي دېسە، ئالدى بىلەن ھەقىقىي ئانا بولسۇن. — خۇ گو ساغلام، بەختىيار ئىنسانلارنىڭ بولۇشى ئۈچۈن، بەختىيار ئانىلار بولۇشى كېرەك. — گومورو دۇنيادا ئۆز ئاناڭدەك سەمىمىي دوستۇڭ يوق. — گور كې ئانا بالىنىڭ بىرىنچى تەربىيەچىسى ۋە مۇئەللىمى. — سۇخوملىنىسكىي مېھرىبان ئانىدىن ئايرىلغان بالا گۈلدانغا قىستۇرۇپ قويغان گۈلگە ئوخشايدۇ. رەڭگى، پۇرىقى بولسىمۇ، يىلتىزى يوق. — لاۋشى

|
|