پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2356 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 74|ئىنكاس: 2

ئۇيغۇر تىلدىكى شەكىلداش سۆزلەر[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوقلىما
70
قىزغىنلىق
1297 سەر
تىللا
285 دانە
تۆھپە
858 سەر
شۆھرەت
979 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-6 00:19:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر تىلدىكى شەكىلداش سۆزلەر
(ئېلىپبە تەرتىپى بويىچە تىزىلدى)
نۇرگۈل   ھېيت
( يەكەن ناھىيە كونا شەھەر مەكتەپ ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىدىن )
ئا
1 . ئات-  توم تۇياقلىقلارغا مەنسۇپ سۈت  ئەمگۈچى  يىرىك ئىش ھايۋىنى:
ئات مىنىش، ئات ھارۋىسى
ئات-  ئادەم ياكى نەرسىلەرگە قويۇلغان مەخسۇس نام،ئىسىم: ئات قويۇش
ئات-  « ئېتىش» پېئىلىنىڭ  -شەخس بىرلىك بۇيرۇق رايى: ئاپتوماتنى ئات!
2 . ئاتا-  بالىلىق ياكى بالىسى بار ئەر كىشى: ئاتا بولماي ئاتا قەدرىنى بىلمەس.(ماقال )
ئاتا  «قىلماق» پېئىلى بىلەن قوشۇلۇپ «نېسىپ ئەتمەك، بەرمەك، بەخش ئەتمەك» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ:
ۋەتەن ئۈچۈن بارىڭنى ئاتا قىل، ئوغلۇم!
3 . ئاتلىق- ئاتقا مىنگەن، ئېتى بار كىشى: ئاتلىق ئەسكەر
ئاتلىق- ئىسىملىك، ناملىق، ....دەپ ئاتىلىدىغان؛
داۋانچىڭدا بىر يارىم بار قەمبەرخان ئاتلىق.
4 . ئاچ- قورسىقىدا يېگەن نەرسىسى قالمىغان، تاماق يېمىگەن، ئېچىرقىغان:  ئاچ قورساق
ئاچ- «ئىچىش» پېئىلىنىڭ   - شەخس بىرلىك بۇيرۇق رايى:  ئىشىكنى ئاچ!
ئاچ-  سۇس  مەنىسىدە :  ئاچ يېشىل، ئاچ سېرىق
5 . ئاچا- بىر تۇغقان قېرىنداشلار ئىچىدىكى ئۆزىدىن چوڭ ئايال قېرىنداش: ئۇ مېنىڭ ئاچام.
ئاچا- بىر گەۋدىدىن ئاجرىلىپ چىققان، بۆلۈنگەن، پۇتاق: ئاچا ياغاچ، دەرەخنىڭ ئاچىسى
6 . ئارا- ئىككى نەرسە ياكى ئىككى نۇقتا ئوتتۇرىسىدىكى مۇساپە، ئارىلىق، ئوتتۇرىسىدا:  ئىككى ئارىدا،  ئۆز ئارا،  ئىككى شەھەر ئارىسى
ئارا- دېھقانچىلىقلا ئىشلىتىلىدىغان تۆمۈر ياكى  ياغاچتىن ياسالغان سايمان:
ئۈچ چىشلىق ئارا، ياغاچ ئارا
7 . ئارتماق- كۆپەيمەك، ئاشماق، چەكتىن ئېشىپ كەتمەك: بىلىمى ئارتماق، خۇشاللىقى ئارتماق
ئارتماق- يۈكنى بىرەر نەرسىنىڭ ئۈستىگە ، ئىچىگە يۈكلىمەك: ئېشەككە يۈك ئارتماق، مەسئۇلىيەتنى باشقىلارغا ئارتىپ قويماق
8 .ئارىچى- كىشىلەر ئارىسىدا بولۇۋاتقان جېدەل- ماجىراغا ئارىلاشقۇچى: ئارىچىغا ئالتە تاياق. (ماقال )
ئارىچى- ئارا ياسايدىغان ھەم ئۇنى ساتىدىغان كىشى: ئۇنىڭ بوۋىسى ئارىچى.
9 . ئاسارەت- چەكلىمە، بويۇنتۇرۇق: ئۇنىڭ ئىدىيىسى تېخى كونا ئىدىيىنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلالمىدى.
ئاسارەت- تېبابەتتە تەسىر، ئىز، بەلگە، ئاقىۋەت مەنىسىدە ئىشلىتىلىدۇ. ئۇنىڭدا ھېچقانداق كېسەللىك ئاسارىتى قالماپتۇ.
10 . ئاش- قازاندا پىشۇرۇلغان تاماق، غىزا، يېمەكلىك. ئىش بار يەردە ئاش بار.(ماقال)
ئاش- تېرىنى ئاشلاش ئۈچۈن ئۇن، تۇز ۋە سۇنى ئارىلاشتۇرۇپ، ئېچىتىپ تەييارلانغان ئۇماچ.
ئاش- «ئېشىش» پېئىلىنىڭ  -شەخس بىرلىك بۇيرۇق رايى: داۋان ئاش. چوڭىيىش مەنىسىدە . ئۇنىڭ يېشى 40 تىن ئاشتى.
11 . ئاقسىل- بىئولوگىيىلىك ئاتالغۇ. كۆپ خىل ئامىنو كىسلاتاسىدىن تەركىب تاپقان ، يۇقىرى مولېكۇلىلىق تەبىئىي ئورگانىك بىرىكمە.
تۇخۇم تەركىبىدە ئاقسىل ئىنتايىن كۆپ.
ئاقسىل- زوئولوگىيىلىك ئاتالغۇ. ئاچا تۇياقلىق ھايۋانلاردا بولىدىغان ئۆتكۈر يۇقۇملۇق كېسەللىك: كالا ئاقسىل كېسىلى
12 . ئالما- مېۋىسى يۇمىلاق،تەمى تاتلىق، يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ ۋە ئۇنىڭ مېۋىسى: ئالما كۆچىتى، قىزىل ئالما
ئالما-  «ئىلىش» پېئىلىنىڭ  -شەخس بىرلىك، بولۇشسىز  بۇيرۇق رايى: خەقنىڭ نەرسىسىنى سورىماي ئالما!
13 . ئالماق- نەرسىنى ئوچۇملاپ،سىقىملاپ ياكى كۆتۈرۈپ ئورنىدىن يۆتكىمەك: چېلەكتىن سۇ ئالماق
ئالماق- مال- تاۋارنى ھەق تۆلەپ ئۆز ئىلىكىگە ئۆتكۈزمەك: گۆش ئالماق
ئالماق- قانۇن بويىچە ئەر – خوتۇن بولۇپ، قىزنى ئەمرىگە ئالماق: خوتۇن ئالماق
ئالماق- بىرەر نەرسىنى ئۆز تەۋەلىكىگە، ئۆز ئىلىكىگە ئۆتكۈزمەك؛ بانكىدىن پۇل ئالماق، مائاش ئالماق
14 . ئاينىماق-تۈسى، رەڭگى ئۆزگىرىپ بۇرۇنقى ھالىتىنى، بۇرۇنقى رەڭگىنى، خىسلىتىنى يوقاتماق: ئەخلاقى ئاينىپ كەتكەن مىللەت، ئاينىپ كەتكەن دوست
ئاينىماق- كۆڭلى ئىلىشماق:  كۆڭلى ئاينىماق
ئاينىماق- تۇتماق، ئاۋۇماق، كۆپەيمەك: كۆچەتلەر تازا ئاينىپتۇ. ئالمىلار ئاينىدى.
15 . ئاق- پاختا ياكى سۇ ت رەڭگى: ئاق قەغەز
ئاق- «ئېقىش» پېئىلىنىڭ -شەخس بىرلىك بۇيرۇق رايى: سۇ ئاقتى. ئۆز ئېلىڭنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ، سۈيىدە ئاق، بالام!
16 . ئارىلاشما-  «ئارىلىشىش» پېئىلىنىڭ -شەخس بىرلىك بۇيرۇق رايى: سەن تولا مېنىڭ ئىشىمغا ئارىلاشما!
ئارىلاشما- ئىككىدىن ئارتۇق ئوخشاش بولمىغان نەرسىدىن تۈزۈلگەن: ئارىلاشما ماددا، ئارىلاشما گاز
17 . ئاقلاش- ئەھدىسىدىن چىقماق: بىز ئاتا- ئانىمىزنىڭ بىزدىن كۈتكەن ئۈمىدىنى ئاقلاش ئۈچۈن تىرىشىپ ئۆگىنىشىمىز كېرەك.
ئاقلاش- ئاق تۈسكە كىرگۈزمەك: ئۆي ئاقلاش
ئاقلاش- گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىماق: جىنايەت گۇماندارىنى ئاقلاش
ئاقلاش- دەرەخلەرنىڭ پوستى، قوۋزىقى، داننىڭ قاسىرىقىنى ئاجراتماق: شال ئاقلاش، دەرەخ ئاقلاش
18. ئالدى- بىرەر نەرسىنى سېتىۋېلىپ، ئۆز ئىلىكىگە ئۆتكۈزمەك.«ئىلىش» پېئىلىنىڭ – شەخس بىرلىك، ئۆتكەن زامان تۈسى: ئۇ كىتابخانىغا بېرىپ ئىككى پارچە  كىتاب ئالدى.  
ئالدى- بىرەر نەرسىنىڭ قارىغۇچىغا نىسبەتەن كۆرۈنۈپ تۇرغان قىسمى، ئىچىگە نىسبەتەن سىرتى : ئىشىك ئالدى، مەكتەپ ئالدى
19. ئايلىنىش- بىرەر دائىرە ئىچىدە ھەرىكەت قىلماق، سەيلە قىلىش: دوقمۇشتىن ئايلىنىش، بازار ئايلىنىش
ئايلىنىش- ھوشىدىن كېتىش: ئۇ توساتتىنلا ئايلىنىپ كەتتى.
20 . ئالامەت- بەلگە، نىشان، ئىپادە، ئىشارەت: كۆپەيتىش ئالامىتى، بۇ نېمە ئالامەت؟
ئالامەت- ناھايىتى، ئاجايىپ: ئالامەت كېلىشكەن، ئالامەت قىزىق
21. ئاي- يەر شارىنى ئايلىنىدىغان سەييارە: ئاي شارى- ئەڭ گۈزەل سەييارە. ئاي چىقتى.
ئاي- ۋاقىت بىرلىكى. بىر يىلنىڭ 12 دىن بىرى: بىر ئاي، ماي ئېيى.

ئە
1. ئەت- يېپىش، تاقاش مەنىسىدە. «ئېتىش» پېئىلىنىڭ  -شەخس بىرلىك بۇيرۇق رايى: ئىشىكنى مەھكەم ئەت!
ئەت- ھەر خىل خام يېمەكلىكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلىمەك: تاماق ئەت!
ئەت- مۇسكۇل، گۆش: ئەت قونماق، ئورۇق ئەت
2 . ئەسىر- ۋاقىت بىرلىكى، ھەر يۈز يىل بىر ئەسىر بولىدۇ: 21- ئەسىر
ئەسىر- دۈشمەنلەرنىڭ قولىغا تىرىك چۈشۈپ قىلىپ، ئەركىنلىكىدىن ئايرىلغان كىشى: ئەسىرلەرنى خارلاش- ئىنسانپەرۋەرلىككە يات قىلمىش.
ئەسىر- بىرەر كىشى ياكى بىرەر ئىشقا شەيدا بولماق: دۇتارنىڭ مۇڭلۇق كۈيىگە ئەسىر بولماق
ئەسىر- كۈن پېتىشتىن  بىر سائەت ئىلگىرىكى ۋاقىت: ئەسىر ۋاقتى بىلەن
3 . ئەسەر- بەلگە، ئالامەت، دېرەك: ئۇنىڭغا بىر مۇنچە تەربىيە قىلغان بولساقمۇ، ئۇنىڭدا ئۆزگىرىشتىن ئەسەر يوق.
ئەسەر- ئىجادى مېھنەت مەھسۇلى: ئەدەبىي ئەسەر، ئەسەر يازماق
4 . ئەمەل: ماتېماتىكىلىق ئاتالغۇ. تۆت ئەمەل. قوشۇش ئەمىلى
ئەمەل- مەنسەپ، ھوقۇق: ئەمەل تۇتماق، ئەمىلى ئۆسمەك
ئەمەل- كۈندىلىك پائالىيەت، ئەمەلىيەت: ئېغىزدا بار ، ئەمەلدە يوق.(ماقال)
5 . ئەن- بەلگە، نىشان؛ كالىغا ئەن سالماق
ئەن- رەخت ۋە باشقا نەرسىلەرنىڭ كەڭلىكى: بۇ رەختنىڭ ئېنى كەڭ ئىكەن. ئەن رەخت
ئەن- سۇ ئىتتىك، راۋان ئاقىدىغان: ئەن ئېرىق
ئەن- ئۆزلەشكەن، كۆنگەن، ھوسۇللۇق: ئەن يەر، يېرى ئەن جاي
6 . ئەلەم- جىسمانىي ئازاب، غەم- قايغۇ، دەرد، ھەسرەت: بۇ ئىش ئۇنىڭغا تولىمۇ ئەلەم بولدى.
ئەلەم- بايراق، تۇغ: جەڭ مەيدانىدا ئەلەملەر لەپىلدەپ، دۇمباقلار گۈمبۈرلەپ تۇراتتى.
ئەلەم- شەرىئەت يولى بىلەن چىقىرىلغان پەتىۋالارنى تەستىقلايدىغان ياكى ئىنكار قىلىدىغان دىننى زات: ئەلەم ئاخۇنۇم
7 . ئەللىك- ئوننىڭ بەش قېتىم قوشۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان سان: ئەللىك ياش
ئەللىك- بىرەر دۆلەتكە مەنسۇپ: چەت ئەللىك مۇخبىر
8 . ئەل- بىرەر جاينىڭ ئادەملىرى،ئاھالىسى، خەلقى: ئەل ئىچى ئالتۇن بۆشۈك.(ماقال)
ئەل- تەسلىم بولۇش، ئەل بولۇش:قورال تاپشۇرۇپ ئەل بولۇش
9 . ئەنسىز- ئەن سېلىنمىغان: ئەنسىز كالا
ئەنسىز- ئېنى تار، كەڭ ئەمەس: ئەنسىز رەخت
ئەنسىز- ئەندىشىلىك، تەشۋىشلىك، خاتىرجەم ئەمەس: ئەنسىز يىللار، ئەنسىز كېچە

ب
1 . باب- كىتاب، ئەسەر، ماقالىلەرنىڭ ئايرىم بۆلەكلىرى: بىرىنچى باب
باب- مۇناسىپ، توغرا، لايىق: باب كەلمەك
2 . باچكا- كەپتەرنىڭ ئۇچۇرۇم بولمىغان بالىسى: باچكا كاۋىپى
باچكا- جۇۋازنىڭ يۈك يانجىپ، ماي چىقىرىدىغان ئىچى كاۋاك قاچىسى: جۇۋازنىڭ باچكىسى
3 . باخشى- دۇئا ئوقۇپ، دەم سېلىپ كېسەل داۋالىغۇچى ئادەم: تۈگمەن بېشىدا  غوجا  ئاتلىق  بىر باخشى بار.
باخشى- بۈركۈت، قارچىغا، لاچىن قاتارلىق قۇشلار بىلەن ئوۋ ئوۋلايدىغان، ئۇلارنى كۆندۈرىدىغان ئادەم: قۇش باچكىسى
4 . بارماق- پۇت- قول پەنجىلىرىنىڭ ھەر بىرى: بەش بارماق
بارماق- بېرىش: بارماق ئىرادە، يانماق ئىجازەت.(ماقال)
5 . باسماق- ئۇششاق قۇشلارنى تۇتۇشقا ئىشلىتىلىدىغان قاپقان: باسماق قۇرۇپ قۇچقاچ تۇتماق
باسماق- قاچىلىماق، يۈكلىمەك: ماشىنىغا يۈك باسماق، بارماق باسماق
6 . باشاق- بۇغداي،ئارپا قاتارلىق زىرائەتلەرنىڭ دان تۇتقان قىسمى: باشاق تىرىش
باشاق- ئوقيا ئوقىنىڭ باخشى، ئۇچ قىسمى: ئوقيا باشىقى
7 . باشقا-« بېشىغا» دېگەن مەنىدە. باشقا كەلگەندە باتۇر.(ماقال)
باشقا- ئايرىم:  مەن بۇ سىنىپتا ئوقۇمايمەن،  باشقا سىنىپتا ئوقۇيمەن.
8 . باغ- مېۋىلىك دەرەخلەر ئۆستۈرۈلگەن جاي: ئالمىلىق باغ
باغ- باغلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان نەرسە: ئىشتان باغ
باغ- مىقدار سۆز. بىر باغ بېدە، بىر باغ پالەك
باغ- تۇتقۇچ، ساپ: چەينەكنىڭ بېغى، سومكىنىڭ بېغى
9 . بال- ھەسەل: بال يىغىش، بال ھەرىسى
بال- يەر تەۋرەش ۋە شامال قاتارلىق تەبىئىي ھادىسىلەرنىڭ كۈچىنى بىلدۈرىدىغان ئۆلچەم بىرلىكى: بەش بال شامال، ئۈچ بال يەر تەۋرەش
10 . بالا- ئاتا- ئانىنىڭ پەرزەنتى: قىز بالا، ئوغۇل بالا
بالا- باشقا كەلگەن ئاپەت، پالاكەت، خەۋپ- خەتەر: بالا كەلسە قوش كەپتۇ.(ماقال )
بالا- ئۆينىڭ ئۈستىنى يېپىشتا سىنچى ياغاچ ئۈستىگە قويۇلىدىغان ۋاسا ئورنىتىدىغان ياغاچ: بالا بېشى ئەتمەك
11 . بەل- ئادەم ئورگانىزمىنىڭ نامى: بەل ئاغرىقى
بەل- تامچىلىقتا ئىشلىتىلىدىغان ئۇزۇن ساپلىق تۆمۈر سايمان، يۈزى ئادەمنىڭ ئىككى ئالىقىنىدەك چوڭلۇقتا بولىدۇ.
12 . بوز- كۆككە مايىل ئاق رەڭ: بوز ئات، بوز ئېشەك
بوز- ئېچىلمىغان، ئۆزلەشتۈرۈلمىگەن: بوز يەر، بوز توپا
13 . بۇرۇن- ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ پۇراش، نەپەسلىنىش ئەزاسى. بۇرۇن ياللۇغى،
بۇرۇن- ئىلگىرى، ئىلگىرىكى چاغلار: بۇرۇن بۇرۇندىكەن، تىرىق تۇلۇمدىكەن.
14 . بۇلىماق- زورلۇق كۈچى بىلەن تارتىۋالماق: ئاشلىق بۇلىماق
بۇلىماق- بۇغداي ئۇنى بىلەن شېكەردە ئېتىلىدىغان بوۋاقلار يېمەكلىكى: بۇلىماق ئەتمەك، بۇلىماق يېمەك
بۇلىماق- پاتۇرماق، تۈگۈرمەك، مىلىمەك: لازىغا بۇلىماق، توپىغا بۇلىماق
15 .بەلگە- نىشان: بىز بۇ دەرەخنى بەلگە قىلايلى!
بەلگە- ئادەمنىڭ بېلىگە كېلىدىغان: دەريا سۈيى بەلگە كېلىدىكەن.
16 . بىلەكلىك- بىلىكى بار: ئۇزۇن بىلەكلىك مايمۇن
بىلەكلىك- بىلەي بىلەن بىلەپ قويۇلغان: بىلەكلىك پىچاق، بىلەكلىك ئورغاق
17 . بۇرغا- كالا، قوتازنىڭ مۈڭگۈزىدىن ياسىلىدىغان، جەڭ مەيدانىدا چىلىنىدىغان بىر خىل ئەسۋاب: بۇرغا چالماق
بۇرغا- بۇرمىسىمان شەكىلدە تېشىدىغان ئەسۋاب: بۇرغا بىلەن تەشمەك، نېفىت بۇرغىلاش ئەترىتى
18 . بېغىر- ئىچ ئەزا، جىگىرى: قوينىڭ بېغىرى
بېغىر- بىر خىل رەڭنىڭ ئىسمى: بېغىر رەڭ
19 . بىنا- بىر قانچە قەۋەتتىن تەركىب تاپقان ئۆي، ئىمارەت: بەش قەۋەتلىك بىنا
بىنا- بەرپا بولماق، مەۋجۇت: بىنا قىلدۇق چۆللەردە\ يېشىل بوستان باغلارنى
20 . بىلەي- پىچاق قاتارلىق تىغلىق ئەسۋابلارنى سۈركەپ  ئىتتىكلىتىشكە ئىشلىتىلىدىغان كىچىك تاش: بىلەي تاش، قۇم بىلەي
بىلەي-«بىلىش» پېئىلىنىڭ 1 – شەخس بىرلىك كېلىدىغان زامان رايى:
-مەكتەپكە نېمە دەپ كەلدىڭ، بالام؟
- بىلمىگەننى بىلەي دەپ.
پ
1 . پات- يىپ ۋە رەختلەرنى قاتۇرۇپ، چىدامچانلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان سۇيۇق ئۇماچ: دوپپىغا پات بەرمەك
پات- ئارىدىن كۆپ ۋاقىت ئۆتمەي، تىز ، چاپسان: پات كېلىڭ، پات ئارىدا
پات- شاھماتتا ئىككى تەرەپنىڭ كۈچى ئاساسەن ئوخشاش كېلىپ، ئويۇن غەلىبىسىز تاماملىنىدىغانلىقىنى ھېسابلاش: ئويۇن پات بولدى.
2 . پاچاق- پۇتنىڭ تىزدىن تۆۋەنكى قىسمى، نەرسىلەرنىڭ يەرگە تېگىپ تۇرىدىغان قىسمى: ئۇزۇن پاچاق
پاچاق- پارچىلانغان، بۇزۇلغان، ئەبجەق: دۈشمەننىڭ ئىستىھكاملىرىنى پاچاقلايلى!
3 . پار- بىر يۈرۈش، بىر قۇر، ماس: بىر پار كىيىم، پار كېلىش
پار- سۇنىڭ گاز ھالىتى: پار قازىنى، پار مۇنچىسى
4 . پاشا- قان شورايدىغان بىر خىل ھاشاراتنىڭ نامى: پاشا چىقىۋالدى.
پاشا- بۇرۇنقى چاغلاردا تۈركىيە، مىسىر قاتارلىق دۆلەتلەردە مەمۇرى ئەمەلدارلارنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇنۋان نامى.
5 . پاڭ- قۇلىقى ئاڭلىماس، گاس: پاڭ قۇلاق
پاڭ- غول، شاخ ۋە يوپۇرماقلىرى زىيادە ئۆسۈپ، ھوسۇل بېرىشى كەم بولغان زىرائەت: يەرگە بەك كۆپ ئوغۇت بېرىۋەتسە زىرائەتلەر پاڭ بولۇپ كېتىدۇ.
6 . پاي- بىرەر تىجارەت ياكى كەسىپنى قىلىش ئۈچۈن شېرىكچىلىك ئاساسىدا قوشۇلغان ھەسسە، دەسمايە: پاي پۇلى، پاي قوشۇش
پاي  - جۈپ ئىشلىتىلىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەر بىرى: بىر پاي ئاياغ، بىر پاي چاق
7 . پايلىماق- بەرداشلىق بەرمەك، چىدىماق: بۇ ئاياغ بۇ بالىغا جىق بولسا بىر ئاي پايلايدۇ.
پايلىماق- يوشۇرۇن كۆزەتمەك، مارىماق، پېيىغا چۈشمەك: دۈشمەننى كۈندۈزى ئويلا، كېچىسى پايلا.(ماقال)
8 . پالاق- يېمەكلىكلەرنىڭ ئىسسىقتىن بۇزۇلۇپ كېتىشى: پالاق تۇخۇم
پالاق- ئۇچى يېسسى قىلىپ ياسالغان، ساپلىق ئۇزۇن ياغاچ: قىيىق پالىقى، پالاق توپ
9 . پەش- مۈشۈكنى قوغلاش، ھەيدەش ئىماسى: چىن تۆمۈر باتۇر سىڭلىسى مەختۇمسۇلاغا: «مەن كەتكەندىن كىيىن توخۇنى تاخ دېمە، مۈشۈكنى پەش دېمە!» دەپ تاپىلاپتۇ.
پەش- بىرەر ئىش بىلەن ماختانماق، دەسمايە قىلماق، دەستەك قىلماق: ھوقۇقىنى پەش قىلماق
پەش- تىنىش بەلگىسىنىڭ بىر تۈرى: پەش قويماق
پەش- چاپان، كۆڭلەك قاتارلىق كىيىملەرنىڭ ئالدى تەرىپى: چاپاننىڭ پېشى، پەش قاقماق
10 . پەنجە- قولنىڭ بارماقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قىسمى : قولنىڭ پەنجىسى
پەنجە- مىقدار سۆز، ئورۇلغان بۇغداي، ئوت- چۆپلەرنىڭ ئارا بىلەن بىر قېتىم كۆتۈرۈشكە بولىدىغان دۆۋىسى: بىر پەنجە بۇغداي
11 . پەي- قۇشلارنىڭ تېنىنى قاپلاپ تۇرىدىغان يۇمشاق تۈك: توخۇ پېيى، پەي قەلەم
پەي- بەدەندىكى مۇسكۇللارنى سۆڭەككە بىرلەشتۈرۈپ تۇرىدىغان ئاق رەڭلىك مۇستەھكەم ، ئەۋرىشىم   توقۇلما: پەي تارتىشىپ قىلىش
پەي- ئارمىيە قۇرۇلمىسىنىڭ شتات بىرلىكى، ليەندىن تۆۋەن، بەندىن يۇقىرى بولىدۇ. بىر پەي ئەسكەر
12 . پوست- سىرتقى قەۋىتى؛ يەر پوستى، پىيازنىڭ پوستىنى سويماق
پوست- ھەربىي قىسىم ۋە مۇھىم جايلارنى مۇھاپىزەت قىلىدىغان ئەسكەر، قاراۋۇل: پوستتا تۇرماق
13 . پوكان- ئادەم ۋە قۇشلارنىڭ كۆكرەك قىسمى: توخۇنىڭ پوكىنى، پوكۇنىنى چۇۋۇش
پوكان- چالا، تولۇق قۇرۇمىغان: كىرلەر پوكان بوپتۇ.
14 . پۇر- قۇشلارنىڭ توپلىشىپ ئۇچقان ئاۋازى: قۇشلار« پۇر» قىلىپ ئۇچۇپ كەتتى  .
پۇر- تارقالماق، يېيىلماق: ئالەمگە پۇر كەتمەك
15 . پۈتمەك- تاماملانماق، تۈگىمەك: ئىش پۈتتى.
پۈتمەك- يازماق، خاتىرىلىمەك: خەت پۈتمەك
پۈتمەك- تىنىپ كەتمەك، ئېتىلىپ قالماق: يىڭنىنىڭ تۆشۈكى پۈتۈپ قاپتۇ.
پۈتمەك- ئىشەنمەك: باشقىلارنىڭ سۆزىگە چىن پۈتمەك
16 . پىستە- مېغىزى ئىستېمال قىلىنىدىغان بىر خىل ئۆسۈملۈك ۋە ئۇنىڭ مېۋىسى: پىستە دەرىخى
پىستە- ئىتنىڭ بىر خىل سورتى، تاماشا ئۈچۈن بېقىلىدۇ. پىستە كۈچۈك
17 . پەن- بىلىم، ئىلىم: پەن تەتقىقاتى، پەن- تېخنىكا
پەن- ياغاچنى ھەرىلەپ تاختاي قىلىش: پەن تىلىش
پەن- ئالدام خالتا، ھىيلە: ئۇ مېنى پەنلەپ قويۇپتۇ.
18 . پىل- قۇرۇقلۇقتىكى ئەڭ چوڭ سۈت ئەمگۈچى ھايۋان. ئىسسىق بەلۋاغدا ياشايدۇ.  ئاق پىل    ، ئانا پىل
پىل- چىراغنىڭ كۆيۈۋاتقان چىغدىكى ھالىتى.  شام «پىل » قىلىپ ئۆچۈپ قالدى.
19.  پېئىل- گرامماتىكىلىق ئاتالغۇ. پېئىل- شەيئىلەرنىڭ ئىش- ھەرىكىتىنى، ئۆزگىرىشىنى، ئىپادىسىنى ۋە سېزىمىنى بىلدۈرىدىغان سۆز تۈركۈمى: ياردەمچى پېئىل، ئۆتۈملۈك پېئىل
  پېئىل-كىشى خاراكتېرىنى تەشكىل قىلغۇچى روھى خۇسۇسىيەتلەر يىغىندىسى، خاراكتېر، خۇلق: كىچىك پېئىل، خۇش پېئىل
20 . پۇڭ- يەر يۈزى ئۆلچەم بىرلىكى، كۆلىمى تەخمىنەن 66 كۋادرات مېتىرغا تەڭ. بەش پۇڭ يەر
پۇڭ- ئەڭ كىچىك پارچە پۇل بىرلىكى: 10 پۇڭ  بىر مو بولىدۇ.
ت
1 .تاپ- ھايۋانات ۋە جانلىقلارنىڭ ئۆلۈكى: ئېشەكنىڭ تاپى، قۇزغۇن تاپ يەيدۇ.
تاپ- ئېتىزنى ئاغدۇرغاندا قالغان قوش ئىزى: تاپ ئاچماق
تاپ- پەيت، پۇرسەت، ۋاقىت؛ شۇ تاپ، بۇ تاپ
تاپ- «تېپىش» پېئىلىنىڭ – شەخس بىرلىك بۇيرۇق راي. مەن مۆكۈپ بولدۇم،  قىنى مېنى چاپسان تاپ!
2 .تار- كەڭ ئەمەس: تار كوچا،نەزەر دائىرىسى تار
تار- چالغۇ ئەسۋابلارنىڭ تەۋرىنىپ ئاۋاز چىقىرىدىغان يىپى؛ دۇتارنىڭ تارى، بوم تار
3 . تارتما- ئۈستەل، ئىشكاپلارنىڭ تارتىپ چىقىرىدىغان ساندۇقچىسى. يېزىق شىرەسىنىڭ تارتمىسى.
تارتما- تارتىدىغان دېگەن مەنىدە. تارتما پۇرژىنا
تارتما- «تارتىش» پېئىلىنىڭ    شەخس بىرلىك بولۇشسىز بۇيرۇق رايى: چېچىمنى تارتما!
4 . تارىماق- تاغاق قاتارلىق نەرسىلەر بىلەن چاچنى رەتلىك قىلماق: چاچ تارىماق
تارىماق- توپتىن ئايرىلماق، تارقالماق، چېچىلماق: يىغىندىن تارىماق، بۇلۇت تاراپ كۈن چىقتى.
5. تاۋار- ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن ئىشلەپچىقىرىلغان ئەمگەك مەھسۇلاتى: تاۋار ئىگىلىكى، تاۋار ئالماشتۇرۇش
تاۋار- فابرىكىدا توقۇلغان، تېگى بىلەن گۈللىرىنىڭ رەڭگى ئوخشاش بىر خىل يىپەك رەخت: قىزىل تاۋار، تاۋار- دۇردۇن
6 . تاۋاق- ياغاچتىن ئويۇپ، قىرىپ ياسالغان تەخسە شەكىللىك قاچا، ئاياق: بىر تاۋاق قېتىق
تاۋاق- نەشرىيات، باسمىچىلىقتا ئىشلىتىلىدىغان ئاتالغۇ:  باسما تاۋاق، بىر تاۋاق قەغەز
7 . توغرا- خاتاسى يوق، مۇۋاپىق، لايىقىدا، ئۇدۇل: توغرا سۆز، توغرا كېسىپ ئۆتۈش، توغرا كېلىش
توغرا- «توغراش» پېئىلىنىڭ - شەخس بىرلىك بۇيرۇق رايى: سەينى تىز توغرا!
8 . توغراقلىق- توغراق دەرىخى كۆپ ئۆسكەن، توغراق بىلەن قاپلانغان جاي: توغراقلىق ئورمان
توغراقلىق- توغراپ قۇيۇلغان، توغرالغان: گۆش توغراقلىق، توغراقلىق سەي
9 . تازا- كىر ئەمەس، چاڭ قونمىغان، پاكىز: تازا كىيىم، تازا ھاۋا
تازا- راست، ئىنتايىن، ناھايىتى: ئۆزىنىڭ ئىززەت- ھۆرمىتىگە تېگىۋاتقان گەپلەرنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ تازا ئاچچىقى كەلدى.
10 . تاش- قاتتىق تاغ جىنسلىرىنىڭ بىر تۈرىنىڭ نامى: قورام تاش
تاش- ئىچكىرىگە نىسبەتەن سىرت: تاش گۆر، يوتقان تېشى
11 . تاق- ئىككىگە بۆلۈنمەيدىغان، جۈپى بولمىغان: تاق سان ، تاق كىشىلىك كارىۋات
تاق-  دەل دېگەن مەنىدە:  تاق ئۈستىگە چۈشمەك
تاق-ئاۋاز. ئىشىك «تاق» قىلىپ تاقالدى.
12 . تاڭ- سۈبھى، سەھەر: تاڭ ئاتماق، تاڭ سەھەر
تاڭ- بىلمەيمەن دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان ئېنىقسىزلىق ئىماسى:-مەمەت نەگە كەتتى؟ - تاڭ خەۋىرىم يوق.
تاڭ- ھەيران قىلىش مەنىسىدە: تاڭ قالماق
تاڭ- «تېڭىش» پېئىلىنىڭ - شەخس بىرلىك بۇيرۇق رايى: چېكەڭگە تاڭ!
13 . تال- يوپۇرماق تاشلايدىغان بىر خىل دەرەخ: تال كۆممەك، تال ئاچماق
تال- ئۇزۇن، ئىنچىكە نەرسىلەرنىڭ مىقدار سۆزى: بىر تال چاچ، بىر تال دان
تال- ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ ئىچكى ئەزاسىنىڭ بىرى، تال- قان دانچىلىرىنى ئىشلەش، تۆمۈر ماددىسىنى زاپاس ساقلاش، ماي ۋە ئاقسىللارنىڭ ماددا ئالمىشىشنى تەڭشەش قاتارلىق روللارنى ئوينايدۇ.
14 .تالا- ئۆي ئىچى ۋە ھويلىغا نىسبەتەن سىرت: تالاغا چىقماق، تالاغا قارىماق
تالا- تەبىئىي ياكى سۈنئىي ئىشلەنگەن يىپسىمان ماددا: ئىنچىكە تالا، سۈنئىي تالا
15 .تاماق- غىزا، تائام: تاماق يېيىش
تاماق- دېھقانلار يەر تاتىلاش ئۈچۈن ئىشىتىلىدىغان  بىر خىل سايمان: يەرنى تاماقداش
16. تاي-  ئاتنىڭ ئىككى ياشقا تولمىغان بالىسى: تايلىق بايتال
تاي – چوڭ قىلىپ چىڭداپ تېڭىلغان مال:  پاختا تايلىماق، بىر تاي پاختا
17 .تەر- ئادەمنىڭ تېرىسىنىڭ ئاستىدىن مەخسۇس بەزلەر ئاجرىتىپ چىقىرىدىغان سويۇقلۇق: تەر تامچىسى
تەر- چىراي، تەلەت، يۈزىنىڭ كۆرۈنۈشى: تەرىنى تۈرمەك، تەرى سۆرۈن
18 .تاقا- ئات ئۇلاغلارنىڭ تۇيىقىنىڭ ئاستىغا قېقىلىدىغان دۈگىلەك شەكىللىك تۆمۈر: ئاتنىڭ تاقىسى
تاقا- «تاقاش» پېئىلىنىڭ- شەخس بىرلىك بۇيرۇق رايى: گۈل تاقا! گالستۇكنى تۈزۈك تاقا!
تاقا-« ئېتىش»  پېئىلىنىڭ- شەخس بىرلىك بۇيرۇق رايى: ئىشىكنى مەھكەم تاقا!
19 . تەڭلىمە- ماتېماتىكىلىق ئاتالغۇ. تەركىبىدە نامەلۇم سان بولغان تەڭلىك. بىر نامەلۇملۇق  بىرىنچى دەرىجىلىك تەڭلىمە
تەڭلىمە- «تەڭلەش»پېئىلىنىڭ- شەخس بىرلىك بولۇشسىز  بۇيرۇق رايى: قول تەڭلىمە!
20 . تامغا – مەخسۇس بەلگە ئويۇلغان، شەخس ۋە ئورۇننىڭ قانۇنلۇق ئىمزاسى سۈپىتىدە قوللىنىلىدىغان قورال: تامغا بېسىش، ھۆكۈمەت تامغۇسى
تامغا – تامنىڭ ئۈستىگە دېگەن مەنىدە: تامغا چاپلاش، تامغا چىقىش
21 .تەن-بەدەن، گەۋدە: تەن ساقلىق، تەن تۈزۈلۈشى
تەن- مەلۇم بىر ئىشنىڭ ئۆز زىممىسىدە ئىكەنلىكىنى ئىقرار قىلماق: خاتالىقىنى تەن ئالماق، تەن بەرمەك
22 . توپ- ئوراپ تېڭىلغان ، تىزىپ دەستىلەنگەن : بىر توپ قەغەز، توپ مال
توپ-شار شەكىلدىكى تەنتەربىيە قورالى: چويۇن توپ، توپ ئويناش
توپ- چوڭ كالبىرلىق زەمبىرەك: توپ ئاتماق، توپ ئوقى، توپقا تۇتماق
23 . توپچى- داۋاملىق توپ ئوينايدىغان ئادەم: ئۇ بىزنىڭ كوماندىنىڭ توپچىسى
توپچى- ھەربىي قىسىمدا توپ بىلەن قوراللانغان قىسىمدا ئىشلىگۈچى: توپچىلار قىسمى
24 . توپىلاڭ- قالايمىقان ئۇرۇش- جېدەل ، ماجىرا، ئىسيان، غەلىيان: توپىلاڭ كۆتۈرۈش
توپىلاڭ- يۇمشاق توپا  بىلەن قاپلانغان: توپىلاڭ يول
25 . تور- يىپ ياكى سۈنئىي تالادىن كاتەك- كاتەك كۆزلۈك قىلىپ  توقۇلغان توقۇلما: بېلىق تورى، تور تاشلىماق
تور- بىر جىسىمنىڭ يەنە بىر جىسىمغا ئۇرۇلۇشىدىن ئۆز ھەرىكىتىگە قوشۇلىدىغان قوشۇمچە كۈچ، تەسىر، ۋەزىن : تور كېتىش، گېپىنىڭ تورى بار
26 . توسماق- بىرەر نەرسە بىلەن قورشىماق، تورىماق، چەكلىمەك: يول توسماق، ھويلا توسماق
توسماق- بوۋاق ۋە كىچىك بالىلارنى ھاجەت قىلىشقا ئەپلىك قىلىپ تۇتۇپ تۇرماق: بالىنى توسماق
27 . توقال- مۈڭگۈزسىز: توقال كالا
توقال- خوتۇن ئۈستىگە ئالغان كىچىك خوتۇن: دەرغەزەپ بولغان پادىشاھ توقالنى ئۆلۈمگە بۇيرۇپتۇ.
28 . توقۇماق- بىر- بىرىگە چېتىپ، ھەر خىل شەكىلدىكى بويۇم ھالىتىگە كەلتۈرمەك: پوپايكا توقۇماق، سېۋەت توقۇماق
توقۇماق: ئات- ئۇلاغلارغا ئېگەر ۋە توقۇم ئارتىپ جابدۇماق: ئات توقۇماق، ئېشەكنى توقۇماق
توقۇماق- قۇراشتۇرۇپ، بىرلەشتۈرۈپ، ئويدۇرۇپ چىقارماق: ھېكايە توقۇماق
29 . توم- توغرا كەسمە يۈزى ، ئايلانمىسى چوڭ: توم ياغاچ، يۈرىكى توم ،
توم- بىر قانچە قىلىپ تۈپلەنگەن ئەسەرنىڭ ھەر بىر كىتابى: بىرىنچى توم
30 . تون- خەنزۇ يېزىقىدىكى ھەر بىر خەتنىڭ ئوقۇلۇشىدىكى ئاھاڭنىڭ يۇقىرى ياكى تۆۋەنلىكى: تون بەلگىسى
تون- ئالدى ئوچۇق، تۈز ياقىلىق، ئۇزۇن سىرتقى كىيىم:
ئالىم- ئەدىبلەرگە تون كىيدۈرۈش – خەلقنىڭ ئۇلارغا بولغان  ھۆرمەت – ئىھتىرامىدۇر.
31 . تۇتاش-بىر- بىرىگە ئۇلاشماق، تېگىشىپ تۇرماق: تۇتاش قاچىلار، تۇتاش كەتكەن تاغلار
تۇتاش- ئوت ئالماق، كۆيۈشكە باشلىماق: ئوت تۇتاشتى.
32 . تۇتۇق- ئېنىق ئەمەس، مۈجمەل: ھاۋا تۇتۇق، پوزىتسىيىسى تۇتۇق
تۇتۇق- خەن سۇلالىسى دەۋرىدە غەربى زېمىندا تەسىس قىلىنغان مەمۇرى ئىشلار ۋە مىللەتلەر ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان ئەمەلدار: تۇتۇق مەھكىمىسى
تۇتۇق- نامىنى ئاتىۋالغان، ئۆزىگە تىكلىۋالغان: تۇتۇق ئاتا، تۇتۇق ئوغۇل
33. تۇرۇپ- سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك، كۆكتات ھېسابلىنىدۇ. تۇرۇپ تىرىش
تۇرۇپ- قارتا ئويۇنىدا ئويۇن تۇتۇلغان قارتىنى تاشلاشتا ئاتىلىدىغان سۆز: تۇرۇپ تارتىش
تۇرۇپ- ساقلاش، كۈتۈش مەنىسىدە: خاپا بولماي بىردەم تۇرۇپ تۇرۇڭ.
34. تۇز- ئاش تۇزىنىڭ ئومۇمى ئاتىلىشى: ئادەمنىڭ تەمى سۆز بىلەن، ئاشنىڭ تەمى تۇز بىلەن.(ماقال )
تۇز- قارتا ئويۇنىدىكى ئەڭ چوڭ، ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان ۋە بىرلا قارتا بەلگىسى چۈشۈرۈلگەن كارتا: قاغىنىڭ تۇزى، چىللىكنىڭ تۇزى
35 . تۇزلۇق- تەركىبىدە تۇز مىقدارى يۇقىرى: تۇزلۇق كۆل، تۇزلۇق ئاش
تۇزلۇق- ئېرىتىلگەن تۇزنى ساقلايدىغان چوڭ قاچا، ئىدىش: تۇزلۇق قاپاق
36 . تۇيۇق- ئاخىرى يوق، ياخشى بولمىغان دېگەن مەنىلەردە: تۇيۇق يولغا كىرىپ قالماق،
تۇيۇق- 1-2-4 – مىسرالىرى شەكىلداش سۆزلەردىن قاپىيىلىشىپ كەلگەن سۆز ئويۇنى شەكىلدىكى ، تولۇق ئاياغلاشقان ئوي – پىكىرگە ئىگە تۆت مىسرالىق شېئىر.
37 .تۆشۈك- تېشىلگەن جاي، يىرىق، كامار: تۆشۈك مونچاق، يىڭنە تۆشۈكى
تۆشۈك- ئۆينىڭ سۇپرا، قازان – قومۇش قاتارلىق تاماق سايمانلىرى ئورۇنلاشقان جاي: تۆشۈكلۈك، تۆشۈكلۈككە ئۆتمەك، تۆشۈكنىڭ ھۆددىسىدىن چىقماق
38 . تۈپ- ئەسلى، ئەسلىدىكى دېگەن مەنىلەردە: تۈپ يىلتىز، تۈپ سان، تۈپ مەنبە، تۈپ سۆز
تۈپ- ئۆسۈملۈك ۋە دەرەخنىڭ دانىسى: ھەر تۈپ كۆچەت، بىر تۈپ ئالما
39 .تېگىشمەك- ئالماشتۇرماق، يەڭگۈشلىمەك: قوينى كالىغا تېگىشمەك، كونىسىنى يېڭىغا تېگىشمەك
تېگىشمەك- تېگىپ كېتىش، ئۇچرىشىش مەنىسىدە: سۆگەتنىڭ ئۇچلىرى سۇغا تېگىشىپ تۇراتتى.
40. تىرىپ- قاينىتىپ شىرنىسى ئىلىنغان ياكى ئېچىتىلغان سۇيۇقلۇقلارنىڭ چۆكمىسى: شىرنىنىڭ تىرىپى
تىرىپ- يىغىش، توپلاش مەنىسىدە: ئوتۇن تىرىپ كېلىش، تىرىپ- تۈشەپ
41 . تىنماق- ئۆپكىسىگە تاز ھاۋا سۈمۈرۈپ، ئانىدىن سىرتقا چىقارماق: ئۇلۇغ كىچىك تىنماق، كۈچەپ تىنماق
تىنماق- ئىچىگە قۇم، لاي- لاتقىلار چۆكۈپ توشۇپ كەتمەك، سۈزۈلمەك: لاي سۇ ئاخىرى تىنىپتۇ. قۇدۇق تىنىپ كېتىپتۇ.
42. تىيىن- بىر كوينىڭ يۈزدىن بىرى، سېنىت: بىر تىيىن
تىيىن- سۈت ئەمگۈچى ھايۋان. تىنى چاشقاندىن چوڭراق، قۇيرۇقى يوغان بولىدۇ، تىيىن ئادەتتە قارىغايلىقتا ياشايدۇ.
43.تىك- «تىكىش» پېئىلىنىڭ- شەخس بىرلىك   بۇيرۇق رايى: ئانارنى چۆلگە تىك، ئەنجۈرنى كۆلگە تىك .(ماقال )
تىك- تۈز، ئاسماندىن يەرگە ئۇدۇل چۈشكەن: تىك تۇرۇش
44 . تىللا: ئالتۇن تەڭگە: ئالتۇن تىللا
تىللا- «تىللاش» پېئىلىنىڭ- شەخس بىرلىك    بۇيرۇق رايى:
بولدى ئېغىزىڭنى يۇم،  تىللا دېسە شۇنداقمۇ تىللىغان بارمۇ؟  
45. تالالىق-      
تالالىق كىيىم، تالالىق قىلماق
تالالىق-
ئۇزۇن تالالىق پاختا

ج
1.جۇۋا- تېرىدىن تىكىلگەن سىرتقى كىيىم: جۇۋا كىيمەك، جۇۋا تىكمەك
جۇۋا- ئاشلىق بازىرى.
2. جىڭ- راست، يالغان ئەمەس، ئىشەنچلىك: جىڭ مال، جىڭ گەپ، جىڭ ئالتۇن
جىڭ- ئېغىرلىق ئۆلچەم بىرلىكى: بىر جىڭ گۆش، بىر جىڭ ماي
چ
1. چاپماق- ئات ۋە ئېشەكنى تەبىئىي ئۇسۇلدا ئۇرۇقلاندۇرماق: ئايغىرنى چاپتۇردى.
چاپماق- بىرەر يۆنىلىشنى بويلاپ تېز ھەرىكەت قىلماق، يۈگۈرمەك: ئات چاپتى، تىز چاپ!
چاپماق- تىغلىق ئەسۋابلار بىلەن كۈچەپ كەسمەك: پالتا چاپماق، قىلىچ چاپماق ، ئۆستەڭ چاپماق  
چاپماق- ئادەم ۋە نەرسىلەرنىڭ بىرەر جايىغا شىلىمسىمان سويۇقلۇق ياكى مەلھەمدەك نەرسىلەرنى سۈركىمەك؛ يىلىم چاپماق، دورا چاپماق
2 . چاتاق- پېشكەللىك، مەسىلە، ئوڭۇشسىزلىق: چاتاق چىقتى، چاتاق بولدى.
چاتاق- دەرەخ غولىدىن ئايرىلىپ چىققان شاخ، پۇتاق: دەرەخنىڭ چاتىقىنى پۇتىماق، چاتاق ئايرىماق
3 . چاچ- ئادەمنىڭ بېشىدا ئۆسىدىغان تۈك: چاچ تارىماق، قارا چاچ
چاچ- «چېچىش» پېئىلىنىڭ - شەخس بىرلىك   بۇيرۇق رايى: توخۇغا دان چاچ!،  ئۇرۇق چاچ!
چاچ- قوي، كالا قاتارلىق چارۋىلارنىڭ ئومۇرتقىسىنى بويلاپ ئورۇنلاشقان سىڭىر.
4 . چار- بۇغداي، ئارپا  باشاقلىرىنىڭ پوستىدىن ئاجرالماي قالغان دېنى: چار سوقماق، چار تەپمەك
چار- ئاق بىلەن قارا ئارىلاشقان: چار ساقال، چار يىلان، چار خوراز
5 . چارەك- ئېغىرلىق ئۆلچىمى، چارەك بەزى جايلاردا 10 كىلوگرامغا، بەزى جايلاردا سەككىز كىلوگرامغا، بەزى جايلاردا 11 كىلوگرامغا تەڭ:  بىر چارەك بۇغداي
چارەك- بىرەر نەرسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ياكى ۋاقىتنىڭ تۆتتىن بىرى: چارەك سائەت، چارەك ئەسىر، سائەت 4 دىن چارەك ئۆتتى.
6 . چازا- تەكشۈرۈش ئۈرنى، قاراۋۇلخانا: چازا قۇرماق
چازا- چاچ قىسىدىغان تۆمۈر ياكى سۇلياۋدىن ياسالغان بويۇم: چازا قىسماق
چازا- باداشقان قۇرۇپ ئولتۇرماق: چازا قۇرۇپ ئولتۇرماق
7 . چاس- ھەربىيچە سالام. چاس بەرمەك
چاس – كىنو سېنارىيىنىڭ ھەر بىر بۆلىكى .
8. چاغ- خۇشال، خۇرسەن، شاد، كۆڭلى چاغ.
چاغ - دەۋر، مەزگىل، پەيت. قاش قارايغان چاغ.
چاغ- ئىتنى قوغلاش، ھەيدەش ئۈچۈن ئېيتىلىدۇ. ئېتىمۇ «چاغ» دېسە كېتىدۇ.
9. چاقماق- بۇلۇت بىلەن بۇلۇت ئوتتۇرىسىدا يۈز بېرىدىغان زەرەتلىنىش ھادىسىسى. چاقماق چېقىش.
چاقماق – كىچىك ۋە ئەپلىك بولغان ئوت ياندۇرۇش ئەسۋابى. گاز چاقماق.
چاقماق- تۆت بۇرجەك، چاسا شەكلىدىكى . چاقماق قەنت، چاقماق گۈللۈك رەخت
چاقماق- ئۇرۇپ – سۇندۇرماق، پارچىلىماق. قۇلۇپنى چاقماق، ئەينەك چاقماق.
10. چاك- ئاراچ، يىرىق، دەز. چاك كەتمەك.
چاك- ئېغىزىنى تامشىتىشتىن چىققان ئاۋاز. ئېغىزنى چاكىلدىتىپ قالماق.
11. چاڭ- ئۇچۇپ يۈرگەن ئۇششاق توپا ۋە زەررىچىلەر. چاڭ باسماق، چاڭ قونماق
چاڭ- پەنجە، قول. كىشىنىڭ نېسىۋىسىگە چاڭ سالما!
چاڭ- شەكلى ساندۇققا ئوخشايدىغان، ئۈستىگە نۇرغۇن سىم تارىلار تارتىلغان، ئىككى تال چوكا بىلەن ئۇرۇپ چالىدىغان چالغۇ ئەسۋابى. چاڭ چالماق.
12. چالماق- چالغۇ ئەسۋابلىرىنى ئۇرۇپ ، بېسىپ، چېكىپ، پۈۋلەپ، سۈركەپ ئاۋاز چىقارماق. دۇتار چالماق.
چالماق- بىر نەرسىگە يەنە بىر نەرسىنى قوشماق، ئارىلاشتۇرماق. ئۇماچ چالماق. تۇخۇم چالماق.
13. چالما- قاتتىق توپا، داڭگال، ئۇ يەردىن بىر تال چالمىنى ئېلىپ ئىتقا ئاتتى.
چالما- پېئىلنىڭ شەخس بىرلىك بۇيرۇق رايى. بولدى، دۇتارنى چالما! قالايمىقان چالما!
14. چەك – بىلەت، كارتا، مەلۇم ئەمەلىي نەرسىلەرنىڭ ئورنىغا ۋاكالىتەن ئىشلىتىلىدىغان ئىناۋەتلىك قەغەز. چەك تارتماق.
چەك-  بانكىنىڭ پۇل ئېلىش، پۇل بېرىش مۇئامىلىسىدە ئىشلىتىدىغان ھۆججەت. بانكا چېكى. چەك كېسىپ بەرمەك
چەك – ئاخىرقى نۇقتىسى، چېگراسى، توختاش نۇقتىسى، ئاخىرقى چەك، چېكىگە يەتمەك .
15. چەكمەك – بارماق، زەخمەك قاتارلىقلار بىلەن ئۇرماق. ئىشىك چەكمەك.
چەكمەك- تارتماق، سۈمۈرمەك، تاماكا چەكمەك .
16. چوت- تۆت ئەتراپى توسۇقلۇق، ئىچىدە ئۇرۇقلىرى بار بىر خىل ھېسابلاش ئەسۋابى. چوت سوقماق .
چوت- پىلان، مۆلچەر. خام چوت، نەق چوت.
چوت- ياغاچچىلار ئىشلىتىدىغان، كەكىگە ئوخشاش، سېپى ۋە ئۆزى كەكىدىن چوڭ بولغان چېپىش، يونۇش قورالى. چوت چاپماق.
17. چۆپ- ئۇلاغ يەيدىغان ئوت. چۆپ ئۇرۇش.
چۆپ- نېپىز يېيىلىدىغان، ھەر خىل شەكلىدە كېسىلگەن خېمىر . توخۇ گۆشى چۆپى.
18. چۆچەك- ئەدەبىياتنىڭ بىر تۈرى. چۆچەك ئاڭلىماق .
چۆچەك – ياغاچتىن ئۇيۇپ ياسالغان چىنە.  بىر چۆچەك قېتىق. يىلىم چۆچىكى.
19.  چۆرە- يېقىن ئەتراپ.  ئۆينىڭ چۆرىسى.
چۆرە- سېتىۋالغان ئايال  قۇل. چۆرە قىز.
20. چۆچەك- ئاچچىق بىلەن تاتلىقنىڭ ئارىلىقىدا. چۈچۈمەل تەم. چۈچۈك ئالما. ئاچچىق  - چۈچۈك .
چۈچۈك- بوۋاق بالىلاردىكى چوڭ تەرەت كەلمەيدىغان كېسەل. چۈچۈك كېسىلى.
21. چۈش- ئۇيقۇ جەريانىدا ھاسىل بولغان . مىڭىدا ئەكس ئەتكەن ئوبرازلار . چۈش كۆرمەك.
چۈش- قۇياش تىك كۆتۈرۈلگەن چاغ. چىڭقى چۈش. چۈش ۋاقتى.
چۈش- پېئىلىنىڭ شەخس بۇيرۇق رايى. دەرھال پەسكە چۈش!
22. چاق – قاتناش قوراللىرى، ھەرخىل ئەسۋابلار ۋە قۇرۇلمىلارنىڭ ئايلىنىدىغان دۈگىلەك قىسمى. چىشلىق چاق، قۇم چاق .
23. چاق- پېئىلىنىڭ شەخس بۇيرۇق رايى. ئۇر – چاق! ، پىيالىنى چىقىۋەتمەك !. بادامنى چاك. مېغىزنى چاق.
24. چۈشمەك – چۈش كۆرمەك. توخۇ داڭگال چۈشەر، ئۆچكە داڭگال (تەمسىل)
چۈشمەك- باغلىماق، چاتماق. كىشەنلىمەك، ئاتنىڭ پۇتىنى چۈشمەك.
25. چېچەك- مېۋىلىك ئۆسۈملۈكلەرنىڭ  كۆپىيىش ئورگىنى، گۈلى. ئۆرۈك چېچىكى .
چېچەك- ئۆتكۈر يۇقۇملۇق كېسەل. دەسلەپ قىزىپ، پۈتۈن بەدەنگە قىزىل رەڭدىكى دۆڭچە ئەسۋىلەر چىقىدۇ. چېچەك ۋاكسىنىسى.
26. چىشى- ئەركەك ھايۋاننىڭ ئەكسى، چىشى ھايۋان.
چىشى- ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ ئورگىنى. چىشى سارغايماق. چىشى قانىماق.
27. چىم- چىمدىش. چېقىش، سانجىش ياكى بەزى ئۆزگىرىشلەر تەسىرىدە بەدەندە پەيدا بولىدىغان سېزىم. چۈمۈلە «چىم » قىلىپ چىقىۋالدى.
چىم – بىر خىل ئوت. چىم ئۈستۈرۈش.
خ
1. خاڭ- كۆمۈر قېزىلىدىغان. مەخسۇس تەييارلانغان ئورۇن. خاڭ ئاچماق.
خاڭ-  ئۇلىنى چىڭداش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان قۇرۇلۇش سايمىنى. خاڭ سوقماق. تۆمۈر خاڭ.
2. خام – پىشمىغان ، چالا، خام تۇخۇم. خام گۆش. خام ماتېرىيال
خام-پاختا يىپتىن توقۇلغان ، ئاق رەڭلىك  سىدام، بىر خىل يەرلىك رەخت. خام توقۇماق.
3. خوردا – بېلىقنىڭ  ئاساسى ئىسكىلىتى. خوردىلىق ھايۋانلار.
خوردا – ماتېماتىكىلىق ئاتالغۇ. بىر خىل تۇز سىزىق چەمبەر بىلەن ئىككى نۇقتىدا كېسىشكەندە، ئۇنىڭ چەمبەر ئىچىدىكى قىسمى خوردا دېيىلىدۇ.
خوردا – بىرەر ئىش – ھەرىكەتكە ، قىلىققا ئادەتلىنىپ قالماق. ئۆگىنىپ قالماق. خوردا بولماق.
4 .خۇشتار - ئىشتىياقى بار، ھەۋەس قىلىدىغان، زوقمەن. گەپكە خۇشتار، مەن ساڭا خۇشتار.
خۇشتار- ئۇيغۇرلار يېڭىدىن  ئىجات قىلغان، كامانچە بىلەن چالىدىغان بىر خىل چالغۇ ئەسۋابى. خۇشتار چالماق.
د
1. داغ – باشقا نەرسىلەر تېگىپ بۇلغانغان جاي، ئىز، قان دېغى. يۈزىدە داغ بار.
داغ- قاينىتىلغان، قىزدۇرۇلغان، ماي داغلاش.
2. داڭ- ۋەھىمىدىن ئۆزىنى يوقىتىپ تۇرۇپ قالغان ھالەت. داڭ قالماق. داڭ قېتىپ قالماق.
داڭ- مېتالدىن ياسالغان، ئۇرسا قاتتىق ئاۋاز چىقىدىغان نەرسە، داڭ چالماق، داڭ ئۇرماق.
داڭ- داڭ چىقارماق، نام – ئاتاق داڭ چىقارماق. داڭ ئالماق.
3. داۋا- كېسەلنى ساقايتىش چارىسى. ساپ ھاۋا-تەنگە داۋا (ماقال)
داۋا- جازا، ئەدىپىنى بەرمەك، داۋا ئىشىتمەك. داۋىسىنى بەرمەك
داۋا- يەرلىك ئۇسۇلدا رەخت بوياش ماتېرىيالى قىلىنىدىغان يۇلغۇن چېچىكىنىڭ بىر خىلى .
4. دەستە- ھەرخىل ئەسۋابلارنىڭ قۇل بىلەن تۇتىدىغان قىسمى. پىچاق دەستىسى.
دەستە – بىر تۇتام قىلىپ تىزىلغان باغ، باغلام. بىر دەستە گۈل
5. دەم – ئىشىكىنى تىرەپ قويىدىغان ياغاچ . ساڭا قاراپ مەن، ئىشىككە قاراپ دەم(ماقال).
دەم- نەپەس، تىنىق. دەم سىقىلىش. دەم ئالالماسلىق.
دەم – ۋاقىت، پەيتى، چاغ. شۇ دەم. بىر دەم.
6. دەملىمەك- دەم بىلەن تاقىماق . ئىشىكنى دەملىمەك .
دەملىمەك – ئېغىزىنى يېپىپ تەمىنى چىقارماق.  چاي دەملىمەك . پولۇنى دەملىمەك.
7. دۆلەت- بىر دۆلەتكە تەۋە پۈتكۈل زېمىن . دۆلەت تەۋەلىكى. دۆلەت چېگراسى.
دۆلەت – مال-دۇنيا، بايلىق، بەخت-سائادەت. بېشىغا دۆلەت قۇشى قونماق، دۆلەت كەلمەك. دۆلەت كۆرمەك .
8. دىن- بىر خىل ئىجتىمائىي ئىدېئولوگىيە. ئۇ ئىلاھى كۈچكە ئىشىنىشكە ئاساسلانغان دۇنياغا قاراش، ئىسلام دىنىي. بۇددا دىنىي ماركسىزملىق دىن قارىشى.
دىن – چىقىش كېلىش قوشۇمچىسى. قەشقەردىن، ئۈرۈمچىدىن،نەدىن ؟ - تاغدىن.
9. دەڭ- يولۇچىلار چۈشىدىغان ۋ ئۇلارنىڭ ئات ئۇلاغلىرىغا قارايدىغان قونالغۇ. ساراي. كونا دەڭ.
دەڭ- ئېيتىش، سۆزلەش مەنىسىدە، گېپىڭىز بولسا تېزرەك دەڭ!
10. دىۋان- ئەرزىي ئاتالغۇ. توپلام مەنىسىدە . شېئىرى توپلىمى.
دىۋان- كىرىسلو، ساپا.
دىۋان – خان ۋە پادىشاھلىق تۈزۈمدىكى دۆلەتنىڭ باش مەھكىمىسى. دىۋانغا كىرىش.

ر
1. راك - بوغۇم ئاياغلىق ھايۋان. راك باقماق. راك قورۇمىسى.
راك- يامان سۈپەتلىك ئۆسمە. ئاشقازان راكى.
راك – ئۇيغۇر كلاسسىك مۇزىكىسى «12مۇقام» نىڭ بىرىنچىسىنىڭ نامى . راك مۇقامى .
2. رام- قۇرۇلما، گەۋدە، دېرىزە رېمى.  ئاپتوموبىلنىڭ رېمى. ۋېلىسىپىت رېمى.
رام- جەلپ قىلماق، مايىل بولماق. ئۆزىگە رام قىلىۋالماق. رام بولماق.
3. رەت – ئىنكار قىلىش، قوبۇل قىلماسلىق، رەت قىلماق.
رەت – قۇر، قاتار، سەپ، تەرتىپ. رەتكە تىزىلىش، رەت بويىچە.
4. رەسىم- كىشىلەر ئارىسىدا ئومۇملاشقان تەرتىپ- قائىدە، ئۆرۈپ – ئادەت. رەسىم –قائىدە، رەسىم بولۇپ قالماق.
رەسىم – سىزىلغان، بېسىلغان، ئادەم ۋە نەرسىلەرنىڭ تەسۋىرى . رەسىم سېزىش.
5. رۇس- تۇز، دۇرۇس، راۋۇرۇس. رۇس ئولتۇرۇش، قەددىڭنى رۇسلا!
رۇس- مۇشۇ نام بىلە ئاتالغان مىللەت ۋە بۇ مىللەتكە تەۋە كىشى. رۇس مىللىتى.

ز
1. زاڭ- قوناق ئۇنىدىن قويۇق قىلىپ چېلىپ ئېتىلىدىغان بىر خىل تاماق. ئۇ پىشقاندىن كېيىن ئۈستىگە سەي سېلىنىپ يېيىلىدۇ.
زاڭ- خىيانەت قىلىش، پارا ئېلىش ياكى ئوغرىلىق قىلىش قاتارلىق قانۇنسىز ۋاسىتىلەر ئارقىلىق قولغا كەلگەن مال – مۈلۈك . زاڭ مال.
زاڭ- گەپ- سۆز، قىلىقلىرى تېتىقسىز، ماز. زاڭ نېمە؟ زاڭ ئادەم.
2. زەي- ھۆل –يىغىن ۋە سۇ ئورنىنىڭ تەسىرىدىن سۇ ۋە نەملىك ئۆتۈپ كەتكەن يەر . زەي يەر .
زەي- تىرە، ئۈچەيدىن ياسالغان تار. زەي تار.
زەي- ئۆي جاھازلىرى ۋە پىچاقنىڭ گىرۋىكىگە ئويۇپ چىقىرىلغان ئېرىقچە. زەي رەندە. پىچاقنىڭ زېيى .
3. زىرە- پۇراقلىق ئۆسۈملۈك ۋە شۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ئۇرۇقى. پولۇغا زىرە سېلىش.
زىرە- ئاياللارنىڭ قۇلىقىغا تاقايدىغان بىر خىل زىننەت بۇيۇمى. ئالتۇن زىرە.

س
1. ئەسۋابنىڭ  قول بىلەن تۇتىدىغان قىسمى . چۆمۈچ سېپى. كەتمەننى ساپلىماق .
ساپ- سۈزۈك، پاكىز، پۈتۈنلەي، تامامەن. ساپ ھاۋا. ساپ ئالتۇن.
2. ساپلىق – مېتالدىن ياسالغان، ساپ بېكىتىلگەن چوڭ چۆمۈچ شەكىللىك  قازان. ساپلىقتا سەي قورۇش .
ساپلىق – سېپى بار، ساپ بېكىتىلگەن. كالتە ساپلىق، ساپلىق ياغاچ.
ساپلىق – پاكىز بولۇش. ئارىلاشمىلاردىن خالى بولۇش. ساپلىق دەرىجىسى.
3. ساز- ئۇيغۇر مىللىي چالغۇ ئەسۋابلىرىنىڭ ئومۇمىي نامى. مۇزىكا، سادا. ساز چالماق. ساز ئاڭلىماق.
ساز – ياخشى ، جايىدا، يېقىملىق، تەڭشەك. ئاز بولسۇن، ساز بولسۇن(ماقال). دۇتارنى سازلىماق.
ساز – زەيكەش يەر. تازنى ئەر بولمايدۇ دېمە، سازنى يەر بولمايدۇ، دېمە!(ماقال)
4. سالا- مەلۇم يۆنىلىش بىلەن يول – يول قىلىپ تەكشىلەنگەن. تۈپتۈز سالا ئېتىز.
سالا- كېلىشتۈرگۈچى ياكى رايدىن قايتۇرۇش  ئۈچۈن قىلىنغان دەۋەت، تەكلىپ، مەسلىھەت سالا قىلماق. سالاچى.
5. سالما- كەسلەنچۈك ئائىلىسىدىكى بىر خىل ھايۋان. قۇملۇق ئېتىزلاردا ياشايدۇ. قۇلاق سالمىسى .
سالما- ھايۋانلارنى قوغلاپ تۇتۇشتا ئىشلىتىدىغان بىر  ئۈچى سىرتماق چەمبەر شەكلىدە يۆگەلگەن ئۇزۇن ئارغامچا.
سالما – پېئىلىنىڭ شەخس بىرلىك بۇيرۇقى رايى. چاپىنىڭنى سالما. تارتمىغا سالما.
6. ساما – ئاسمان، كۆك. سامادا پەرۋاز قىلماق.
ساما- ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مىللىي ناغرا ئۇسۇللىرىدىن بىرى. كۆپىنچە ھېيت – بايراملاردا ئوينىلىدۇ. ھېيتگاھتا ساما ئوينىماق .
7. سال – كۆل، دالالاردا يۈرۈش ياكى ئۇنىڭدىن ئۆتۈش ئۈچۈن ياغاچنى بىر – بىرىگە چېتىش ئارقىلىق ياسالغان قاتناش قورالى. سال ياساش.
سال - پېئىلىنىڭ شەخس بىرلىك بۇيرۇقى رايى. كىيمىگىنى سال! كىتابنى سومكىغا سال .
8. سان – شەيئىلەرنىڭ ئاز – كۆپلۈكى ، مىقدارى. پۈتۈن سان. كۆپ سان
سان – كالا، قوينىڭ ئارقا پۇتى، يوتا قىسمى. سان گۆش .
9. سەر- ئېغىرلىق ئۆلچەم بىرلىكى. بىر جىڭنىڭ ئوندىن بىرى. بىر سەر ئالتۇن.
سەر – ئالدىنقى قاتاردىكى ، خىللانغان ، باشلامچى  سەرلەشكەر .
10. سەراپ- مۇنچا، ھاممام، سەراپقا چۈشمەك .
سەراپ- ئېزىتقۇ. چۆلدە سەراپ كۆرۈلدى.
11. سەندەل – تۆمۈرچى، زەرگەر، مىسكەرلەرنىڭ تۆمۈر قاتارلىق مېتاللارنى ئۈستىدە قويۇپ، بولقا بىلە ياكى بازغان  بىلەن ئۈرۈپ بىر نەرسە ياسايدىغان ئەسۋابى. تۆمۈرچىنىڭ سەندىلى.
سەندەل – دائىم يېشىل تۇرىدىغان ، ياغىچى چىڭ ۋە خۇشپۇراق دەرەخ. سەندەل ياغىچى.
سەندەل – چەمى نېپىز، پاشنىسىز ۋە يەڭگىل قىلىپ تىكىلىدىغان بىر خىل  يازلىق ئاياغ كىيىمى. سەندەل كىيمەك .
سەندەل –يىغقىلى بولىدىغان ، كىچىك ھەم ئەپچىل قىلىپ ياسالغان بىر خىل ئورۇندۇق.
12. سودا – تەركىبىدە ناترىي كاربونات بولغان ئانئورگانىك بىرىكمە. سودا سۈيى.
سودا – سېتىش – سېتىۋېلىش شەكلىدە تاۋار ئالماشتۇرۇلىدىغان ئىقتىسادىي پائالىيەت. سودا ئىشلىرى. سودا قىلماق.
13. سوقا- يۇمىلاقمۇ ئەمەس، ئۇزۇنمۇ ئەمەس. سوقا چىلان. سوقا تاش.
سوقا- شالنى ئاقلايدىغان ھاۋانچا شەكىللىك قۇرۇلما. سوقا ھەيدىمەك.
14. سول – ئورمىچىلار بۇغداي ئورغاندا مەلۇم كەڭلىكتە ئورۇپ ماڭدىغان يولى. سول ئالماق. ئاش تەڭ، نان تەڭ، سول نېمىشقا تەڭ ئەمەس؟(ماقال)
سول – گەۋدىنىڭ يۈرەك جايلاشقان تەرىپى. سول يان . سول قول.
15. سۇنماق- ئوشتۇلماق، پارچىلىنىپ كەتمەك. سۆڭىكى سۇنماق. تەرىتى سۇنماق.
سۇنماق- ئۇزاتماق، تەڭلىمەك. ياردەم قولىنى سۇنماق.
16. سۆكمەك- تىكىلگەن نەرسىلەرنىڭ يىپى ئۈزۈلۈپ، سۇغۇرۇپ ئاجرىتىش. يوتقان سۆكۈش .
سۆكمەك – باشقىلارنى يامان سۆزلەر بىلەن تىللاپ ئىناۋىتىنى چۈشۈرمەك. ئۇنى سۆكىۋەتتى    .
17. سۈرمەك- ئىتتىرىپ يۆتكىمەك، داۋاملاشتۇرماق. كەينىگە تارتماق. توينى كەينىگە سۈرمەك.  ئىچى سۈرۈش.
سۈرمەك- مەلۇم نەرسىنى ئىككىنچى نەرسىنىڭ يۈزىگە سۈركىمەك، ماي سۈرتۈش. سوپۇن سۈرتۈش، سۈرمە سۈرۈش .
18. سىر – مەخپىيەتلىك ، سىر ساقلاش.
سىر – مىنېرال بوياق، نەرسىلەرنىڭ يۈزىگە سۈركەش ئارقىلىق چىرىشتىن مۇداپىئەلىنىش  ۋە پارقىراقلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان  بىر خىل بوياق.  قىزىل سىر . سىرلىماق.
19. سىزماق- سىزىق چىقارماق، تەسۋىرلىمەك. رەسىم سىزىش، چېرتيوژ سىزىش.
سىزماق- سىرغىپ چىققاق. تۇغان ئاستىدىن سۇ سىزىپ چىقىپتۇ.
20. سىنىپ – مۇئەييەن ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسىدا ئايرىلغان بۆلەك. گۇرۇھ.  ئىشچىلار سىنىپى . سىنىپى كۈرەش.
سىنىپ – ئوقۇتۇش مەشغۇلاتى ئىلىپ بېرىلىدىغان، دەرس ئۆتۈلىدىغان ئۆي . بىزنىڭ سىنىپ.

ش
1 ) شاپ- ئۇچى ئارقىغا قايرىلغان ھالەت: شاپ بۇرۇت، شاپ قىلىچ
شاپ-  تېز، ئىتتىك: شاپپىدە بېرىپ كەل.
2 ) شال- باشاقلىق دانلىق زىرائەت: شال تىرىش، شال كۆچۈرۈش، شال پاخىلى
شال- يۇڭدىن توقۇلغان قىلىن تىۋىتلىق رومال: شال يېپىنىش.
شال- مەلۇم قېلىنلىقتا تىلىنغان ياغاچ: شال تىلىش.
شال- ئېغىزدىن ئاققان شىلىمشىق سۇيۇقلۇق: شال ئېقىش، شالىڭنى چاچما!

3) شور- تۇز تەركىبى يۇقىرى: شور تۇپراق.
شور-                       : شور پېشانە.
4) شتات- كاپىتالىستىك دۆلەتلەردىكى ئۆزىنى مەلۇم دەرىجىدە ئۆزى ئىدارە قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان مەمۇرى تېررىتورىيىلىك بىرلىك. كالىفورنىيە شتاتى.
شتات- تەشكىلى ئاپپاراتلار ۋە ئۇنىڭدىكى خادىملار، سان: شتات تولۇق، شتاتلىق كادىر.
غ
1) غول- ئوڭ مۈرىدىن سول مۈرىگىچە بولغان ئارىلىق: غولى كەڭ، غولى ئاپتاپ كۆرمىگەن.
غول- مۇھىم، ئاساس، مەركەز: غول ئۆستەڭ، دەرەخ غولى
غول- كۆپ، جىق، مول: سۈيۈڭ غول، ھوسۇلۇڭ مول.(ماقال )
ف
1) فوكۇس- فىزىكىلىق ئاتالغۇ، سۇنغان ياكى قايتقان نۇرلارنىڭ ئۆز ئارا كېسىشكەن ياكى توپلانغان نۇقتىسى: فوكۇس نۇقتىسى
فوكۇس- ياڭزا، شەكىل: فوكۇس چىقىرىش.
ق
1 ) قاپ- نەرسە قاچىلايدىغان تاغار، خالتا: تاماكا قېپى
قاپ- مىقدار سۆز: بىر قاپ بۇغداي
قاپ- توپتوغرا، دەل: قاپ بەل، قاپ ئوتتۇرىسى
2) قاپاق- كاۋا ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك: قاپاق بارىڭى،ياغلىق  قاپىقى
قاپاق- كۆز ئالمىسىنى ئوراپ تۇرىدىغان ، گىرۋىكىدە كىرپىك بولغان ، ئىچىلىپ، يېپىلىپ تۇرىدىغان تېرە: قوش قاپاق، بادام قاپاق
3) قاتماق- قاتتىق ھالەتكە كەلمەك: سۆڭىكى قاتماق
قاتماق- قوشماق، بىرلەشتۈرمەك: سۆز قاتماق، ئويۇنغا قاتماق
4) قاداق- ئېغىرلىق ئۆلچەم بىرلىكى، 0.454 كىلوگرامغا تەڭ: بىر قاداق گۆش، بىر قاداق ماي
قاداق- پۇت ۋە ئالىقاندا، پۇت – قول بارماقلىرىدا پەيدا بولىدىغان قاتتىق ھالەتتىكى ئۇششاق قاپارتقۇ: قاداق باسقان قول
قاداق- سۇنغان فارفور بۇيۇملىرىنى ياماش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل مىخ: قاداق سالماق
قاداق- ئالتۇن ياكى كۈمۈشتىن ياسىلىپ، باش كىيىمگە تاقىۋېلىنىدىغان بىر خىل زىننەت بۇيۇمى: ئالتۇن قاداق دوپپا
5) قارا- ئوق ئاتقاندا چەنلىنىدىغان نىشان، نەرسە: قارىغا ئالماق، قارىغا ئاتماق
قارا- ‹ئاق› نىڭ ئەكسى، بىر خىل رەڭنىڭ نامى: قارا كۆز
قارا- ‹قاراش› پېئىلىنىڭ شەخس بىرلىك بۇيرۇقى رايى. ھەي، ھەي بالا، ماڭغان يولۇڭغا قارا! (ماقال)
6) قاش- كۆزنىڭ ئۈستىدىكى تۈكلەردىن تەركىب تاپقان يايسىمان سىزىق: قارا قاش
قاش- دەريا، كۆل، ئۆستەڭ قاتارلىقلارنىڭ ياقىسى، يېنى: يول يۈرسەڭ باشقا چىق، سۇ ئۈزسەڭ قاشقا چىق.(ماقال)
قاش- يان، ئالدى، يېنى، ئەتراپى: ئاكامنىڭ قىشىغا باردىم.ئۆينىڭ قىشى
7) قاشلىماق- ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ قىچىشقان يېرىنى تاتىلىماق: باش قاشلىماق
قاشلىماق- قاش ياسىماق، قاشنى ئېگىزلەتمەك، قىرلىماق: دەريانى قاشلىماق، ئېتىزنى قاشلىماق
8) قاق- دەل، نەق، توپتوغرا: قاق سەھەر
قاق- ئاپتاپتا قۇرۇتۇلغان مېۋىلەر: شاپتۇل قېقى ، قاق سالماق
قاق- قاغا سايرىغاندا چىقىرىدىغان ئاۋاز: قاغىلار قاق ئېتىدۇ، ئۆز كۆڭلىنى شاد ئېتىدۇ.(تەمسىل)
9) قورۇق- ئورۇقلاش، قىرىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن نەرسىلەرنىڭ سىرتقى يۈزىدە ھاسىل بولىدىغان پۈرۈم، سىزىق: يۈزىگە قورۇق چۈشمەك
قورۇق- ئۆي- ئىمارەتلەر سېلىنغان، دەل- دەرەخ، باغۋارانلىق دېھقانچىلىق مەيدانى ۋە ئۇنىڭ چۆرىسىگە سېلىنغان پاكار مۇداپىئە تېمى: قورۇق تام، باينىڭ قورۇقى
10)   قورۇماق- ياغقا سېلىپ قېزدۇرۇپ، ئارىلاشتۇرۇپ پىشۇرماق: سەي قورۇش
قورۇماق- قىستىماق، يىغماق، قىسىلماق: ئىككى ئارىدا قورۇلماق
قورۇماق- ھىمايە قىلماق، قوغدىماق، ھەيدىمەك: چىۋىن قورۇماق
11)   قوش- جۈپ ياكى ئىككى: قوش ئەستەر، قوش تىرەك
قوش- دېھقانچىلىقتا ئىشلىتىلىدىغان يەر ھەيدەش، ئاغدۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان چىش، بوقۇسا، ساپانلارنىڭ يىغىندىسى: قوش ھەيدىمەك
قوش- ‹قوشۇش› پېئىلنىڭ شەخس بىرلىك بۇيرۇقى رايى: بىرگە ئىككىنى قوش!
12)   قوي- سۈت ئەمگۈچى ھايۋان: قوي بېقىش
قوي- ‹قويۇش› پېئىلىنىڭ شەخس بىرلىك بۇيرۇقى رايى: قولۇڭدىكى نەرسىنى دەرھال ئۆز جايىغا قوي!
13)   قۇر- يېسسى، ياپىلاق ئىشلەنگەن يۇڭ ئارغامچا: قۇر توقۇش
قۇر- قەغەز يۈزىگە چۈشۈرۈلگەن خەتنىڭ قاتارى: بىرىنچى قۇر
قۇر- يۈرۈش، مىقدار سۆز: بىر قۇر كىيىم
14)   قۇرۇقلۇق- قۇرۇق بولغان ھالەت: قۇرۇقلۇق كۆلىمى
قۇرۇقلۇق- قۇرۇپ قويۇلغان، تەييارلاپ قويۇلغان: ئاسماندا تور، يەردە قاپقان قۇرۇقلۇق.
15)   قېرىنداش- بىر ئاتىدىن بولغان پەرزەنتلەر، يېقىن مۇناسىۋەت: جان- جىگەر قېرىندىشىم، قېرىنداش مىللەتلەر
قېرىنداش- ياغاچ ۋە گرافىتتىن ياسالغان، ئۇچلاپ ئىشلىتىلىدىغان قەلەم: قېرىنداش ئۇچلىماق
16)   قايماق- تىندۇرۇلغان ياكى قاينىتىلغان سۈت يۈزىدە ھاسىل بولىدىغان ، تەركىبىدە ماي بولىدىغان نېپىز قەۋەت: خام قايماق
قايماق- قىڭغىر، ئەگرى بولۇپ قالماق: تاختاي ئاپتاپتا قىيىپ قاپتۇ.
17 ) قىتئە- يەر شارىنىڭ دېڭىز  ۋە ئوكيانلار بىلەن قورشالغان ئالاھىدە چوڭ قۇرۇقلۇق قىسىملىرىنىڭ ھەر بىر بۆلىكى: ئاسىيا قىتئەسى
قىتئە- ئەدەبىي ئاتالغۇ. شېئىرنىڭ كلاسسىك ئەدەبىياتتىكى بىر تۈرى، ئۇنىڭدا ئىككىنچى، تۆتىنچى مىسرالىرى قاپىيىداش كېلىدۇ، تاق مىسرالار ئوچۇق قالىدۇ، ھەجىم جەھەتتىن قىسقا، مەزمۇن جەھەتتىن چوڭقۇر بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ: قىتئە يېزىش
18 ) قىس- يىغماق، تارايماق، قورشىماق: قولتۇقۇڭغا قىس.
قىس- كەمچىل، ئاز، يېتىشمەسلىك: سۇ قىس
19) قىسماق- كەپتەر، قۇشقاچنى تۇتۇشقا ئىشلىتىلىدىغان قاپقان: قىسماق قۇرۇش
قىسماق- پىشۇرۇلغان ئۇماچ، پولۇ، سۈتنىڭ قازان گىرۋىكىدە ۋە تېگىدە قېتىپ قالغان قىسمى: قىسماق يېيىش سالامەتلىككە زىيانلىق.
20) قىل- بەزى ھايۋانلارنىڭ قۇيرۇقى ياكى يالىسىدىكى تۈكى، چاچ، يۇڭ: ئاتنىڭ قىلى، بىر تال قىل
قىل- ‹قىلىش› پېئىلىنىڭ شەخس بىرلىك بۇيرۇقى رايى: ئىشىڭنى قىل!
21) قارىماي- پەرۋا قىلماي: ئۇ بوران- چاپقۇنغا قارىماي يولغا چىقتى.
قارىماي- ئاسفالت: قارىماي ياتقۇزۇلغان يول
22) قوشماق- قوشۇش، جەملەش، بىر- بىرىگە ئارىلاشتۇرماق: سۈتكە سۇ قوشماق
قوشماق- ئوپمۇ- ئوخشاش، بىر جۈپ، قوشماق مېغىز، قوشماق ئاداش
ك
1) كاپ- ئۇستىرىنى كاپلىغۇچقا سۈركەش ھالىتى: ئۇستىرىنى كاپلىماق
كاپ- ئۇششاق، ئۇۋاق نەرسىلەرنى ئېغزىغا بىراقلا سالغان چىغدىكى ھالەت: كاپ ئەتمەك
2) كاسا- پىيالىدىن چوڭراق، سۇيۇق نەرسىلەرنى قۇيۇش ئىچىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ياغاچ قاچا: بىر كاسا قېتىق
كاسا- ئادەم بەدىنىنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى ئىككى پۇتنىڭ بەل بىلەن تۇتاشقان قىسمى، سۆڭگەچ، ساغرا: ئادەمنىڭ كاسىسى
3) كەچ- كۈندۈز بىلەن كېچىنىڭ ئالمىشىش ۋاقتى: كەچ قىلىش، بۈگۈن كەچتە
كەچ- ‹يىرىپ مېڭىش، كېسىپ ئۆتۈش › پېئىلىنىڭ شەخس بىرلىك بۇيرۇقى رايى: قار كەچتۇق. سۇ كەچتۇق.
كەچ - تېرىك ئەتمەك، ئايرىلماق: جاندىن كەچمىگۈچە، جانانغا يەتكىلى بولماس.(ماقال)
4 ) كەم- يېتىشمەيدىغان، ئازلىق قىلىدىغان: كەم ئەقىل
كەم- ئۇ، بۇ، شۇ ئالماشلىرى بىلەن بىللە كېلىپ، ۋاقىت، دەۋر، مەزگىل، چاغ، زامان قاتارلىق مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. بۇ كەم، ئۇ كەملەردە
4) كەملىمەك- ئەسلىدىكىدىن ئازىيىپ كەتمەك، كېمەيمەك: تاغاردىكى بۇغداي كەملەپ قاپتۇ.
كەملىمەك- سۇيۇقلۇق ياكى ئاشلىق قاتارلىق نەرسىلەرنى كەمچەن، چارەككە ئوخشاش ئۆلچەش بۇيۇملىرى بىلەن ئۆلچىمەك: ياغ كەملىمەك
5) كوي- ئوي، خىيال، مەقسەت، نىشان: ھەر كىم ھەر كويدا، جان بېقىشنىڭ كويىغا چۈشمەك
كوي- پۇل بىرلىكى. يۈز يۈەننىڭ يۈزدىن بىرى: بىر كوي
6) كۇرس- مەلۇم پەن ۋە سىستېما بويىچە قىسقا مۇددەتلىك ئېچىلغان ئوقۇش: شوپۇرلۇق كۇرسى
كۇرس- قىممەت، باھا، ھۆرمەت: پۇلنىڭ كۇرسى چۈشمەك
7) كۆرپە- ئۇخلىغاندا ئاستىغا سېلىپ ياتىدىغان ، ئىككى پارچە رەخت ئوتتۇرىسىغا پاختا ئىلىپ تىكىلىدىغان بويۇم: كۆرپە سېلىش
كۆرپە- يېڭى تۇغۇلغان قوزىنىڭ تۈكى پەس، بۈدۈر- بۈدۈر كەلگەن تېرىسى: كۆرپە تۇماق
8) كۆك- قېنىق ھاۋا رەڭ، ئاسمان: كۆك كۆز،كۆكتە پەرۋاز قىلماق
كۆك- يوپۇرماق، مايسا: سەۋزە كۆكى
كۆك- يوغان ئاتلاپ تىكىلگەن تىكىچ: كۆك سالماق
كۆك- كۆكەرمە، ئۇششۇق: كۆك بىر نېمە.
9) كۈنلۈك- يامغۇر ياكى ئاپتاپتىن دالدىلىنىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل ئەسۋاب: كۈنلۈك كۆتۈرۈۋېلىش
كۈنلۈك-بىر كۈنگە مۆلچەرلەنگەن، بىر كۈنگە ئائىت: بىر كۈنلۈك ئىش، كۈنلۈك ئىشلىمەك
كۈنلۈك- كۈنداشلىق قىلماق، قىزغانماق: كۈنلۈك دەردى تارتماق
10)   كۈيە- بىر خىل ھاشارات، يۇڭدىن توقۇلغان بۇيۇملارنى يەيدۇ. كۈيە چۈشمەك
كۈيە- ئوت قالىغاندا ئىسنىڭ بىر يەرگە يىغىلىشىدىن ھاسىل بولغان قارا رەڭلىك ماددا: قازان كۈيىسى
11)   كۈيلىمەك - زوئولوگىيىلىك ئاتالغۇ. ھايۋانلارنىڭ جۈپلىشىشىنى تەلەپ قىلىشى: كۈيلەش مەزگىلى
كۈيلىمەك- قوشاق قېتىپ تەرىپلىمەك، مەدھىيىلىمەك: ۋەتەننى كۈيلەش
12)   كېزەك- بىر قورساقتىن بىر قېتىمدا تۇغۇلغان ئىككى بالا: قوش كېزەك
كېزەك- دوپپا، تۇماق قاتارلىقلارنىڭ چۆرىسىگە رەخت، كۆرپە ، تېرىدىن تۇتۇلغان گىرۋەك، جىيەك: دوپپا كېزىكى
13)   كۈل- كۆيۈشتىن قالغان قارا ياكى كۆكۈچ چاڭسىمان قالدۇق: ئوچاقنىڭ كۈلى، كۈل قىز  
كۈل- ‹كۈلۈش› پېئىلىنىڭشەخس بىرلىك بۇيرۇقى رايى: پەس ئاۋازدا كۈل.
14)   كىر- نەرسىلەرنىڭ ئۈستىگە قونغان، چاپلاشقان چاڭ – توزان قاتارلىق پاسكىنا نەرسىلەر: كىر قونماق ، كىر كىيىم
كىر- ‹كىرىش› پېئىلىنىڭ شەخس بىرلىك بۇيرۇقى رايى: ئۆيگە كىر.
گ
1) گاس- قۇلىقى ئاڭلىمايدىغان، پاڭ: گاس قۇلاق
گاس- مەشنىڭ شالا ئۇستىدىكى يان تەرەپلىرىگە سېلىنىدىغان لاي: گاس سالماق
2) گال- كېكىرتەك، كاناي، بوغۇز: گال ئاغرىقى
گال- ئۆتكۈر ئەمەس، كەسمەيدىغان: گال پىچاق، قولى گال
3) گەز- ئۇيغۇرلار تۇرمۇشتا مېتىر قوللىنىشتىن بۇرۇن ئىشلەتكەن ئۇزۇنلۇق بىرلىكى. بىر گەز تەخمىنەن 71 سانتىمېتىرغا تەڭ. بىر گەز مال ،گەز مال
گەز- ئادەمنىڭ لېۋىدە پەيدا بولىدىغان قاسراقسىمان قېتىشما: كالپۇكىنى گەز باغلىماق
ل
1) لاۋا- يانار تاغدىن ئېتىلىپ چىققان قىزىق ماگما: يانار تاغ لاۋاسى
لاۋا- دەرەخ شېخى، يوپۇرمىقى، ئەسكى- تەسكى قەغەز، گەندە، قىغ قاتارلىق چىرىگەن ئەخلەتلەر
2) لىق- تولۇق توشتۇرۇلغان، ئېغىزىغىچە قاچىلانغان: لىق تولدۇرۇلغان
لىق- ئىسىمداش قوشۇمچىسى: بازارلىق، يازغانلىق
3) لەڭگەر- كىمىنى بىر جايغا توختىتىش ئۈچۈن ، زەنجىرگە بېكىتىپ، سۇ ئاستىغا تاشلىنىدىغان چاڭگىسىمان ئېغىر تۆمۈر: لەڭگەر تاشلىماق
لەڭگەر- يولۇچىلار سەپەر ئۈستىدە قونۇپ ئۆتىدىغان جاي، ئۆتەڭ: ئاۋات لەڭگەر
م
1 ) ماددا- قانۇن، نىزام، بەلگىلىمە، توختام، ھۆججەتلەرنىڭ مۇستەقىل بۆلىكى: بىرىنچى ماددا
ماددا-جىسىملارنى تەشكىل قىلغۇچى نەرسە: ئورگانىك ماددا، زەھەرلىك ماددا
2) ماي- ھايۋان ۋە ئادەملەرنىڭ تېرە ئاستىدىكى توقۇلمىلىرىدا بولىدىغان ئورگانىك ماددا: قوي مېيى
ماي- ئاينىڭ نامى، بەشىنچى ئاي: ماي ئېيى
3) ماياق- قوي، ئۆچكە، تۆگە قاتارلىق بەزى ھايۋانلارنىڭ يۇمىلاق گەندىسى: قوي مايىقى
ماياق- مانا بۇ تەرەپ، ماۋۇ ئادەم: ماياققا مېڭىڭ.
4) مو- يەرنىڭ يۈزىنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم بىرلىكى، بىر مو تەخمىنەن 666.7 كۋادرات مېتىرغا تەڭ.بىر مو يەر
مو- مەملىكىتىمىزنىڭ پارچە پۇل بىرلىكى، بىر يۈەننىڭ ئوندىن بىرى: ئىككى مو پۇل
5) موما- خاماننىڭ ئوتتۇرىسىغا تىك قادالغان خادا: موما ياغاچ، مومىغا چىقىش
موما- ھور نان: موما سېلىش
موما- ئاتا ياكى ئاپىسىنىڭ ئانىسى: جېنىم موما
6) مونەك- كاللەك، توقماق ھالەتتىكى نەرسە: قار مونەكچىلىرى، بىر مونەك نەرسە
مونەك- ئۇرۇقچىسى ئىلىنمىغان شاپتۇل قېقى:مونەك سېلىش
7) مۇقام- ئۇيغۇر كلاسسىك مۇزىكىسى 12 مۇقام ۋە ئۇنىڭ ھەر بىر قىسمى: مۇقام ئاڭلاش
مۇقام- نوپۇز، دەرىجە، مەرتىۋە: ئەۋلىيالىق مۇقامىغا يەتمەك
9) مۆلدۈر- ھاۋا     

18 . بېغىر- ئىچ ئەزا، جىگىرى: قوينىڭ بېغىرنى

تاماق- دېھقانچىلىقلا يەر تاتىلاش ئۈچۈن ئىشىتىلىدىغان  بىر خىل سايمان: يەرنى تاماقداش

دىن – چىقىش كېلىش قوشۇمچىسى. قەشقەردىن، ئۈرۈمچىدىن، نەدىن؟ ؟ تاغدىن.
9. دەڭ- يولۇچىلار چۈشىدىغان ۋ ئۇلارنىڭ ئات ئۇلاغلىرىغا قارايدىغان قونالغۇ. ساراي. كونا دەڭ.
دەڭ- ئېيتىش، سۆزلەش مەنىسىدە، گېپىڭىز بولسا تېزرەك دەڭ!
10. دىۋان- ئەرزىي ئاتالغۇ. توپلام مەنىسىدە . شېئىرى توپلىمى.
دىۋان- كىرىسلو، ساپا.
دىۋان – خان ۋە پادىشاھلىق تۈزۈمدىكى دۆلەتنىڭ باش مەھكىمىسى. دىۋانغا كىرىش.

ر
1. راك - بوغۇم ئاياغلىق ھايۋان. راك باقماق. راك قورۇمىسى.
راك- يامان سۈپەتلىك ئۆسمە. ئاشقازان راكى.
راك – ئۇيغۇر كلاسسىك مۇزىكىسى «12مۇقام» نىڭ بىرىنچىسىنىڭ نامى . راك مۇقامى .
2. رام- قۇرۇلما، گەۋدە، دېرىزە رېمى.  ئاپتوموبىلنىڭ رېمى. ۋېلىسىپىت رېمى.
رام- جەلپ قىلماق، مايىل بولماق. ئۆزىگە رام قىلىۋالماق. رام بولماق.
3. رەت – ئىنكار قىلىش، قوبۇل قىلماسلىق، رەت قىلماق.
رەت – قۇر، قاتار، سەپ، تەرتىپ. رەتكە تىزىلىش، رەت بويىچە.
4. رەسىم- كىشىلەر ئارىسىدا ئومۇملاشقان تەرتىپ- قائىدە، ئۆرۈپ – ئادەت. رەسىم –قائىدە، رەسىم بولۇپ قالماق.
رەسىم – سىزىلغان، بېسىلغان، ئادەم ۋە نەرسىلەرنىڭ تەسۋىرى . رەسىم سېزىش.
5. رۇس- تۇز، دۇرۇس، راۋۇرۇس. رۇس ئولتۇرۇش، قەددىڭنى رۇسلا!
رۇس- مۇشۇ نام بىلە ئاتالغان مىللەت ۋە بۇ مىللەتكە تەۋە كىشى. رۇس مىللىتى.

ز
1. زاڭ- قوناق ئۇنىدىن قويۇق قىلىپ چېلىپ ئېتىلىدىغان بىر خىل تاماق. ئۇ پىشقاندىن كېيىن ئۈستىگە سەي سېلىنىپ يېيىلىدۇ.
زاڭ- خىيانەت قىلىش، پارا ئېلىش ياكى ئوغرىلىق قىلىش قاتارلىق قانۇنسىز ۋاسىتىلەر ئارقىلىق قولغا كەلگەن مال – مۈلۈك . زاڭ مال.
زاڭ- گەپ- سۆز، قىلىقلىرى تېتىقسىز، ماز. زاڭ نېمە؟ زاڭ ئادەم.
2. زەي- ھۆل –يىغىن ۋە سۇ ئورنىنىڭ تەسىرىدىن سۇ ۋە نەملىك ئېشىپ كەتكەن يەر . زەي يەر .
زەي- تىرە، ئۈچەيدىن ياسالغان تار. زەي تار.
زەي- ئۆي جاھازلىرى ۋە پىچاقنىڭ گىرۋىكىگە ئويۇپ چىقىرىلغان ئېرىقچە. زەي رەندە. پىچاقنىڭ زېيى .
3. زىرە- پۇراقلىق ئۆسۈملۈك ۋە شۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ئۇرۇقى. پولۇغا زىرە سېلىش.
زىرە- ئاياللارنىڭ قۇلىقىغا تاقايدىغان بىر خىل زىننەت بۇيۇمى. ئالتۇن زىرە.

س
1. ئەسۋاب قول بىلەن تۇتىدىغان قىسمى . چۆمۈچ سېپى. كەتمەننى ساپلىماق .
ساپ- سۈزۈك، پاكىز، پۈتۈنلەي، تامامەن. ساپ ھاۋا. ساپ ئالتۇن.
2. ساپلىق – مېتالدىن ياسالغان، ساپ بېكىتىلگەن چوڭ چۆمۈچ، قازان. ساپلىقتا ساي قورۇش .
ساپلىق – سېپى بار، ساپ بېكىتىلگەن. كالتە ساپلىق، ساپلىق ياغاچ.
ساپلىق – پاكىز بولۇش. ئارىلاشمىلاردىن خالى بولۇش. ساپلىق دەرىجىسى.
3. ساز- ئۇيغۇر مىللىي چالغۇ ئەسۋابلىرىنىڭ ئومۇمىي نامى. مۇزىكا، سادا. ساز چالماق. ساز ئاڭلىماق.
ساز – ياخشى ، جايىدا، يېقىملىق، تەڭشەك. ئاز بولسۇن، ساز بولسۇن(ماقال). دۇتارنى سازلىماق.
ساز – زەيكەش يەر. تازنى ئەر بولمايدۇ دېمە، سازنى يەر بولمايدۇ، دېمە!(ماقال)
4. سالا- مەلۇم يۆنىلىش بىلەن يول – يول قىلىپ تەكشىلەنگەن. تۈپتۈز سالا ئېتىز.
سالا- كېلىشتۈرگۈچى ياكى رايدىن قايتۇرۇش  ئۈچۈن قىلىنغان دەۋەت، تەكلىپ، مەسلىھەت سالا قىلماق. سالاچى.
5. سالما- كەسلەنچۈك ئائىلىسىدىكى بىر خىل ھايۋان. قۇملۇق ئېتىزلاردا ياشايدۇ. قۇلاق سالمىسى .
سالما- ھايۋانلارنى قوغلاپ تۇتۇشتا ئىشلىتىدىغان بىر  ئۈچى سىرتماق چەمبەر شەكلىدە يۆگەلگەن ئۇزۇن ئارغامچا.
سالما – پېئىلىنىڭ شەخس بىرلىك بۇيرۇقى رايى. چاپىنىڭنى سالما. تارتمىغا سالما.
6. ساما – ئاسمان، كۆك. سامادا پەرۋاز قىلماق.
ساما- ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مىللىي ناغرا ئۇسۇللىرىدىن بىرى. كۆپىنچە ھېيت – بايراملاردا ئوينىلىدۇ. ھېيتگاھتا ساما ئوينىماق .
7. سال – كۆل، دالالاردا يۈرۈش ياكى ئۇنىڭدىن ئۆتۈش ئۈچۈن ياغاچنى بىر – بىرىگە چېتىش ئارقىلىق ياسالغان قاتناش قورالى. سال ياساش.
سال - پېئىلىنىڭ شەخس بىرلىك بۇيرۇقى رايى. كىيمىگىنى سال! كىتابنى سومكىغا سال .
8. سان – شەيئىلەرنىڭ ئاز – كۆپلۈكى ، مىقدارى. پۈتۈن سان. كۆپ سان
سان – كالا، قوينىڭ ئارقا پۇتى، يوتا قىسمى. سان گۆش .
9. سەر- ئېغىرلىق ئۆلچەم بىرلىكى. بىر جىڭنىڭ ئوندىن بىرى. بىر سەر ئالتۇن.
سەر – ئالدىنقى قاتاردىكى ، خىللانغان ، باشلامچى  سەرلەشكەر .
10. سەراپ- مۇنچا، ھاممام، سەراپقا چۈشمەك .
سەراپ- ئېزىتقۇ. چۆلدە سەراپ كۆرۈلدى.
11. سەندەل – تۆمۈرچى، زەرگەر، مىسكەرلەرنىڭ تۆمۈر قاتارلىق مېتاللارنى ئۈستىدە قويۇپ، بولقا بىلە ياكى بازغان  بىلەن ئۈرۈپ بىر نەرسە ياسايدىغان ئەسۋابى. تۆمۈرچىنىڭ سەندىلى.
سەندەل – دائىم يېشىل تۇرىدىغان ، ياغىچى چىڭ ۋە خۇشپۇراق دەرەخ. سەندەل ياغىچى.
سەندەل – چەمى نېپىز، پاشنىسىز ۋە يەڭگىل قىلىپ تىكىلىدىغان بىر خىل  يازلىق ئاياغ كىيىمى. سەندەل كىيمەك .
سەندەل –يىغقىلى بولىدىغان ، كىچىك ھەم ئەپچىل قىلىپ ياسالغان بىر خىل ئورۇندۇق.
12. سودا – تەركىبىدە ناترىي كاربونات بولغان ئانئورگانىك بىرىكمە. سودا سۈيى.
سودا – سېتىش – سېتىۋېلىش شەكلىدە تاۋار ئالماشتۇرۇلىدىغان ئىقتىسادىي پائالىيەت. سودا ئىشلىرى. سودا قىلماق.
13. سوقا- يۇمىلاقمۇ ئەمەس، ئۇزۇنمۇ ئەمەس. سوقا چىلان. سوقا تاش.
سوقا- شالنى ئاقلايدىغان ھاۋانچا شەكىللىك قۇرۇلما. سوقا ھەيدىمەك.
14. سول – ئورمىچىلار بۇغداي ئورغاندا مەلۇم كەڭلىكتە ئورۇپ ماڭدىغان يولى. سول ئالماق. ئاش تەڭ، نان تەڭ، سول نېمىشقا تەڭ ئەمەس؟(ماقال)
سول – گەۋدىنىڭ يۈرەك جايلاشقان تەرىپى. سول يان . سول قول.
15. سۇنماق- ئوشتۇلماق، پارچىلىنىپ كەتمەك. سۆڭىكى سۇنماق. تەرىتى سۇنماق.
سۇنماق- ئۇزاتماق، تەڭلىمەك. ياردەم قولىنى سۇنماق.
16. سۆكمەك- تىكىلگەن نەرسىلەرنىڭ يىپى ئۈزۈلۈپ، سۇغۇرۇپ ئاجرىتىش. يوتقان سۆكۈش .
سۆكمەك – باشقىلارنى يامان سۆزلەر بىلەن تىللاپ ئىناۋىتىنى چۈشۈرمەك. ئۇنى سۆكىۋەتتى   .
17. سۈرمەك- ئىتتىرىپ يۆتكىمەك، داۋاملاشتۇرماق. كەينىگە تارتماق. توينى كەينىگە سۈرمەك.  ئىچى سۈرۈش.
سۈرمەك- مەلۇم نەرسىنى ئىككىنچى نەرسىنىڭ يۈزىگە سۈركىمەك، ماي سۈرتۈش. سوپۇن سۈرتۈش، سۈرمە سۈرۈش .
18. سىر – مەخپىيەتلىك ، سىر ساقلاش.
سىر – مىنېرال بوياق، نەرسىلەرنىڭ يۈزىگە سۈركەش ئارقىلىق چىرىتىشتىن مۇداپىئەلەنمەك ۋە پارقىراقلىقىنى ئاشۇرغىلى بولىدىغان بىر خىل بوياق.  قىزىل سىر . سىرلىماق.
19. سىزماق- سىزىق چىقارماق، تەسۋىرلىمەك. رەسىم سىزىش، چېرتيوژ سىزىش.
سىزماق- سىرغىپ چىققاق. تۇغان ئاستىدىن سۇ سىزىپ چىقىپتۇ.
20. سىنىپ – مۇئەييەن ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسىدا ئايرىلغان بۆلەك. گۇرۇھ.  ئىشچىلار سىنىپى . سىنىپى كۈرەش.
سىنىپ – ئوقۇتۇش مەشغۇلاتى ئىلىپ بېرىلىدىغان، دەرس ئۆتۈلىدىغان ئۆي . بىزنىڭ سىنىپ.

ش
1 ) شاپ- ئۇچى ئارقىغا قايرىلغان ھالەت: شاپ بۇرۇت، شاپ قىلىچ
شاپ-  تېز، ئىتتىك: شاپپىدە بېرىپ كەل.
2 ) شال- باشاقلىق دانلىق زىرائەت: شال تىرىش، شال كۆچۈرۈش، شال پاخىلى
شال- يۇڭدىن توقۇلغان قىلىن تىۋىتلىق رومال: شال يېپىنىش.
شال- مەلۇم قېلىنلىقتا تىلىنغان ياغاچ: شال تىلىش.
شال- ئېغىزدىن ئاققان شىلىمشىق سۇيۇقلۇق: شال ئېقىش، شالىڭنى چاچما!

3) شور- تۇز تەركىبى يۇقىرى: شور تۇپراق.
شور-                       : شور پېشانە.
4) شتات- كاپىتالىستىك دۆلەتلەردىكى ئۆزىنى مەلۇم دەرىجىدە ئۆزى ئىدارە قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان مەمۇرى تېررىتورىيىلىك بىرلىك. كالىفورنىيە شتاتى.
شتات- تەشكىلى ئاپپاراتلار ۋە ئۇنىڭدىكى خادىملار، سان: شتات تولۇق، شتاتلىق كادىر.
غ
1) غول- ئوڭ مۈرىدىن سول مۈرىگىچە بولغان ئارىلىق: غولى كەڭ، غولى ئاپتاپ كۆرمىگەن.
غول- مۇھىم، ئاساس، مەركەز: غول ئۆستەڭ، دەرەخ غولى
غول- كۆپ، جىق، مول: سۈيۈڭ غول، ھوسۇلۇڭ مول.(ماقال )
ف
1) فوكۇس- فىزىكىلىق ئاتالغۇ، سۇنغان ياكى قايتقان نۇرلارنىڭ ئۆز ئارا كېسىشكەن ياكى توپلانغان نۇقتىسى: فوكۇس نۇقتىسى
فوكۇس- ياڭزا، شەكىل: فوكۇس چىقىرىش.
ق
1 ) قاپ- نەرسە قاچىلايدىغان تاغار، خالتا: تاماكا قېپى
قاپ- مىقدار سۆز: بىر قاپ بۇغداي
قاپ- توپتوغرا، دەل: قاپ بەل، قاپ ئوتتۇرىسى
2) قاپاق- كاۋا ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك: قاپاق بارىڭى،ياغلىق  قاپىقى
قاپاق- كۆز ئالمىسىنى ئوراپ تۇرىدىغان ، گىرۋىكىدە كىرپىك بولغان ، ئىچىلىپ، يېپىلىپ تۇرىدىغان تېرە: قوش قاپاق، بادام قاپاق
3) قاتماق- قاتتىق ھالەتكە كەلمەك: سۆڭىكى قاتماق
قاتماق- قوشماق، بىرلەشتۈرمەك: سۆز قاتماق، ئويۇنغا قاتماق
4) قاداق- ئېغىرلىق ئۆلچەم بىرلىكى، 0.454 كىلوگرامغا تەڭ: بىر قاداق گۆش، بىر قاداق ماي
قاداق- پۇت ۋە ئالىقاندا، پۇت – قول بارماقلىرىدا پەيدا بولىدىغان قاتتىق ھالەتتىكى ئۇششاق قاپارتقۇ: قاداق باسقان قول
قاداق- سۇنغان فارفور بۇيۇملىرىنى ياماش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل مىخ: قاداق سالماق
قاداق- ئالتۇن ياكى كۈمۈشتىن ياسىلىپ، باش كىيىمگە تاقىۋېلىنىدىغان بىر خىل زىننەت بۇيۇمى: ئالتۇن قاداق دوپپا
5) قارا- ئوق ئاتقاندا چەنلىنىدىغان نىشان، نەرسە: قارىغا ئالماق، قارىغا ئاتماق
قارا- ‹ئاق› نىڭ ئەكسى، بىر خىل رەڭنىڭ نامى: قارا كۆز
قارا- ‹قاراش› پېئىلىنىڭ شەخس بىرلىك بۇيرۇقى رايى. ھەي، ھەي بالا، ماڭغان يولۇڭغا قارا! (ماقال)
6) قاش- كۆزنىڭ ئۈستىدىكى تۈكلەردىن تەركىب تاپقان يايسىمان سىزىق: قارا قاش
قاش- دەريا، كۆل، ئۆستەڭ قاتارلىقلارنىڭ ياقىسى، يېنى: يول يۈرسەڭ باشقا چىق، سۇ ئۈزسەڭ قاشقا چىق.(ماقال)
قاش- يان، ئالدى، يېنى، ئەتراپى: ئاكامنىڭ قىشىغا باردىم.ئۆينىڭ قىشى
7) قاشلىماق- ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ قىچىشقان يېرىنى تاتىلىماق: باش قاشلىماق
قاشلىماق- قاش ياسىماق، قاشنى ئېگىزلەتمەك، قىرلىماق: دەريانى قاشلىماق، ئېتىزنى قاشلىماق
8) قاق- دەل، نەق، توپتوغرا: قاق سەھەر
قاق- ئاپتاپتا قۇرۇتۇلغان مېۋىلەر: شاپتۇل قېقى ، قاق سالماق
قاق- قاغا سايرىغاندا چىقىرىدىغان ئاۋاز: قاغىلار قاق ئېتىدۇ، ئۆز كۆڭلىنى شاد ئېتىدۇ.(تەمسىل)
9) قورۇق- ئورۇقلاش، قىرىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن نەرسىلەرنىڭ سىرتقى يۈزىدە ھاسىل بولىدىغان پۈرۈم، سىزىق: يۈزىگە قورۇق چۈشمەك
قورۇق- ئۆي- ئىمارەتلەر سېلىنغان، دەل- دەرەخ، باغۋارانلىق دېھقانچىلىق مەيدانى ۋە ئۇنىڭ چۆرىسىگە سېلىنغان پاكار مۇداپىئە تېمى: قورۇق تام، باينىڭ قورۇقى
10)   قورۇماق- ياغقا سېلىپ قېزدۇرۇپ، ئارىلاشتۇرۇپ پىشۇرماق: سەي قورۇش
قورۇماق- قىستىماق، يىغماق، قىسىلماق: ئىككى ئارىدا قورۇلماق
قورۇماق- ھىمايە قىلماق، قوغدىماق، ھەيدىمەك: چىۋىن قورۇماق
11)   قوش- جۈپ ياكى ئىككى: قوش ئەستەر، قوش تىرەك
قوش- دېھقانچىلىقتا ئىشلىتىلىدىغان يەر ھەيدەش، ئاغدۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان چىش، بوقۇسا، ساپانلارنىڭ يىغىندىسى: قوش ھەيدىمەك
قوش- ‹قوشۇش› پېئىلنىڭ شەخس بىرلىك بۇيرۇقى رايى: بىرگە ئىككىنى قوش!
12)   قوي- سۈت ئەمگۈچى ھايۋان: قوي بېقىش
قوي- ‹قويۇش› پېئىلىنىڭ شەخس بىرلىك بۇيرۇقى رايى: قولۇڭدىكى نەرسىنى دەرھال ئۆز جايىغا قوي!
13)   قۇر- يېسسى، ياپىلاق ئىشلەنگەن يۇڭ ئارغامچا: قۇر توقۇش
قۇر- قەغەز يۈزىگە چۈشۈرۈلگەن خەتنىڭ قاتارى: بىرىنچى قۇر
قۇر- يۈرۈش، مىقدار سۆز: بىر قۇر كىيىم
14)   قۇرۇقلۇق- قۇرۇق بولغان ھالەت: قۇرۇقلۇق كۆلىمى
قۇرۇقلۇق- قۇرۇپ قويۇلغان، تەييارلاپ قويۇلغان: ئاسماندا تور، يەردە قاپقان قۇرۇقلۇق.
15)   قېرىنداش- بىر ئاتىدىن بولغان پەرزەنتلەر، يېقىن مۇناسىۋەت: جان- جىگەر قېرىندىشىم، قېرىنداش مىللەتلەر
قېرىنداش- ياغاچ ۋە گرافىتتىن ياسالغان، ئۇچلاپ ئىشلىتىلىدىغان قەلەم: قېرىنداش ئۇچلىماق
16)   قايماق- تىندۇرۇلغان ياكى قاينىتىلغان سۈت يۈزىدە ھاسىل بولىدىغان ، تەركىبىدە ماي بولىدىغان نېپىز قەۋەت: خام قايماق
قايماق- قىڭغىر، ئەگرى بولۇپ قالماق: تاختاي ئاپتاپتا قىيىپ قاپتۇ.
17 ) قىتئە- يەر شارىنىڭ دېڭىز  ۋە ئوكيانلار بىلەن قورشالغان ئالاھىدە چوڭ قۇرۇقلۇق قىسىملىرىنىڭ ھەر بىر بۆلىكى: ئاسىيا قىتئەسى
قىتئە- ئەدەبىي ئاتالغۇ. شېئىرنىڭ كلاسسىك ئەدەبىياتتىكى بىر تۈرى، ئۇنىڭدا ئىككىنچى، تۆتىنچى مىسرالىرى قاپىيىداش كېلىدۇ، تاق مىسرالار ئوچۇق قالىدۇ، ھەجىم جەھەتتىن قىسقا، مەزمۇن جەھەتتىن چوڭقۇر بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ: قىتئە يېزىش
18 ) قىس- يىغماق، تارايماق، قورشىماق: قولتۇقۇڭغا قىس.
قىس- كەمچىل، ئاز، يېتىشمەسلىك: سۇ قىس
19) قىسماق- كەپتەر، قۇشقاچنى تۇتۇشقا ئىشلىتىلىدىغان قاپقان: قىسماق قۇرۇش
قىسماق- پىشۇرۇلغان ئۇماچ، پولۇ، سۈتنىڭ قازان گىرۋىكىدە ۋە تېگىدە قېتىپ قالغان قىسمى: قىسماق يېيىش سالامەتلىككە زىيانلىق.
20) قىل- بەزى ھايۋانلارنىڭ قۇيرۇقى ياكى يالىسىدىكى تۈكى، چاچ، يۇڭ: ئاتنىڭ قىلى، بىر تال قىل
قىل- ‹قىلىش› پېئىلىنىڭ شەخس بىرلىك بۇيرۇقى رايى: ئىشىڭنى قىل!
21) قارىماي- پەرۋا قىلماي: ئۇ بوران- چاپقۇنغا قارىماي يولغا چىقتى.
قارىماي- ئاسفالت: قارىماي ياتقۇزۇلغان يول
22) قوشماق- قوشۇش، جەملەش، بىر- بىرىگە ئارىلاشتۇرماق: سۈتكە سۇ قوشماق
قوشماق- ئوپمۇ- ئوخشاش، بىر جۈپ، قوشماق مېغىز، قوشماق ئاداش
ك
1) كاپ- ئۇستىرىنى كاپلىغۇچقا سۈركەش ھالىتى: ئۇستىرىنى كاپلىماق
كاپ- ئۇششاق، ئۇۋاق نەرسىلەرنى ئېغزىغا بىراقلا سالغان چىغدىكى ھالەت: كاپ ئەتمەك
2) كاسا- پىيالىدىن چوڭراق، سۇيۇق نەرسىلەرنى قۇيۇش ئىچىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ياغاچ قاچا: بىر كاسا قېتىق
كاسا- ئادەم بەدىنىنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى ئىككى پۇتنىڭ بەل بىلەن تۇتاشقان قىسمى، سۆڭگەچ، ساغرا: ئادەمنىڭ كاسىسى
3) كەچ- كۈندۈز بىلەن كېچىنىڭ ئالمىشىش ۋاقتى: كەچ قىلىش، بۈگۈن كەچتە
كەچ- ‹يىرىپ مېڭىش، كېسىپ ئۆتۈش › پېئىلىنىڭ شەخس بىرلىك بۇيرۇقى رايى: قار كەچتۇق. سۇ كەچتۇق.
كەچ - تېرىك ئەتمەك، ئايرىلماق: جاندىن كەچمىگۈچە، جانانغا يەتكىلى بولماس.(ماقال)
4 ) كەم- يېتىشمەيدىغان، ئازلىق قىلىدىغان: كەم ئەقىل
كەم- ئۇ، بۇ، شۇ ئالماشلىرى بىلەن بىللە كېلىپ، ۋاقىت، دەۋر، مەزگىل، چاغ، زامان قاتارلىق مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. بۇ كەم، ئۇ كەملەردە
4) كەملىمەك- ئەسلىدىكىدىن ئازىيىپ كەتمەك، كېمەيمەك: تاغاردىكى بۇغداي كەملەپ قاپتۇ.
كەملىمەك- سۇيۇقلۇق ياكى ئاشلىق قاتارلىق نەرسىلەرنى كەمچەن، چارەككە ئوخشاش ئۆلچەش بۇيۇملىرى بىلەن ئۆلچىمەك: ياغ كەملىمەك
5) كوي- ئوي، خىيال، مەقسەت، نىشان: ھەر كىم ھەر كويدا، جان بېقىشنىڭ كويىغا چۈشمەك
كوي- پۇل بىرلىكى. يۈز يۈەننىڭ يۈزدىن بىرى: بىر كوي
6) كۇرس- مەلۇم پەن ۋە سىستېما بويىچە قىسقا مۇددەتلىك ئېچىلغان ئوقۇش: شوپۇرلۇق كۇرسى
كۇرس- قىممەت، باھا، ھۆرمەت: پۇلنىڭ كۇرسى چۈشمەك
7) كۆرپە- ئۇخلىغاندا ئاستىغا سېلىپ ياتىدىغان ، ئىككى پارچە رەخت ئوتتۇرىسىغا پاختا ئىلىپ تىكىلىدىغان بويۇم: كۆرپە سېلىش
كۆرپە- يېڭى تۇغۇلغان قوزىنىڭ تۈكى پەس، بۈدۈر- بۈدۈر كەلگەن تېرىسى: كۆرپە تۇماق
8) كۆك- قېنىق ھاۋا رەڭ، ئاسمان: كۆك كۆز،كۆكتە پەرۋاز قىلماق
كۆك- يوپۇرماق، مايسا: سەۋزە كۆكى
كۆك- يوغان ئاتلاپ تىكىلگەن تىكىچ: كۆك سالماق
كۆك- كۆكەرمە، ئۇششۇق: كۆك بىر نېمە.
9) كۈنلۈك- يامغۇر ياكى ئاپتاپتىن دالدىلىنىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل ئەسۋاب: كۈنلۈك كۆتۈرۈۋېلىش
كۈنلۈك-بىر كۈنگە مۆلچەرلەنگەن، بىر كۈنگە ئائىت: بىر كۈنلۈك ئىش، كۈنلۈك ئىشلىمەك
كۈنلۈك- كۈنداشلىق قىلماق، قىزغانماق: كۈنلۈك دەردى تارتماق
10)   كۈيە- بىر خىل ھاشارات، يۇڭدىن توقۇلغان بۇيۇملارنى يەيدۇ. كۈيە چۈشمەك
كۈيە- ئوت قالىغاندا ئىسنىڭ بىر يەرگە يىغىلىشىدىن ھاسىل بولغان قارا رەڭلىك ماددا: قازان كۈيىسى
11)   كۈيلىمەك - زوئولوگىيىلىك ئاتالغۇ. ھايۋانلارنىڭ جۈپلىشىشىنى تەلەپ قىلىشى: كۈيلەش مەزگىلى
كۈيلىمەك- قوشاق قېتىپ تەرىپلىمەك، مەدھىيىلىمەك: ۋەتەننى كۈيلەش
12)   كېزەك- بىر قورساقتىن بىر قېتىمدا تۇغۇلغان ئىككى بالا: قوش كېزەك
كېزەك- دوپپا، تۇماق قاتارلىقلارنىڭ چۆرىسىگە رەخت، كۆرپە ، تېرىدىن تۇتۇلغان گىرۋەك، جىيەك: دوپپا كېزىكى
13)   كۈل- كۆيۈشتىن قالغان قارا ياكى كۆكۈچ چاڭسىمان قالدۇق: ئوچاقنىڭ كۈلى، كۈل قىز  
كۈل- ‹كۈلۈش› پېئىلىنىڭشەخس بىرلىك بۇيرۇقى رايى: پەس ئاۋازدا كۈل.
14)   كىر- نەرسىلەرنىڭ ئۈستىگە قونغان، چاپلاشقان چاڭ – توزان قاتارلىق پاسكىنا نەرسىلەر: كىر قونماق ، كىر كىيىم
كىر- ‹كىرىش› پېئىلىنىڭ شەخس بىرلىك بۇيرۇقى رايى: ئۆيگە كىر.
گ
1) گاس- قۇلىقى ئاڭلىمايدىغان، پاڭ: گاس قۇلاق
گاس- مەشنىڭ شالا ئۇستىدىكى يان تەرەپلىرىگە سېلىنىدىغان لاي: گاس سالماق
2) گال- كېكىرتەك، كاناي، بوغۇز: گال ئاغرىقى
گال- ئۆتكۈر ئەمەس، كەسمەيدىغان: گال پىچاق، قولى گال
3) گەز- ئۇيغۇرلار تۇرمۇشتا مېتىر قوللىنىشتىن بۇرۇن ئىشلەتكەن ئۇزۇنلۇق بىرلىكى. بىر گەز تەخمىنەن 71 سانتىمېتىرغا تەڭ. بىر گەز مال ،گەز مال
گەز- ئادەمنىڭ لېۋىدە پەيدا بولىدىغان قاسراقسىمان قېتىشما: كالپۇكىنى گەز باغلىماق
ل
1) لاۋا- يانار تاغدىن ئېتىلىپ چىققان قىزىق ماگما: يانار تاغ لاۋاسى
لاۋا- دەرەخ شېخى، يوپۇرمىقى، ئەسكى- تەسكى قەغەز، گەندە، قىغ قاتارلىق چىرىگەن ئەخلەتلەر
2) لىق- تولۇق توشتۇرۇلغان، ئېغىزىغىچە قاچىلانغان: لىق تولدۇرۇلغان
لىق- ئىسىمداش قوشۇمچىسى: بازارلىق، يازغانلىق
3) لەڭگەر- كىمىنى بىر جايغا توختىتىش ئۈچۈن ، زەنجىرگە بېكىتىپ، سۇ ئاستىغا تاشلىنىدىغان چاڭگىسىمان ئېغىر تۆمۈر: لەڭگەر تاشلىماق
لەڭگەر- يولۇچىلار سەپەر ئۈستىدە قونۇپ ئۆتىدىغان جاي، ئۆتەڭ: ئاۋات لەڭگەر
م
1 ) ماددا- قانۇن، نىزام، بەلگىلىمە، توختام، ھۆججەتلەرنىڭ مۇستەقىل بۆلىكى: بىرىنچى ماددا
ماددا-جىسىملارنى تەشكىل قىلغۇچى نەرسە: ئورگانىك ماددا، زەھەرلىك ماددا
2) ماي- ھايۋان ۋە ئادەملەرنىڭ تېرە ئاستىدىكى توقۇلمىلىرىدا بولىدىغان ئورگانىك ماددا: قوي مېيى
ماي- ئاينىڭ نامى، بەشىنچى ئاي: ماي ئېيى
3) ماياق- قوي، ئۆچكە، تۆگە قاتارلىق بەزى ھايۋانلارنىڭ يۇمىلاق گەندىسى: قوي مايىقى
ماياق- مانا بۇ تەرەپ، ماۋۇ ئادەم: ماياققا مېڭىڭ.
4) مو- يەرنىڭ يۈزىنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم بىرلىكى، بىر مو تەخمىنەن 666.7 كۋادرات مېتىرغا تەڭ.بىر مو يەر
مو- مەملىكىتىمىزنىڭ پارچە پۇل بىرلىكى، بىر يۈەننىڭ ئوندىن بىرى: ئىككى مو پۇل
5) موما- خاماننىڭ ئوتتۇرىسىغا تىك قادالغان خادا: موما ياغاچ، مومىغا چىقىش
موما- ھور نان: موما سېلىش
موما- ئاتا ياكى ئاپىسىنىڭ ئانىسى: جېنىم موما
6) مونەك- كاللەك، توقماق ھالەتتىكى نەرسە: قار مونەكچىلىرى، بىر مونەك نەرسە
مونەك- ئۇرۇقچىسى ئىلىنمىغان شاپتۇل قېقى:مونەك سېلىش
7) مۇقام- ئۇيغۇر كلاسسىك مۇزىكىسى 12 مۇقام ۋە ئۇنىڭ ھەر بىر قىسمى: مۇقام ئاڭلاش
مۇقام- نوپۇز، دەرىجە، مەرتىۋە: ئەۋلىيالىق مۇقامىغا يەتمەك
9) مۆلدۈر- ھاۋا     
ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىقىزغىنلىقتىللاتۆھپەشۆھرەتيىغىشسەۋەبى
admin + 5 + 5 + 5 + 5ياخشى تېما.

ھەممە باھا نومۇرى : قىزغىنلىق + 5 تىللا + 5 تۆھپە + 5 شۆھرەت + 5  باھا خاتىرىسى

بايقاش چولپانلىرى ھىرىپ قالمايلى !

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4435 سەر
تىللا
1058 دانە
تۆھپە
2729 سەر
شۆھرەت
2913 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-6 00:39:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى بولغان شەكىللداش سۆزلەردى بىر قانچىنى يوللاپسىز رەخمەت سىزگە
ئوقۇتقۇچىلىق -قۇياش ئاستىدىكى ئەڭ شانلىق كەسىپ

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1730 سەر
تىللا
148 دانە
تۆھپە
770 سەر
شۆھرەت
801 سەر

مائارىپچىبايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسىتىرىشچان ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-6 08:49:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىيقەتەن كۆپ ئەجىر قىلىنغان «دەرسلىك بايلىقى » تەييارلاپسىز.ئەمما ئەڭ ئاخىرىدىكى مىسال تۇلۇق ئىلىنماي قالدىمۇ قانداق؟
ھەردۇقمۇشتا قامچا بار !
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-21 10:42, Processed in 0.230876 second(s), 34 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش