شۇكرى قىل

يەتتە ئەزا ساق بولغاچ، بولدىڭ بىر ئەر بىجىرىم. دائىم بىر ئىش قىلىسەن، مەغرۇر سىنىڭ قەدىمىڭ. ھالال ئىشلەپ نان تاپقان، شۇ قولۇڭغا شۇكرى قىل.

ناخشا تىڭشاپ ھەر كۇنى، شىرىن سۆزنى ئاڭلايسەن. ئاڭلاپ بولۇپ شۇھامان، باشقىلارغا داڭلايسەن. تىل ئىشتىساڭمۇ بىراۋدىن، ئاڭلىغانغا شۇكرى قىل.

تىلىڭ گاچا، ئىشارەت، بولۇپ قالساڭ نە ئامال. شىرىن گەپنى سۆزلەيسەن، ھۆرمەتلىكنى ‹‹سىز››لەيسەن. تىلىڭ گەپتە دىلىڭ ئويدا، بولغىنىڭغا شۇكرى قىل.

پاقىرايدۇ چىشىڭمۇ، شۇڭا گۈزەل ئۇ جامال. ئىسىل تائام بولسا گەر، چىش بولمىسا نە ئامال. غاجىساڭمۇ سۈڭەك سەن، چىش بولغانغا شۇكرى قىل.

يۇرەك دىگەن ئادەمنىڭ، ‹‹مۇتۇر››ئىكەن مىسالى. يۇرىكىڭدە دەت بولسا، بارمۇ ئۇنىڭ ئامالى. سانجىقى يوق يۈرەكنىڭ، بولغىنىغا شۇكرى قىل .

ھەر بىر تىنىق بەك مۇھىم، ئۆپكە ئاڭا گۇۋاچى. بىر تىنىقتىن قالسا ئۇ، ئۆلەر ئادەم تۈگەچى. تىنىپ-تىنىپ ھاۋادىن، تۇرغىنىڭغا شۈكرى قىل.

تۇمۇرىڭنى تۇتساڭ گەر، لۆم-لۆم سوقۇر چوڭ سۇقۇر. ماڭالەيسەن سەن چۇقۇم، داغدام يولمۇ دۆڭ-چۇقۇر. جىگىرىڭنىڭ قان ئىشلەپ ، چىققىنىغا شۈكرى قىل.

پۇت-قولۇڭمۇ ساق سىنىڭ، قەدەم-قەدەم چامدايسەن. موتو مىنىپ ھەر كۈنى، ‹‹سانتانا››دا قاتنايسەن. پالەچ ئەمەس پۇت-قولۇڭ، بولغىنىغا شۈكرى قىل.

پۇلۇڭ بولسا بىر پاتمان، كىسەل بولساڭ يەتمەيدۇ. ‹‹سالامەتلىك زور بايلىق››، بۇ گەپكە قىل سىغمايدۇ. باشقىلاردىن ئېبرەت ئېپ، شۇ كۈنىڭگە شۈكرى قىل.

ئاپتورى: ئەنۋەر ئوسمان (رەپقەت) 2012-يىل22-ئىيۇل
 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئامان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-5 19:28
|