يالغۇز توغراق تۈۋىدە تۇرسۇنمۇھەممەد نەمەت يالغۇز توغراق تۈۋىدە، ئۇخلاۋاتقان ساراي بار. نۇر ساقال، نۇر جۇۋىلىق تەكلىماكان بوۋاي بار. تۇتۇپ قويار بوۋاينىڭ پۇت- قولىنى شامالباي. يوقلاپ كېلەر ھەر كۈنى كۈن كەپىدىن نۇرلۇق تاي. ئاي ئوردىدىن چۆچەككە، ئامراق بوپتۇ يۇلتۇز، ئاي. ئاڭلىۋېلىپ بىر چۆچەك، ناخشا ئېيتتى: لاي، لاي، لاي! يالغۇز توغراق تۈۋىدە، پاشا، كۇمۇت نەي چالار. قۇشلار چۈشۈپ توغراقتىن، نەينى ئالماقچى بولار. دىكى- دىككاڭ بۆجەنلەر بىر پەس ئۇخلاپ دەم ئالار. گۇم، گۇم بولدى ئاسماندا، قاچتى پەر، پەر، كىم قالار؟ چۈشتى شۇئان ئاسماندىن سىم- سىم يامغۇر بالىلار. يۇيدى توغراق، بوۋاينى قىلغان ئىشى چالىلار. يالغۇز توغراق تۈۋىدە، بىر بالا بار، ياش تۆكەر. دەيدۇ: توغراق تەكتىدە، نۇرغۇن باتۇر بوۋام بار. ئەسلەپ ئوغۇز بوۋىسىنى، توغىراقنى قۇچاقلار. قوي ھەيدىگەن تايىقىدا، بۇۋىسىغا خەت يازار. يالغۇز توغراق تۈۋىدە، زەپمۇ قىزىق ئويۇنلار. شۇ بالىنىڭ خېتىنى يەتكۈزۈپتۇ قويۇنلار. 2011- يىلى 16- يانۋار دىيارى قاراقاشتا يېزىلدى |