تۆكۈۋېتىلگەن تاماقلار ئادىل تۇنىياز يەڭلار ، ئىچىڭلار ، ئىسراپ قىلماڭلار . ـــ « قۇرئان كەرىم » دىن پەسىللەرنىڭ كەينىدە بىز ، ئىشتىھايىمىز ھەمىشە شامال . كېلەر-كېتەر ، كېتەر –كېلەر ، زېمىندىكى مامكاپ كىشىلەر . پارقىرار سەھەرنىڭ ئاشقازىنى ، كوركىرار چۈش ۋاقتى ئېچىپ ئاغزىنى . يۇلتۇزى ئاچ قالغان يۇڭلۇق گۇگۇم ئىككى يالماپ يۇتار بارچىنى . يەپ ئىچىمىز ئەسەبىيلەرچە قورسىقىمىز كۆرۈنمەس ھەتتا يوغىنايمىز لەھەڭدەك ئاستا . بەدبۇيىمىز قاپلار جاھاننى بىر كۈنلەردە كىرسەك تۇپراققا . ھەشەمەتلىك رېستۇرانلاردا ھەشەمەتلىك يەپ ئىچىمىز . يېگەنسېرى بىز باشقا مەخلۇق ، يېگەنسېرى قۇرۇق ئىچىمىز . ئېچىلىدۇ تاقاق ئىشىكلەر نەپسىمىزنىڭ شىرى ھۆركىرەپ . بىر كۈنى ئەي غاپىل كىشىلەر بۇ تويماس گال تويار توپا يەپ . بىر كۈنى كەچ تۈگىدى زىياپەت ، ئۈستەللەردە تاۋاق-تاۋاق ئاش – قورۇمىلار قالدى نىھايەت . تۆكۈلگەندە تۆپە-تۆپىلەپ ئەۋرەز يولى گۈرۈچ ، نىجاسەت . مىسكىنلەر بار تالادا ئاچلىق ، يىغلار ھۈنەر ، يىغلىدى ئاشلىق ، قىزىل يۈزلەر بولماس خىجالەت . نېمەت بىلەن مېھنەت جاۋابسىز ، توختىغاندەك بىزدە ئىبادەت ، بوسۇغىغا كەپتۇ قىيامەت . مەن بىر شائىر سەھرانىڭ ئوغلى شېئىرلىرىم كەلگەن زاغرىدىن . ئىچ-باغرىم قان ، قۇلاقلىرىم پاڭ بىر نان تاپسا چالغان ناغرىدىن . ئاڭلىغان مەن مەدداھ ئاغزىدىن : يەتتە ئورۇق باشاق دولقۇنلاپ چىقىپ كەپتۇ نىل دەرياسىدىن . ۋە يالماپتۇ بىرلا قىلىپ ھاپ يەتتە سېمىز باشاقنى بىردىن . قەھەتچىلىك يامراپتۇ ئاندىن ، باشلانغانچە شەھرى كەنئاندىن جفن شولىسى ئۆچۈپتۇ جاندىن يەر يۈزىدە يەتتە يىلغىچە ... ئەزىز خەلقىم ، ئاچ بىز تېخىچە تەگكەن بىلەن ئاغزىمىز ئاشقا ، كۆزىمىز ئاچ ، روھىمىز بەك ئاچ تەگمىگىيدى بېشىمىز تاشقا . كۆككە باقساق غېرىب ۋە تىمتاس يەر يۈرىكى يېرىلدى تالاي . ئۈستىمىزدە ۋالىلداق لىباس ، ئىچىمىزدە قۇپقۇرۇق ساراي . ئالتۇن كۈزدە دەل-دەرەخلەر باي ، باشلىرىغا كىيەر ئالتۇن تاج . قايتارمىز كۈز غازىڭى چىراي تويلاردىن بىز ئېغىر ، نائىلاج . كەتسە مېھمان يۇلتۇزدەك تاراپ دۆ-دۆۋە تۆكۈلەر مەزە . خارتىلدىشىپ ھولاقنى يالاپ چاھارپايلار قىلىدۇ مەززە . چۆچۈرىلەر مۇت ساناقلىقتەك تۇيۇلىدۇ ماڭا ھەر بىر كۈن . ئېغىز ئاچتۇق تۆت ئاياقلىقتەك ، ھايات ھەزىم بولۇۋاتقان گۈل . 2005-يىل 7-ئاۋغۇسىت |