خوتۇن بولماق تەس!

دۇنيا ئاياللار بىلەن گۈزەل! ئەرلەرمۇ، ئائىلىمۇ، جەمىيەتمۇ ئاياللار بىلەن مۇكەممەل! جاپاكەش ئانىلار، گۈل چىراي، قولى چىۋەر خانىم-قىزلار، ياخشىمۇسىلەر؟ تور زىيارىتى داۋامىدا «ئاشىقىم مۇنبىرى›› دىن بۇ شېئىرنى ئۇچرىتىپ قېلىپ، ھەرقايسىڭلارنىڭ نەزىرىگە سۇندۇم، بەھىر ئالغايسىلەر، ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلغان شېئىر ئىكەن(ئەپسۇس، ئاپتورىنى بىلەلمىدىم).

مەن ئۆزەم شىئېرغا قىلىمەن ھەۋەس، شىئېر يازسام يالغاننى توقۇغان ئەمەس، شائىرلار دېيىشتى دىخان بولماق تەس، مەن ئۆزەم ئۇنچىلىك شائىرمۇ ئەمەس، تەس ئىشلار دۇنيادا تۇرىدۇ بەس-بەس، تەس دىسە ھەممىدىن خوتۇن بولماق تەس!

بىر يۈرەك سۆزنى ئېيتاي سالغىن قۇلاق، ئالدىراپ ئاغزىمغا سەن ياپما تۇۋاق، توختىماي توي چايدا سەن ئىچتىڭ ھاراق، ئويلۇنۇپ ئۆزەڭگە بىر قويغىن سوراق، ئۆيدە قالغان ئايالىڭ ئەمەس موناق، دۇنيادا ھەممىدىن خوتۇن بولماق تەس!

ئاياللار ئەزەلدىن، ئانا ۋارىسى، ئائىلە ئۇلارنىڭ، يۈرەك پارىسى، خوش بولۇپ ئۆتكۈنۈڭ، ئۇنىڭ سايىسى، سالدىڭ سەن ئۇنۇڭغا، يۈرەك يارىسى، ۋاقىتسىز ئۈزۈلدى، ياشلىق تارىسى، دۇنيادا ھەممىدىن خوتۇن بولماق تەس!

قىز ۋاقتى ئۆتەتتى ئويناپ خوش بولۇپ، كۆڭۇل شاش يۈرەتتى، شاتلىققا تولۇپ، يىگىتلەر كۈيەتتى، يىراقتا تۇرۇپ، توي قىلىپ پۇتىغا سالدى ئۇ قۇلۇپ، ئۆتتى ئۇ قۇلۇپنى، ئالالماي يۇلۇپ، دۇنيادا ھەممىدىن خوتۇن بولماق تەس!

توي قىلىپ، ئۆزىنى بەختلىك دىدى، چۈنكى ئۇ، تۇرمۇشنى بىلمىگەن ئىدى، ئىككىنى تۇغۇپلا، ئاندىن ئۇ بىلدى، ۋاي ئىسىت، نىمىشقا توي قىلدىم دىدى، ئانىسى سورىسا، ئەمما تىنمىدى، دۇنيادا ھەممىدىن خوتۇن بولماق تەس!

بۇرۇنقى شۇ قىزىل لەۋلىرىمۇ يوق، پاختىدەك سۈزۈك ئاق، تەنلىرىمۇ يوق، چىۋىقتەك ئەۋرىشىم، بەللىرىمۇ يوق، شۇ چۈرۈك، شوخ چاقچاق تىللىرىمۇ يوق، پەقەتلا نان پۈتۈن، قوسۇغىلا توق، دۇنيادا ھەممىدىن خوتۇن بولماق تەس!

بۇغداينى تېرىسا، قوناق ئۈنمەيدۇ، بۇغۇ بىر ھەقىقەت، ئۆزگەرتىلمەيدۇ، ھەيرانمەن بەزىلەر، بۇنى بىلمەمدۇ، بۇيرۇق قىپ، قىز تۇغماي ئوغۇل تۇغ دەيدۇ، قىز تۇغسا نەچچە ئاي گەپمۇ قىلمايدۇ، دۇنيادا ھەممىدىن خوتۇن بولماق تەس!

مەينەت دەپ تىللايدۇ، كىرنى يۇمىسا، ئۆيلەرنى توبالاپ، سەھەر تۇرمىسا، ئاياللار ، ماشىنا ئادەم بولمىسا، كۈندىلا ئۆيدە بار، سىرتتا قونمىسا، خاپا بۇلۇر، قىز تۇغۇپ ئوغۇل تۇغمىسا، دۇنيادا ھەممىدىن خوتۇن بولماق تەس!

كېچىدە مەس كىرىپ، خوتۇن قوپ دەيدۇ، قوساق ئاچ، قازانغا سالغىن چۆپ دەيدۇ، قوپمىسا ئىلاج يوق، قۇربى يەتمەيدۇ، مىڭ جاپا ئاش سالسا، ئۇخلاپ يىمەيدۇ، بۇنۇڭغا، كىمنىڭمۇ قوساق كۆپمەيدۇ، دۇنيادا ھەممىدىن خوتۇن بولماق تەس!

كۈن ئۆتەر، بۇ ئەرنىڭ ھاراقلا ئىچىش، مەس كىرسە، بۇ ئۆيدە ئۇرۇش ۋە چېقىش، ئايالغا ۋەزىپە - تاياقلا يىيىش، ھەيرانمەن ما بىر سۆز ، قۇرئاندا بارمىش: «خوتۇنغا ئېرىنىڭ تايىقى ھالال»مىش، دۇنيادا ھەممىدىن خوتۇن بولماق تەس!

ماڭار ئۇ يەسلىگە بالا كۆتۈرۈپ، ئىشلەيدۇ خىزمەتنى، باشنى چۆكۈرۈپ، ئىشتىن كەپ، ئالدىراپ ئۆينى سۈپۈرۈپ، ئەتسىمۇ تاماقنى، چۈشتە يۈكۈنۈپ، يىمەيدۇ،بۇ ئېشىڭ خام دەپ تۈكۈرۈپ، دۇنيادا ھەممىدىن خوتۇن بولماق تەس!

كۈن-كۈنلەپ بۇ ئەر يا ئۆيگە كىرمىسە، جاپادا ئاش ئەتسە، خام دەپ يىمىسە، نان ئالسا ناۋايدىن تېخى كۈنلىسە، خوتۇننىڭ كۆڭلىنى ئالاي دىمىسە، بۇ دەرتنى جاھاندا ھېچكىم بىلمىسە، دۇنيادا ھەممىدىن خوتۇن بولماق تەس!

قېيىنئاپا ئالىيىپ تۇرۇپ سىلكىشى، يارىماس كېلىننىڭ قىلغان ھەر ئىشى، ئېرىنىڭ قاپاقنى تۈرۈپ تىللىشى، بالىنىڭ ئاپا دەپ يىغلاپ ئىڭرىشى، مازاق قىپ خورازنىڭ سەھەر چىللىشى، دۇنيادا ھەممىدىن خوتۇن بولماق تەس!

جاپادا قېرىدى، يۈزلەردە قورۇق، دەپ ئۆتكەچ بىر ئۆمۈر:«خوش ئېرىم، قۇللۇق»، كاللىدا بار پەقەت ئەر دىگەن ئۇلۇق، ئېرىنىڭ ئۆمرىگە تىلەيدۇ يورۇق، ئۇ بىلەر ھەممىدىن يامان دەپ تۇللۇق، دۇنيادا ھەممىدىن خوتۇن بولماق تەس!

دىدىم مەن، ئاھ! خۇدا كۆردۈڭمۇ بۇنى؟ نىمىشقا ئايال قىپ ياراتتىڭ ئۇنى؟ ئويلاپ باق، ئايالنىڭ تۆمۈرمۇ جېنى؟ بەندىلەر باراۋەر دىگىنىڭ قېنى؟ ئايالنىڭ ئوخشاشلا ئىسلامغۇ دىنى؟ دۇنيادا ھەممىدىن خوتۇن بولماق تەس!

ئويلۇدۇم شۇ ئەرلەر خوتۇن بوپ باقسا، كېچىدە ئىشتىن كەپ سەي قورۇپ باقسا، ھەر شەنبە بىر دۆۋە كىر يۇيۇپ باقسا، توققۇز ئاي قوساقنى كۆتۇرۇپ باقسا، ئىنجىقلاپ جاپادا بىر تۇغۇپ باقسا، شۇ چاغدا بىلەتتى، خوتۇن بولماق تەس!

ئەسلى مەنبە: http://www.axikim.com/showart.asp?art_id=480 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئامان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-6 00:14
|