ئاسمان بۆشۈك (بالىلار شېئىرلىرى) تۇرسۇنمۇھەممەد نەمەت شىر شىر، شىر شىر قۇلىقىدا كىر. شىر، شىر، يۇيۇۋېتەيلى بىر. بىللە ئوينايلى شىر ئوينىغان ئورماندا. ئېتىم بولغىن دەپ باقايلى! ئۇچرىسا ئالدىمىزغا. 2011-4-12 ئاسمان بۆشۈك ئاسمان- يەرنىڭ تۇۋىقى. ئاي، يۇلتۇزلار كېچىدە، ئۇخلايدىغان بۆشۈكى. ئۇخلار ئاشۇ بۆشۈكتە مىياۋ، مىياۋ مۈشۈكى. بار ئۇلارنىڭ مېنىڭچە، زەپمۇ قىزىق چۆچىكى. چۈمۈلۈشكە يازلىقتا، بۇلدۇق- بۇلدۇق كۆلچىكى. ئاسماندىكى بۆشۈكتە، ئۇخلاپ ياتقان مۈشۈككە، بىر سۆزۈم بار دەۋالاي بارمۇ ئوزۇن قۇلىقى؟ - كىتابىمنى يەپ قويغان، چاشقانباينى تۇتۇپ بەر. ھەي كەلمىدى، كەلمىدى، ئاي، يۇلتۇزنىڭ مۈشۈكى. مەن بالكوندا، ئاسماندا ياڭرىدى تاڭ گۈدۈكى. 2011-12-14 كۆل بويىدا ئاڭلىنىدۇ شىر، شىرلار، قۇمۇش ئېيتقان ناخشا بۇ. قۇمۇشلارنىڭ پۇتىغا ئۆتۈك ئىكەن سۈزۈك سۇ. پاقا بوپتۇ پادىشاھ سۇ ئۈستىدە ئوردىسى. كۇر، كۇر، كۇر، كۇر ئاۋازلار، پاقا خەلق چۆچىكى. - كۆل بويىدا نېمە كۆپ؟ ئېقىپ كەلدى ئاي نۇرى. ئەينەك كۆرەي دەپ تۇرسا، بۇلۇت توستى يۈزىنى. - كۆل بويىدا نېمە كۆپ؟ - ئۆردەكلەرنىڭ چۈجىسى. كېمە بولۇپ ئۈزىدۇ، تەييار ئىكەن پالىقى. قاراڭلارەي، قاراڭلار، كېچە قارماق سالماقچى. بېلىق تۇتۇپ كۆللەردىن، ئۆيىگە ئاپارماقچى. 29/11/2011 شامال - ئورمان دېگەن كىتابنى، شامال بالا ئۇقامدۇ؟ - ئوقۇيدۇ. - شىر، شىر، شىر، ۋاراقلاپ، يېپىپ قويۇپ قاچامدۇ؟ - قاچىدۇ. - دېھقان بوۋاي خاماندا، شامال ئىزدەپ يۈرەمدۇ؟ - يۈرىدۇ. كەپسىز شامال ئورماندا، بېلىق بولۇپ ئۈزەمدۇ؟ - ئۈزىدۇ. مۈشۈك بىلەن شەپەرەڭ - مىياۋ، مىياۋ، قورسىقىم نەي بوپقاپتۇ ئەجەپمۇ! چاشقان كىرگىن ئۆيۈمگە، كىردى ماڭا ئەدەپمۇ. - مۈشۈك مېنى ئالدىما، تاتلىق گەپتە جايلىما. - چاشقان ئاداش ئارتۇقچە، مېنى ئەسكى ئويلىما. - بالام كىردى بىر ياشقا، چىشلىرىڭدا چاينىما. ناخشا ئېيتسا كىس، كىس، پىس، ئۇخلاشقىن دەپ كايىما! - بولما ئاداش مۇئەللىم، ئوقۇپ بولغان مەكتەپتە. ئۆزۈڭنى بىل، بالاڭنى، ئەكەل مۇشۇ پۇرسەتتە. - خام- خىيالغا بېرىلمە، قانات ئۈندى بىزگىمۇ. چىقالايمىز گۈس، گۈس، گۈس ئېتىز، دالا، تۈزگىمۇ. توغراق يامغۇر بۇلاق ئەكەپتۇ، قۇملار قېنىپ ئىچىپتۇ. ئۆسۈپ بىر تۈپ دەرەخباي، يېشىل چاپان كىيىپتۇ. شامال تارغاق بىرىپتۇ، ھىلال ئورغاق بىرىپتۇ. قۇم شەھەردە بىر كۈنى، دەرەخ توغراق بولۇپتۇ. ئات چاپتۇرۇپ بورانبەگ، ئۇنى ۋاس، ۋاس ساۋاپتۇ. يارا بوپتۇ دۈمبىسى، يەنە نەچچە قاناپتۇ. قۇم شەھەردە، كەپىدە، تۇرغان ۋەھشى دىۋە بار. يېشىل رەڭگە ئىچى تار، قۇم پۈركۈپتۇ نەچچە رەت، توغراق كۆزى كور بوپتۇ، كۆزى يېنى تور بوپتۇ. باتۇر توغراق ھەممىگە، چىداپتۇ يا چىداپتۇ، ئاڭا باشنى ئەگمەپتۇ. يىل ئۆتۈپتۇ، كۈن دوختۇر ئۇكۇل ساپتۇ نۇرىدا. ئۆسۈپ توغراق يىلتىزى يەر ئاستىغا چۆكۈپتۇ، بېلىق بولۇپ ئۈزۈپتۇ. توغراق ياشاپ ئۈچ مىل يىل مۇراد تېپىپ كۈلۈپتۇ. دۈشمەن دېگەن ئەسكىلەر، دەرد- ھەسرەتتە ئۆلۈپتۇ. 2011-12-16 |