ئىككى شېئىر سائادەت ساتتار كۈلەلمەيمەن كۈلەلمەيمەن ئىچ-ئىچىمدىن ئېچىلىپ، زورلىمىغىن ساختا ھەييار كۈلۈشكە. بىر گۈل ئىدىم،ئۈششۈكىڭدە مىجىلىپ، ئۈمۈدۈمنى ئۈزدۈم قايتا ئۈنۈشكە. غۇنچە ئىدىم باش باھاردا بېغىڭدا، تەقەززا بوپ ئۆتكەن ئىدىم پەرۋىشكە. جۇت-زىمىستان سوۋغا قىلغاچ دەممۇ-دەم، مەجبۇر بولدۇم بەرگىم دەپنە ئېتىشكە. ئايلىنالماي سەپىرىڭدە بېغىمغا، ئازار بېرىپ كەلدىڭ ھەر-دەم دىلىمغا. باغنى تاشلاپ كەلمەك بولۇپ قېشىڭغا، قار لەيلىسى بولۇپ ئۈندۈم تېغىڭغا، زىمىستاندا مېنى يالغۇز قالدۇرۇپ، بىغەم يۈردۈڭ قار-مۇزۇڭدا توڭدۇرۇپ. ئەڭ ئاخىرقى بىر تال لەيلىگۈلنىمۇ، نابۇت قىلدىڭ ئۆز قولۇڭدا تومۇرۇپ. زورلاپ كۈلۈپ سەندىن كۈلكە كۈتەتتىم، ئەڭ ئاخىرقى ئۈمىد بىلەن يۈرەتتىم. چەيلەنسە باغ،غۇلاپ چۈشسە تاغلىرىم، ئېيتە،!ئەمدى يەنە قانداق كۈلەتتىم؟ كۈلەلمەيمەن ساڭا مەرتە جىلمىيىپ، يۈرسەڭمۇ گەر تەما بىلەن ھىجىيىپ. تېتىپ باققىن سەنمۇ قېنى چىدامسەن، قاپاق تۈرسەم كۈلگىنىڭدە ئۈمچىيىپ. ------------------------------------------ 《كروران》ژورنىلىنىڭ2010-يىللىق3-سانىدىن ئېلىندى گۇناھ قورغىنى سائادەت ساتتار سۈكۈت ئىچرە گۇناھ قورغىنى، تام-تورۇسلار كۆرىنەر ئويلۇق. كاھىشلىرى تىلەر يامغۇرنى، يا قۇياشنىڭ ئىللىق تەپتىنى، گاھى تىلەپ قالىدۇ يەنە، قونۇپ بىركۈن بۇلبۇل يا كاككۇك. ناۋا قىلىپ بەرسە دەپ مۇڭلۇق. لېكىن يەتمەس ھېچبىر بىر تىلەككە، قول قوشتۇرۇپ تەغدىرگە ئاخىر، بولالماستىن ئىشەنچكە قادىر، سىرلىق تىلسىم بولۇشنى تاللاپ، پىنھان-پىنھان سۈكۈتنى خالاپ، كۈن،ئايسېرى ھەتتا يىلسېرى ئۇنتۇپ كەتتى تىلەكلىرىنى، تەرك ئەتتى ئارمانلىرىنى، ئەسىرلەرنىڭ سوغ شاماللىرى يالمىماقتا ئاق تاملىرىنى. قورۇتماقتا چاھار باغلىرىنى، بىراق ئۇ مەغرۇر بېقىپ قىلىدۇ ئىما، قورۇپ كەتكەن كۆلچەكلىرىنى؛ يىللار يالاپ سىلىقلاپ كەتكەن، پىشايۋاننىڭ بۇرجەكلىرىنى. جاھازىلارنىڭ سىرلىرى ئۆچتى، سەلتەنەتنىڭ سۈرلىرى كۆچتى، غۇلاپ چۈشتى مەغرۇر مۇنارلار، قۇرۇپ كەتتى مەزمۇت چىنارلار، سۆلكىتىدىن ھېچبىر ئىزنا يوق، مۇڭلۇققىنە تۇرغىنى تۇرغان، ھىچكىم ئەسكە ئالمايدۇ ئۇنى، رىۋايەتتەك بەزى ئۇنتۇلغان، كەچمىشىدىن نامۇ-نىشان يوق، تۇرقىدىنلا چىقىپ تۇرىدۇ، ئۇنى چوقۇم قارغىشلار تۇتقان، مەستخۇشلۇقتىن كىبىرلەنگەچكە، پەلەك چاقى تەتۈر ئايلانغان، مىھىرسىراپ زېرىككەن موماي، ئەپسۇنىنى تەتۈر ئوقىغان، ئاستىدىكى ئاشۇ تۇپراقمۇ، كۆتۈرەلمەي ئاجىز ئىڭرىغان، تۇرخۇنىدىن چىققان ئىسلارمۇ، تارقىلالماي ئىچىدە قالغان... مەرھەمەتنى قەدىرلىمىگەن، پۇرسىتىنى ئەزىزلىمىگەن، دەپ ھۆكۈملەر پۈتۈلۈپ ئاڭا، يەلكىسىگە تامغا بېسىلغان، قۇياش نۇرى،تۇپراق،سۇلارمۇ نەچچە ئەسىر يۈزىن ئۆرىگەن. مانا شۇ ھال لايىقتۇر ساڭا، دەپ قەھرىدە يىراق چۆرىگەن، مانا شۇنداق قەدىمىي قەسىر، لەنەتلەرگە بولغانچە ئەسىر، شۇ جايىدا تۇرار سۈكۈتتە، بەلكىم، شۇ زىمىنمۇ كۆتۈرمەي بىر كۈن، يۈتۈپ كىتەر ئۇنى قوينىغا، تۈرلۈك گۇناھ ئېسىپ بوينىغا. چۈنكى ئۇ تۇرغان، قەدىمىي قورغان، ھىچكىم قۇتقۇزماس، قۇتقۇزالماس ھەم، پىشانىسىگە تامغا ئويۇلغان، شۇنداق قورغان بۇ لەنەتلەر ئۇرغان. شىنجاڭ گېزىتى 2011-يىلى1-ئاينىڭ 24-كۈنىدىكى سانىدىن ئېلىندى ئايال نىداسى سائادەت ساتتار ئۆينىڭ مۇزدەك تۆت تېمىدىن كىرمەكتە ۋەھىمە،كىرمەكتە تەھدىت ئايال ئەندىكەر ئاياغ تىۋىشتىن ئۆزىگە تونۇش ئاشۇ مۇدھىشتىن بەزەن تىلەپ ئۇنىڭ كىلىشىنى چۆچۈگەنچە ئۆتىدۇ ۋاقىت بۆشۈك تەۋرەتكەن قولى تېڭىلغان قاپاقلىرى رەت-رەت يېرىلغان ئايالنىڭ روھى قونالغۇ ئىزدەر مۇشۇ ھالەتتە تۈننى،كېچىنى ئېسەنكىرەپ،قورقۇپ ئۆتكۈزەر ئاڭا يۇم-يۇم كۆز ياشلىرىلا ھەمراھ بولۇپ دوستلۇق يەتكۈزەر ئەرنىڭ ئۇشۇقى<چۇ>چۈشسە بۈگۈن قاينايدۇ ئوخشاشلا بېشىدا چۆگۈن ئايال چۆچىدى نىدا قىلدى ماجالى قالمىغان تېنىگە تەگسە يەنە بىر تاياق بەلكىم ئۆلۈپ قالغۇسى بۈگۈن بۈگۈن بولمىسا ئەتە يا ئۆگۈن ئەنە ئىشىك ئېچىلدى تونۇش قەدەم بېسىلدى ئۈمىدلەردىن يۇلقۇنغان قورقۇنچ ئايالنىڭ پۈتكۈل جىسمىغا قايتا ئېسىلدى... <شىنجاڭ گېزىتى>2010-يىلى12-ئاينىڭ12-كۈنى(21517)سانىدىن ئېلىندى ئەتىگەنكى تېز سىزمام سەھەر ئالدىراشلىق ئىچىدە كۆزۈم چۈشتى تەشتەكتىكى ئېچىلغان گۈلگە ھوزۇرلىنىش ئىستىكىمنى نوقۇغاچ ۋاقىت يولغا چىققاچ غودۇراپ ماڭدىم ئىچىمدە قاچان ئېچىلغان بولغىيدى؟ دەپ سۆزلىدىم ئۆزۈمگە لەنەتتەككۈر بېكەتتە. ئاچچىق سوغۇق چىمدىغاندا مەڭزىمنى كۆرۈلدى مۇدھىشنىڭ كۈچى ئېچىشتى بۇرنۇمنىڭ ئۇچى دۈگدەيتتى سوغۇق مەغرۇر قەددىمنى ئاپتوبۇسقا چىقتىم تۇتقۇچقا مەھكەم ئېسىلىپ بېشىمنى شارپا ئىچىگە تىقتىم تۇنجۇقۇپ قالدىم قىستاڭچىلىقتا شۇ تاپ تىڭشار كىشى يوق دەردىمنى (پۇتۇمغا دەسسىدى)دىگەن ئەرزىمنى ئاخىرقى رەت قاچان سۇغارغان بولغىيتىم ھە؟! دەپ يەنە ئەسلىدىم ئۆيۈمدە،تەكچىدە،تەشتەكتە قاچانلاردىدۇر شەپىسىز ئېچىلغان گۈلنى. ئاپتوبۇستىن چۈشۈۋېتىپ نىيەت قىلدىم ئىشتىن چۈشۈپلا يۈگرەيمەن ئۆيگە قېنىپ-قېنىپ قارايمەن ھېلىقى گۈلگە بەلكىم ئۇنىڭ ھەر بىر بەرگىدە باردۇر مەن كۈتكەن تاتلىق ئەسلىمە... دېرىزەمنى چېكىسەن قاچان < سائادەت ساتتار > چۈشلىرىمدىن ئىزدەيمەن سېنى ، چولپان كەبى چىقارمىكىن دەپ . شۇنچە يىللار كۈتتىم زارىقىپ ، كۆڭۈل ئىزھار ئېيتارمىكىن دەپ . ئۆتۈپ كەتتى نەچچە پەسىللەر ، ئاھ سۇئاللار قىينار كۈۋەجەپ . مېنىڭدىكى سۆيگۈ مۇھەببەت ، پەسەيگەندەك گاھى ۋايىم يەپ. رىشتە ئۈزمەك بولىمەن ،لېكىن- قىلىقىڭدا ئۈمۈتلەر ئايان . قېپ قالدىغۇ ئاخىرقى تىنىق ، ئاھ ، دېرىزەم چېكىلەر قاچان؟ < تۇرپان گېزىتى>نىڭ 2010-يىل9- ئاينىڭ 22-كۈنى < چارشەنبە> 3685-سانىدىن ئېلىندى قار ۋە مەن گاھى ئەسلەپ قالىمەن سېنى، ئىرادەمگە خىلاپلىق قىلىپ. سۈكۈناتقا چۆكۈمەن يەنە، چۈشلىرىمگە قالساڭ ئىلىنىپ. بۈگۈن ياغدى يەنە بىر-رەت قار، كەچمىشلەرنى ئىسىمگە سېلىپ. ئاچچىق-تاتلىق ئىسيانكار ھىسلار، لەيلەر ئىدى قارغا ئېسىلىپ. ئەمما ئاجىز ئىكەنمەن قاردىن، ئۇيۇشمىدىم مۇزغا قېتىلىپ. ئەتىيازدا سەل بوپ ئاقمىدىم، تەبىئەتنىڭ ھۆكمىگە بېقىپ... 2010.1.27 )گەپ بولۇپتۇ( مۆمىنجاننىڭ شۇ ناملىق ناخشىسىغا تەقلىد مىنى كۈندە مۇنبەردىلا يۈرىدۇ دەپ، كىيۇكىيۇ لاردا(بەخت)پەيزى سۈرىدۇ دەپ، بىزنى كۆرسە قاپىغىنى تۈرىدۇ دەپ، گەپ بولۇپتۇ مەھللىدە گەپ بولۇپتۇ. ئەتمەيدىكەن بىر ۋاق تاماق ئۆيىدە دەپ، ئاچمايدىكەن تۈزۈك قاپاق ئېرىگە دەپ، يەپ تۇرارمىش نەچچە تاياق كۈنىگە دەپ، گەپ بولۇپتۇ مەھللىدە گەپ بولۇپتۇ. (كۆيدۈم-پىشتىم)دەپ شىئېرلار يازارمىش دەپ، سەۋدا بولۇپ گەپلىرىدە ئازارمىش دەپ، توي-تۈكۈن ۋە ئولتۇرۇشتىن قاچارمىش دەپ، گەپ بولۇپتۇ مەھەللىدە گەپ بولۇپتۇ. كۆرمەس بوپتۇ تورغا قاراپ كۆزىمۇ دەپ، سىغماس بوپتۇ ھىچ ئەقىلگە سۆزىمۇ دەپ، چىقماس بوپتۇ تالا-تۈزگە ئۆزىمۇ دەپ، گەپ بولۇپتۇ مەھەللىدە گەپ بولۇپتۇ. غەم يىمەڭلار مىنى ئېزىپ قالارمۇ دەپ، (ئىشلىرىنى)ئېرى سىزىپ قالارمۇ دەپ، مەيدەم تىكتۇر غەيۋەتلەرگە كۆنگەچ ئۆزۈم، كۈچىمەڭلار توردېن تېزىپ قالارمۇ دەپ. قالارمەن بەلكىم قايتا يېزىلىپ قارا باسقان چۈشنى ياقتۇرۇپ قالدىم. ئانامنىڭ قۇچىقىدىن ئۆزۈمنى يۇلۇپ زەردە بىلەن قايتۇرۇپ ئالدىم. ئۇغۇز سۈتى ئېغىزىمنى كۆيدۈرگەچ قىيمىغانچە ياندۇرۇپ سالدىم. ئۇنىڭ تەمىگە كۆنمەيمەن ئەمدى. سۈنئىي گېلەم ئۈستىدە تە-تە ئېتىپ يۈرمەيمەن ئەمدى. تۇپراقتىن ئەمەس قۇملاردىن قايتا تۆرىلىمەن تۇنجى قەدەمنى بېسىپ تەكلىماكانغا ماڭالمىسام ئۆمىلەپ،سۆرىلىمەن. سىڭىمەن چەكسىز قۇم بارخانلىرىغا، ئۈنمەيمەن ئانامنىڭ ئارمانلىرىغا. چۈنكى ئۇنىڭ قۇچىقى مۇنبەت تۇپراق لېكىن ئۈنۈمسىز. خۇددى پۇت پۇرايدىغان مەسچىتتەك ئۇلۇغ لېكىن سۈيۈمسىز. * چېكەتكىلەرنىڭ سەت چىرىلدىشى، بۇزار ھەردەم ئاراملىرىمنى. قۇمۇچاقلار،سەت چار پاقىلار... تاتلاپ قويار يارىلىرىمنى. كۆل يۈزىدىكى مەغرۇر شۇ ئاينى، چۇۋىۋەتتىم نوگاينى سېلىپ. ئاي پارچىسىنى نەچچىگە بۈلۈپ، ئېلىۋالدىم قاپاققا سۈزۈپ، قاپاق تېخى يېرىملاشماستا، نوگاي سۇندى قاپ بىلىدىنلا. سىقىمدىغانچە ئۇنىڭ بېشىنى، تاپالمىدىم قېنى يېرىمى؟ ئەپ قاچتىمۇ ئاچ بېلىجانلا؟! * قاپقانلاردىن ئۈركىگەن كىيىك، ئەگىپ ئۈتۈشكە ئۈلگۈرەلمىدى. ۋەھمىدىن مادارسىز پۇتلار، مەنزىل تامان يۈگۈرەلمىدى. ئېغى ئۇچۇق ئىشتاننى سېلىپ، غۇنچىلىرى ئەمدى ئېچىلىپ، رەسىدە بولغان قىزچاقنى ئەتلەس كۆينىكى يۆگىيەلمىدى. يىقىلدى ئۇ يالىڭاچ پېتى، ئەۋرىتىنى ئېچىشنى ھەرگىز، ئاڭا مومىسى ئۆگىتەلمىدى. شاماللاردىن بولۇشقان بىزار، قۇياش تەپتىگە ھەردەم ئىنتىزار، بارخانلارمۇ ئۇنى يۆلىيەلمىدى. * سۈكۈناتقا چۆمدۈم،ئويلىنىپ، توغراقلارغا ئەسىر يۆلىنىپ، يىتىپ كەلدىم يىڭى ئەسىرگە، (مەخمۇت) بۈشۈكىگە بۆلىنىپ. قالارمەن بەلكىم-قىزىمنىڭ(ئېلىپبە)سىدە، تىلغا ئېلىنىپ، نەچچە يىل بىر قايتا يېزىلىپ، ھەر سانىدا ھەر خىل ئۆزگىرىپ. ئاستا-ئاستا كىتەرمەن بەلكىم، تەكلىماكانغا قايتا كۆمۈلۈپ. 2010.10.30 كۆرەلمەسكە ماڭسا ئۆزگە داغدام يولدا، يۈرگەن يېرىڭ پاتقاق كوچا. ئۆزگە چاقسا مېغىزىنى، پەيت كۈتۈپ قىلدىڭ ئولجا. سورۇن قۇرسا ھەم ئۆزگىلەر، (بار مەسلەھەت) بۇلۇشۇشقا. ئاران كەلدى پۇرسىتىم دەپ، يەڭنى تۈردۈڭ ئۇرۇشۇشقا. توۋا دەيمەن ئەركەككىمۇ، يۇقۇشۇپتۇ غەيۋەت قىلىش. ئەركەك ئۈچۈن زىننەتتىغۇ؟ ھەر سورۇندا ئۆزنى بىلىش. ئۇزۇن يولدا سىنىلار ئات، داۋان كۆزلەپ ئاشالىسا. ئەل-ئاۋامنىڭ كۆزىچىلا، ھەقنى سۆزلەپ يازالىسا. خىلۋەتلەرگە مۈكۈۋېلىپ، شېكەر سۇۋاپ ئوقيا ئېتىپ. ئايان بولدى ئەسلى خۇيۇڭ. نەيرەڭ بىلەن گەپ يۈگۈرتۈپ. كۆرەلمەسلىك ھامان يالغۇز، قوياربىزنى دوست-يارەنسىز. قىلىپ قويار مىسكىن يېتىم... تۈزەتمىسەك ئىللەتنى بىز. كۆرەلمەسلىك غەيۋەتخورلۇق، ئەزەلدىن يات قەۋمىمىزگە. ھامان يەردۇر قارا يۈزۈڭ، ئايان بولۇپ ھەممىمىزگە. تۇر ئورنۇڭدىن سەنمۇ ئېلىپ- كەتمەنلەرنى چېپىپ باققىن! ھالال ئەجىر مىھنىتىڭدىن، كەلگەن ناننى تېتىپ باققىن! 2007.8.5 پىنھاندىكى پىچىرلاش)1( سېنى دەپلا ياشاپ كەلدىم ئۈمىتتە، ئېلىپ كەلگەچ مەيىن شامال ھىدىڭنى. پىنھانلاردا ياشلار تۆكتۈم سۈكۈتتە. ھەر نەپەستە زىكرى قىلىپ ئىسمىڭنى. سەن يۈرگەنسەن بەلكىم ئۇندا خىرامان، داۋام ئىتىپ مەن سىڭمىگەن چۈشۈڭنى. پىنھانلارغا دەپنىلەپ ھەم كۆمگەنسەن، سىمالىرىم سىڭگەن كەچمىشلىرىڭنى. مەيلى ئۇنتۇپ ئازاپلاردىن قۇتۇلساڭ، ئاڭلىغۇم يوق چۈشۈپتۇ دەپ بېشىڭنى. ئەسلەش ماڭا تالىق بولسۇن بىر ئۆمۈر، كۆرمىگەيمەن مەڭگۈ تۆككەن يېشىڭنى. "> پىنھاندىكى پىچىرلاش)2( سۆيىمەن بىر سېنى،سۆيمىسەڭمۇ گەر، ئۆمۈرلۈك نىشانىم ۋەسلىڭنى كۈتۈش. مەيلىڭدىن بىشارەت بەرمىسەڭمۇ گەر، قارارى-ئەھدىمگە ياتتۇر ئۆكۈنۈش. سەن ئۈچۈن گۈل تەردىم پىنھان بېغىمغا، ئىپتىخار-پەخرىمدۇر سۇغۇرۇپ ئۆتۈش. چۈشكىچە قرولار سۈمبول چېچىمغا، بىر نىسىپ بولسىدى سۈيۈش-سۈيۈلۈش. ئېھتىمال بۇ يۈرەك كىتەر يېرىلىپ، پەيتلىرى كەلگەندە باغرىڭغا چۆكۈش. شۇنداقلا نۇرغۇن سىر كىتەر يېشىلىپ، ئىمكانىم بولغاندا دەردىمنى تۆكۈش... |