ھايات-ئۆلۈم بوسۇغىسىدا كەۋسەر بەلكىم ئۆلۈم ۋەھىمىسىنى ، ھېس قىلىسەن قانىسا يۈرەك . ھايات –ئۆلۈم بوسۇغىسىدا ، ئىشقا ئاشسۇن قانداقمۇ تىلەك ؟ گويا يىلان كەبى سوزۇلغان ، ماي يولىدا كېتىپ باراتتىم . ماشىنىدىن ياڭرىغان ناخشا ، زوقۇم بىلەن تىڭشاۋاتاتتىم ... مەنزىلىمگە بېرىشقا يېتىپ ، قالدى يەنە ئوتتۇز چاقىرىم . سىرىتتىن شامال ئۇرۇپ تۇرىدۇ ، تەكرارلىنىپ ئوخشاش بىر رېتىم . سۈرئەت ئەللىك ئاتمىش ئەتراپتا ، ئەمدى كەلدىم شېغىللىق يولغا . شاراقشىغان تاشنىڭ ئاۋازى ، قارىتىدۇ گاھى ئوڭ-سولغا ... تۇيۇقسىزلا ئوڭدىكى يولدىن ، چىقىپ كەلدى موتۇلۇق كىشى . كۆرۈپ ئۇنى تەشۋىشكە پاتتىم ، رولنى تارتتىم ئوڭ ئېگىلىشى ... بىراق شۇچاغ ئۈستى موتومۇ ، ماشىنامنىڭ كەينى چاقىغا . تورمۇز قىلدىم بەكمۇ ئەندىكىپ ، بىردەم چىقىپ قالدىم ياقىغا . يارنىڭ لېۋى كەلدى بويلىشىپ ، كونترولنى يوقاتتىم بىردىن . كۆمتۈرۈلدى ئەمدى ماشىنام ، ئېگىز داۋان پەسكە سىيرىلدىم . تۆت-بەش سېكۇنت ئىچىدە مانا ، ئەزرائىلغا سالامغا كەلدىم . بىراق ، رىسقىم باركەن يەنىلا ، ساق قۇتۇلدۇم بۇ چاغ ئەجەلدىن . كۆزۈم ئاچسام ماشىنا تەتۈر ، تۆت چاقىمۇ قاراپ ئاسمانغا . بېشىم ئۈستى ، دومىلىدىم ھەم ، پاناھ ئىزلەپ قاراپ ھەريانغا . شۇ دەقىقە ۋاقىت ئىچىدە ، ئەسكە ئالدىم تاتلىق قىزىمنى . ھالال جۈپتۇم ۋە تۇغقانلىرىم ، ھەم جاپاكەش ئەزىز ئانامنى . مەن تېخىچە تۇرىمەن ھايات ، شۈكرى دېدىم تۆكۈلدى يېشىم . ئۇلۇغ ئىگەم ياغدۇرۇپ شەپقەت ، ئامان قالدى بۇ ئالتۇن بېشىم ... ۋەقە سادىر قىلغان موتوچى ، تىترەپ تۇرار ئالدىمغا كېلىپ . قىلمايدۇ سۆز ھەتتا بىر ئېغىز ، تارتىدۇ ئۇھ ، ئىچىگە تىنىپ . ئەپۇ قىلدىم تالاشمىدىم ھېچ ، ھەر ئىككى جان ئامان قالدى دەپ . ئېيىتتى خەلق :« سەبرى قىلىڭلار » ، بولمىسا ئىش كېتىدۇ ئەدەپ ... . پەقەت بىرلا كېلىدۇ ھايات ، چىقسا جېنى كېتىدۇ ئادەم . گۈل-چېچەككە قونسا جۇت-بوران ، ئوراپ ئالار كۈلكىنى ماتەم . 2011-يىلى 7-ئاينىڭ7-كۈنى |