- تىزىملاتقان
- 2012-4-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-10-20
- ھوقۇقى
- 50
- جۇغلانما
- 1166
- نادىر
- 0
- تېما
- 39
- يازما
- 89

- يوقلىما
- 61
قىزغىنلىق- 327 سەر
تىللا- 18 دانە
تۆھپە- 172 سەر
شۆھرەت- 233 سەر
       
| ئۇلۇغ ئالىم يۇسۇپ خاس ھاجىپ رۇبائىيلىرى سىرىڭنى ساقلا چىڭ،دىمە ھىچقاچان، دىسەڭ گەر چېكەرسەن يىللار پۇشايمان. قىزىل تىل-قارا باشقا دۇشمەن يامان، ئۇنىڭدىن ھەزەرقىل،ياشارسەن ئامان. ----------------- بىلىم،پەزىل ئۆگەن،قىممەت بىل ئۇنى، قىلۇر قىممەت ئاخىر پەزىلەت سىنى. بىلىم بىل،زىرەك بول، بىكار يۇرمىگىن، بىرەر ياخشىلىق ئۇ ساڭا بىر كۇنى. ----------------- كىشى ئالدىدا مەرد ئۆزىن يوشۇرۇر، قىلىپ يۇز يىل ئىبادەت ئۇنى ئاز كۆرۇر. تائەت قىل،كىشىدىن تۇت مەخپى ئۇنى، بۇ سۆز بىر سىر ئەردى مەن ئاچتىم ئۇنى. ------------------ ئوغۇل-قىزنى دەپ سەن، دىلىڭ سىرىلۇر، قەيەردە ئوغۇل-قىز بۇ دەرتنى بىلۇر. يىغارسەن ھارامنى كېتەرسەن،قالار، سەن يىغلاپ كېتەرسەن،ئۇ ھوزۇر كۆرۇر.
بىلىملىك تۇغۇلماس كىشى،ئۆگىنۇر ، تۇغۇپ سۆزلىمەس تىل، تۇرۇپ سۆز قىلۇر. كىشى ئۆگىنىش بىرلە ئالىم بولۇر، بىلىم بىلسە بارچە ئىشلار ئوڭشىلۇر. ------------------ سىنى سىز دىسىلەر، ئۇنى سىز دىگىل، ئۇنىڭدىنمۇ ياخشى جاۋاپ سۆزلىگىل. قىيا ساداسىن تۆۋەن بولمىغىل، سىنى سەن دىسىلەر، ئۇنى سەنلىگىل. ----------------- پاساتنىڭ يېنىغا يېقىن بارمىغىل، پاسات نەدە خارلىق شۇندا، بىل. قوپالدۇر بىلىمسىز سۆزى ،خۇلقى ھەم، يىراق تۇر ،تېزىپ يۈر بىلىمسىزلىدىن. ----------------- بىلىم قىممىتىنى بىلىملىك بىلۇر، ئەقىلنى قەدىرلەش بىلىمدىن كېلۇر. نىچۈك تەلۋە بىلگەي بىلىم قەدرىنى، بىلىم نەدە بولسا،بىلملىك ئالۇر. ---------------
قارا باش دۇشمىنى قىزىل تىل .ئىرۇر، يىدى قانچە باشنى، يەنەھەم يىيۇر. بېشىڭنى تىلىسەڭ تىلىڭنى كۆزەت ، تىلىڭ ھەر كۈنىدە بېشىڭنى يونۇر. ---------------- چۈشىڭدەك كەچۇردىڭ تىرىكلىك چېغىڭ، قېنى پايدا، كۆرسەت ماڭا بىر ئىزىڭ. كەچۈردىڭ كۈنىڭنى ھەۋەس –ئارزۇدا، تۈگىدى تىرىكلىك، قالدى پۇشمىنىڭ. ------------------ بۇ دۇنيا قۇنالغۇ ،ئۆزىڭ سەن كارۋان، يىيەلەمدۇ- يوقمۇ ،چۈشەنمەي قالار. بېيىپ ئۇ تىلەككە ئېرىشكەن كۈنى، تۈگەپ بۇ تىرىكلىك ،ئەزىز جان ئۇچار بۇ دۇنيا قۇنالغۇ ،ئۆزىڭ سەن كارۋان، قۇنالغۇدا كارۋان قانچىلىك تۇرغان. بۇ دۇنيا سارايدۇر قازانماق يېرى ، نە تاپساڭ بۇ يەردىن ،ئۇنى ئال ،يۈرى. 2008-يىلى5-ئاي (ئەنۋەر ئوسمان )
|
|