ھەي خۇتۇن
رەپقەت شېئىرى

مەخسەت ئەمەس خۇتۇندا ئىدارەمدە ئوتۇندا، پۇتلاشتىم كۆپ ئوتۇنغا ‹‹كۆتۇر››دىسە دىمەي ياق. ئىددىيەمدە ئويلاندىم ،ئېغىر كەلدى كۆپ ئىشلار، ئوقۇپ ھەممە مەزمۇننى بىلەرسەنغۇ خۇتۇنچاق.
ۋەتەن كۈيلەپ بەزىدە ئانا كۈيلەپ بەزىدە، ‹‹ئانا ۋەتەن›› دىگەندە ‹‹خۇتۇن›› دىگەن ئوخشاشراق. تەربى ئالسۇن بالاڭمۇ ئوزەڭ بىلگەن شۇ تىلدا، خۇتۇن ئەجرىڭ كۆپ سىنىڭ، ئىمىپ ئوغلۇڭ سۈتىڭ ئاق.
چىداشلىقكەن مىڭەممۇ كۆپ ئىشلارنى كۆتۈردى، ئايال ھېرىپ كەلگەندە سۆزلەپ كىتەر ۋالاقلاپ. ئوقۇپ ناخشا ھەمىشە يەنە يۈردىم ئۆزەم پاك، ‹‹قانچىلىك سەن ئۆزەڭمۇ ›› دىدى مىنى‹‹ قورقۇنچاق››.
دوسلىرىڭغۇ كۆپ ھازىر ئىچ سىرىڭنى دەپ بولدۇڭ، قوغداش ئۈچۈن ئۆزەڭنى ئېلىپ يۈرگىن بىر تاياق. بۇ ئورۇنغۇ ئەزەلدىن‹‹ تۈلكىلەر››نىڭ ماكانى، ۋات-ۋاتلارغۇ ئېغىزدىن بۇلۇر ئاخىر بىر ماياق.
گۇمانلىنىپ خۇتۇنمۇ ‹‹ مىنى تىللاپ يازدىڭمۇ؟››، تاماق ئەتمەي شۇ كۈنى قوساقلىرىم قالدى ئاچ. خۇتۇن يەنە گېپىم بار ئۆزەمگىمۇ سۆزىم بار، مىنى ئەپ ھەم بالىلارنى چەتئەللەردە نۇرۇڭ چاچ.
بەزى ئاتا-ئانىلار ئوقۇتمايدۇ باللارنى، دەپ قالسىلا بۇ گەپنى مەكتىۋىڭگە بالاڭ قاچ. ئۆينى تۈزگەن ھەم خۇتۇن بۇزىۋەتكەن شۇ خۇتۇن، قارا چاچلىق خۇتۇنمۇ بۇيۇۋاپتۇ سېرىق چاچ.
ئۇماق قىزىم تۇغۇلدى ئانا بۇلۇر كەلگۈسى، تىلىڭ بىلەن نان بەرگەچ قۇساقلىرى قالماس ئاچ. ئۈگەنسۇن ئۇ تىلىڭنى بىلەر ئاندىن دىلىڭنى، قوش تىل بىلىپ سۇبھى بىلىپ كەلسۇ دىلىڭنى.
خۇتۇن دەپلا ئانىنى ئانا دەپلا ۋەتەننى، رەنجىتكىم يوق پەقەتلا كەيگۈزەرمەن گۈزەل تاج، ئانا شۇنداق بولغاچقا بالام شۇنداق بولارمۇ، ئاڭلىمايدۇ گېپىمنى شوخلىق قىلىپ كۈندە كاج.
ئوخشايدىكەن ئائىلە قايناپ تۇرغان قازانغا، سەنمۇ ئاشۇ قازانغا سىناپ كۆرۈپ چۈشۈپ باق. يەلكىسىدە ئايالنىڭ تۈمەن ئېغىر يۈكلىرى، يىنىكى يوق ئىشلارنىڭ ئېغىرىنى كۈرۈپ باق.
تۈگىمەيدۇ ئۆي ئىشى دائىم ئىشلار قىلارسەن، بۇ جاپالىق كۈنلەردە سەنمۇ سەھەر تۇرۇپ باق. ئوغلۇم سۇتۇق تۇغۇلدى تۇغما ئەقىل ئىگىسى، قەدىم شاھتىن مىراستۇر بىرلا ئىسىم ئۆزى تاق.
دۆۋلەپ قۇيۇپ گايىدا يۇيماي قازان تەخسىنى، ئوغلۇم يەنە يۇغىن دەپ گىرىم قىلار ئالتە ۋاخ. ئۇخلايدىغان كېچىدە گۇكىرەيدۇ كىر ئالغۇ، شۇڭا تەڭكەش قىلىپ مەن قويۇۋالدىم ئۇنئالغۇ.
جاپا بىلەن ھالاۋەت مەۋجۇتلىقتا تەڭ بولۇر، مىنىڭ قەلىپ تارىمغا بۇلبۇل بولۇپ قونۇپ باق. كىچىك قىزىم ئۈچ ياشتا تىلى چىقتى ساراڭ دەپ، تەربى قىلىپ بالامغا دائىم دەيمەن ئاناڭ ساق.
 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئامان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-5 20:42
|