پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2360 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 54|ئىنكاس: 1

4 شېئىر[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوقلىما
38
قىزغىنلىق
761 سەر
تىللا
346 دانە
تۆھپە
479 سەر
شۆھرەت
660 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-5 21:27:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

4 شېئىر  

غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد

سۆيگۈنىڭ رەسىمى يىرتىلغان يۈرەك  

قاراڭغۇ ئىشىكتىن كىرگەندە قۇياش،  
ۋەتەن دەپ باشلىنار كۆزۈمدىكى خەت.
يىغلايدۇ ئۆلۈك ئات كۆزىدەك غۇۋا،  
سۆيگۈنىڭ رەسىمى يىرتىلغان يۈرەك.   

ئەڭ مىسكىن يۇلتۇزنىڭ كۆز يېشى بىلەن  
قەلبىمنى يۇيىمەن تىترەپ ئاھ، تىترەپ.  
ئايدىڭدا سۇ تۇتقان قوناقلىقتىكى  
بىر قىزنىڭ كۆڭلىكى يەلپۈنەر لەپ- لەپ.  

ئەسلىمە ئوخشايدۇ كونا چاپانغا  
مەن ئۇنى سالمايلا ئۇخلاپ قالىمەن.  
كوچىدا ئۇچرىتىپ قالساڭ سەن مېنى
يۈزىنى يۇمىغان ئاشۇ بالىمەن.  


قەلبىمنى سورىما...  

قەلبىمنى سورىما، ئۇ بىر پۇچۇق جام،  
شارابلار تۆكۈلدى گۈلنىڭ بەرگىگە.  
ھاياتىم كۈن پاتقان قاراڭغۇ كىتاب،  
تۆلەيمەن مەن ئۇنى سۆيگۈ قەرزىگە.  

كۆڭلۈمنى سورىما، ئۇ بىر دىۋانە،  
ئىشىكىڭ ئالدىدا تۇرغان نان تىلەپ.
دۇنيانى قۇچاقلاپ تۇرغان قولۇمدا  
ئۆزۈمنى قۇچاقلاپ باقسام بىر نۆۋەت.  

سورىما سەن مېنىڭ ھېكايەمنى ھەم،  
مۇھەببەت دەردىدە خۇشال بىر ئازاب.  
ئۆلۈمدىن كىينكى مەلۇم بىر كۈنى  
                  يول ئالغان دوزاختىن جەننەتكە قاراپ!  



كۈتۈش بىر سەنئەت...

كۈتۈشمۇ بىر سەنئەت كۆيۈپ، ئۆرتىنىپ
نامەلۇم دىلبەرنى ئۈنسىز- ئۈمىدسىز.  
ئۇسسۇل ئويناپ، ناخشىلار توۋلاپ
شېئىرغا كىرگەندە ھەسرەتلىك بىر قىز.  

ئۇپۇقنىڭ قاراڭغۇ قىرغاقلىرىدا  
ئارمانلار يانغاندا پىل- پىل ۋە خىرە.  
ئۈمىدمۇ بىر سەنئەت، ئۆلۈك كۆزىدە  
قالغاندەك ھاياتتىن قانلىق مەنزىرە.  

يۇلتۇزلار قۇياشنىڭ ئىزلىرىدۇر ھەم  
ماڭغاندا كېچىدىن تاڭغا ئالدىراش،  
سەنئەتتۇر ئازابتىن ياندۇرۇپ چىراغ  
زۇلمەتلىك ھاياتتا نۇر چېچىپ ياشاش!




تونۇش بىر ئۆلۈمنى قالدىم ئۇچرىتىپ

تونۇش بىر ئۆلۈمنى قالدىم ئۇچرىتىپ،  
تۇتتۇم مەن قولىنى، باشلىدىم ئۆيگە.  
ئېلىپ ئۇ قوينىدىن يوق بىر كىتابنى،  
ئوقۇدى: ھاياتنىڭ مەنىسى- ئۆلۈم! ...

تونۇش بىر ناخشىنى قالدىم ئۇچرىتىپ،  
تۇتتۇم مەن قولىنى، باشلىدىم ئۆيگە.   
ئېلىپ ئۇ قوينىدىن چالدى بىر سازنى:
ناخشىنىڭ مەنىسى- ياردىن ئايرىلىش!...

تونۇش بىر ئايالنى قالدىم ئۇچرىتىپ،  
تۇتتۇم مەن قولىنى، باشلىدىم ئۆيگە.  
دېدى ئۇ لېۋىمگە سۆيۈپ تۇرۇپ، ئاھ:  
سۆيۈشنىڭ مەنىسى- ئەر بىلەن ئايال!...  

تونۇش بىر تەقدىرنى قالدىم ئۇچرىتىپ  
تۇتتۇم مەن قولىنى، باشلىدىم ئۆيگە.  
چەكسىز دەرد- ھەسرەتتە بېشىنى ئېگىپ
دېدى ئۇ: ئادەمنىڭ مەنىسى- تەقدىر!...

تونۇش بىر شېئىرنى قالدىم ئۇچرىتىپ،  
تۇتتۇم مەن قولىنى، باشلىدىم ئۆيگە.  
ئالدى ئۇ قەلەمنى، يازدى بىر مىسرا:
..............................
چۈمۈلۈپ قاتمۇ- قات مەنىسىزلىككە.

ئۇچرايدۇ ھەر كۈنى تونۇش- بىلىشلەر،  
تۇتۇپ مەن قولىنى، باشلايمەن ئۆيگە.  
سۆزلەيدۇ مەنىسىنى زوق بىلەن ئۇلار،  
تاكى   قالمىغۇچە زەررىچە مەنە!...


مەنبەسى :يازغۇچىلار مۇنبىرى

قولۇڭدىن كېلىشىچە باشقىلارغا ياخشىلىق قىل .

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4435 سەر
تىللا
1064 دانە
تۆھپە
2729 سەر
شۆھرەت
2913 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-5 21:46:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى شېئىرلاركەن . مەزمۇنى ياخشى . رەخمەت سىزگە.
ئوقۇتقۇچىلىق -قۇياش ئاستىدىكى ئەڭ شانلىق كەسىپ
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-22 09:21, Processed in 0.134745 second(s), 33 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش