- تىزىملاتقان
- 2012-1-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-10-21
- ھوقۇقى
- 100
- جۇغلانما
- 3265
- نادىر
- 1
- تېما
- 50
- يازما
- 430
  
قىزغىنلىق- 765 سەر
تىللا- 93 دانە
تۆھپە- 549 سەر
شۆھرەت- 658 سەر
    
| مەركىزىي كومىتېت ،گوۋېيەن ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىرلىكتە ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، ئىككى يېرىم يىل ئىچىدە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئامما ئارىسىدا ‹‹ ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۆيۈپ، گۈزەل يۇرت – ماكان قۇرايلى ›› باش تېما قىلىنغان تەربىيە پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. بۇ مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر. جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ئۈزۈلمەي داۋام قىلىش، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشتە ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىغا تايانغان؛ جۇڭخۇا مىللەتلىرى چەتنىڭ تاجاۋۇزىغا تاقابىل تۇرۇپ، مىللىي مۇستەقىللىق ۋە ئازادلىقنى قولغا كەلتۈرۈشتە يەنىلا ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىغا تايانغان؛ يېڭى تارىخىي پەيتتە، باياشات، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق سوتسىيالىستىك، زامانىۋىلاشقان دۆلەت بەرپا قىلىشتىمۇ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىغا تايىنىمىز؛ يېڭى پەيت، يېڭى باسقۇچتا شىنجاڭدا ھالقىما تەرەققىيات ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئۇلۇغ نىشانىغا يېتىشتىمۇ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىغا تايىنىمىز. ئۇلۇغ ۋەتەننى قىزغىن سۆيگەنلىك پۇقرالارنىڭ تۈپ مەنپەئەتىنى قوغدىغانلىق. ۋەتەن مەنپەئەتنىڭ ئورتاق گەۋدىسى. دۆلەت قۇدرەت تاپسا، خەلق ئەمىن بولىدۇ؛ دۆلەت قۇدرەت تاپسا، خەلق بەخت تاپىدۇ. دۆلەت ئاجىزلىسا، خەلق ھاقارەتكە ئۇچرايدۇ، دۆلەت ئاجىزلىسا، خەلق خورلۇققا ئۇچرايدۇ. بەزى دۆلەت ۋە رايونلاردىكى خەلقنىڭ تاشقى دۈشمەننىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا ئۇچرىغانلىقىنى، خورلۇققا ئۇچرىغانلىقىنى، ئۇرۇش ئوتىنىڭ ئۈزۈلمەيۋاتقانلىقىنى، جەمئىيىتىنىڭ تىنچسىز بولۇۋاتقانلىقىنى، ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلاپ قالالمايۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە، تۇرمۇشىمىزنىڭ خاتىرجەم، ئاسايىشلىقتا ئۆتۈۋاتقانلىقىنى ئويلىغىنىمىزدا، شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، قۇدرەتلىك ۋەتىنىمىز بىزنى قوغدىماقتا. جامائەت مائارىپى، ئاممىۋى قاتناش، جامائەت ئامانلىقى، جامائەت سەھىيەسىدىن بەھرىمەن بولغاندا، كۆڭۈللۈك تىرىكچىلىك قىلىۋاتقىنىمىزدا، شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، ۋەتەن بىز ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلماقتا. ئۇلۇغ ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈشتە، دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكى، شان – شەرىپى ۋە مەنپەئەتىنى ھەممىدىن ئۈستۈن قويۇش كېرەك. ۋەتىنىمىزنىڭ زېمىنى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقى سىرتنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا ئۇچرىغاندا، ۋەتەننى قوغداشتىن ئىبارەت مۇقەددەس مەسئۇلىيەتنى ئاڭلىقلىق بىلەن زىممىمىزگە ئېلىشىمىز؛ دۆلەتنىڭ مەنپەئەتى زىيانغا ئۇچرىغاندا، دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈدىغان ھەرقانداق قىلمىشقا قارشى كۈرەش قىلىشىمىز؛ شەخسىي مەنپەئەت بىلەن دۆلەتنىڭ مەنپەئەتى توقۇنۇشۇپ قالغاندا، شەخسىي مەنپەئەتنى دۆلەت مەنپەئەتى ئۈچۈن قۇربان قىلىشىمىز كېرەك. ئۇلۇغ ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈشتە، سوتسىيالىزمنى قىزغىن سۆيۈش كېرەك. ۋەتەنپەرۋەرلىك روشەن دەۋر ئالاھىدىلىكىگە ئىگە. ھازىر بىز دەۋاتقان ۋەتەننى سۆيۈش سوتسىيالىستىك ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۆيۈشنى كۆرسىتىدۇ. تارىخ ۋە ئەمەلىيەت سوتسىيالىزمنىڭلا جۇڭگونى قۇتقۇزالايدىغانلىقىنى،جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭلا جۇڭگونى تەرەققىي قىلدۇرالايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ ئەڭ چوڭقۇر دەۋر مەزمۇنى ۋە ئەڭ تۈپ دەۋر تەلىپى. ۋەتەننى سۆيۈش، تىرىشىپ مىللەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، خەلقنى بەختكە ئېرىشتۈرۈشتە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى تەۋرەنمەي ئېگىز كۆتۈرۈش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سېستىمىسىدا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇشىمىز، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك. ئۇلۇغ ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈشتە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى قىزغىن سۆيۈشىمىز كېرەك. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تارىخى مىللىي مۇستەقىللىق ۋە خەلق ئازادلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، دۆلەتنىڭ گۈللەپ ياشنىشى ۋە خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش تارىخى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تارىخىدا نۇرغۇن ۋەتەنپەرۋەرلىك ئابىدىسى تۇرغۇزۇلدى. جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ئەڭ قەيسەر، ئەڭ قەتئىي ۋەتەنپەرۋەرلەر. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىكى جۇڭخۇا مىللەتلىرى، جۇڭگو خەلقىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىكىنىڭ ئالىي ئۆلچىمى. ۋەتەننى سۆيۈش بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى سۆيۈش چوڭقۇر ئىچكى بىردەكلىككە ئىگە。 ئۇلۇغ ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈشتە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قەتئىي قوغداش كېرەك. ئىتتىپاقلىق، بىرلىك جۇڭخۇا زېمىنىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتقان، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئىدىيەسىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان بولۇپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ ئاساسى. ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈشتە، ئىتتىپاقلىققا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك بىرلىككە كەلگەن دۆلەت بولۇپ، بۆلۈنگەن، مالىمانچىلىق بولغان مەزگىلى بولغان بولسىمۇ، بىرلىككە كەلگەن مەزگىلى بۆلۈنگەن مەزگىلىدىن خېلىلا ئۇزاق. بۇنىڭ تۈپ سەۋەبى شۇكى، جۇڭخۇا مىللەتلىرى يۈكسەك بىرلىككە كەلگەن ئومۇمىيەت تۇيغۇسى، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتىگە سادىق قىممەت يۈزلىنىشى، شۇنداقلا مىللەتلەر ئىناق ئۆتىدىغان، دوستانە مۇئامىلە قىلىدىغان، كۈچنى توپلاپ دۆلەتنى قۇتقۇزۇدىغان، قىيىنچىلىقتا بىللە بولىدىغان ئېسىل ئەنئەنىگە ئىگە. شىنجاڭ ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، ئۇ ئەزەلدىن كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون. شىنجاڭنىڭ ئۇزاق تارىخىي تەرەققىياتىدا، ۋەتىنىمىزنىڭ ئالتىدىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدىغان زېمىنىدا ياشاۋاتقان ھەر مىللەت شىنجاڭ خەلقى بىرلىكتە ئىلگىرىلەپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي چېگراسىدىكى بۇ بىپايان، مۇنبەت زېمىننى ئورتاق ئېچىپ، قوغداپ، گۈللەندۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئۇزاق تارىخىنى بىرلىكتە ياراتتى، ھەر مىللەت خەلق ئارىسىدا ئايرىۋېتىشكە بولمايدىغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەت ۋە مۇستەھكەم دوستلۇق ئورناتتى. بىز بۇنداق قىممەتلىك ئېسىل ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي ساقلاپ، ۋەتىنىمىزنىڭ بىرلىكىنى قوغدىشىمىز كېرەك. مىللەت ۋە دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا تونۇپ، ھەر قانداق مىللەتنىڭ كونكرېت دۆلەتتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغانلىقىنى، مۇئەييەن دۆلەت شەكلىگە بېقىنىدىغانلىقىنى، مۇشۇنداق ئەمەلىي گەۋدە بولغاندىلا، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە شەخسنىڭ بەختى كاپالەتكە ئىگە بولىدىغانلىقىنى، ھەرقانداق ۋاقىتتا، ھەرقانداق مىللەتتىن بولغان كىشىلەرنىڭ دۆلەت مەنپەئەتىنى ئالىي مەنپەئەت دەپ بىلىپ، دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە تەرەققىياتىنى قوغدىشى كېرەكلىكىنى، مانا بۇ پۇقرالارنىڭ مۇقەددەس بۇرچى ۋە مەجبۇرىيىتى ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي چۈشىنىشىمىز كېرەك. ئۇلۇغ ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈشتە، ۋەتەننى پارچىلاش سۇيىقەستىدە بولۇۋاتقان ››ئۈچ خىل كۈچ‹‹ كە قارشى كەسكىن كۈرەش قىلىش كېرەك. بۇ، بارلىق ساداقەتمەن ۋەتەنپەرۋەرلەر باش تارتىپ بولمايدىغان شەرەپلىك ۋەزىپە. شىنجاڭ ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ گۆھەر زېمىنى، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش، چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈش، چېگرا مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەش ئەڭ ئەمەلىي، ئەڭ جانلىق ۋەتەنپەرۋەرلىك. مەركەزنىڭ مەملىكەتنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ شىنجاڭغا مەدەت بېرىۋاتقانلىقى، 19 ئۆلكە، شەھەرنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقانلىقى ئۇلۇغ ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە سوتسىيالىزم روھىنىڭ ئىپادىسى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىدىكى ئاساسىي كۈچ ۋە مەركەزنىڭ سىياسەتلىرىدىن ئەڭ چوڭ مەنپەئەتلەنگۈچى سۈپىتىدە، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش، جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلەش روھىنى كۈچەپ ئەۋج ئالدۇرۇپ، دۆلەتنىڭ مەدىتىنى ئۆز تىرىشچانلىقى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، مەركەز ۋە مەملىكەت خەلقىنىڭ مەدىتىنى ئۆزىنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، تەرەققىياتنى تېزلىتىپ، ھەر مىللەت خەلققە بەخت يارىتىش ئورتاق ئارزۇسىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇپ، شىنجاڭنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە گۈللەندۈرۈش، خەلقنى بېيىتىپ چېگرا مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەش نىشانىغا يېتىشمۇ كونكرېت، جانلىق ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە سوتسيالىزىمنىڭ ئىپادىسى. ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، جۇڭخۇانى گۈللەندۈرۈشنى شىنجاڭنى قىزغىن سۆيۈش، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. بىز مەركەزنىڭ ئالاھىدە مەدىتى ۋە قېرىنداش ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ كۈچلۈك ياردىمىگە چوڭقۇر مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشىمىز، شۇنداقلا كۈرەش ئىرادىمىزنى ئۇرغۇتۇپ، ئۆزىمىزگە تايىنىپ گۈزەل يۇرت-ماكان قۇرۇشىمىز كېرەك. گۈزەل يۇرت – ماكان قۇرۇشتا، مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ۋە ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 7 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 9 – ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز كېرەك. مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئائىت ئالاھىدە ئېتىبار سىياسىتى ۋە مۇھىم تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، كەڭ ئېچىۋېتىش، زور تەرەققىياتقا ئېرىشتۈرۈشكە مىسلىسىز تارىخىي پۇرسەت يارىتىپ بېرىلدى. ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 7 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 9 – ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، كەڭ ئېچىۋېتىش، زور تەرەققىياتقا ئېرىشتۈرۈش سىگنالى ئومۇميۈزلۈك چېلىندى. بۇ، مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشقا سەپەرۋەرلىك قىلىش بۇيرۇقى. گۈزەل يۇرت – ماكان قۇرۇشتا، مىللىي روھ بىلەن دەۋر روھىنى كۈچەپ ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك. مىللىي روھنى ئەۋج ئالدۇرۇشتا، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ 5000 يىلدىن ئۇزاق تارىختا شەكىللەنگەن ۋەتەنپەرۋەرلىكنى مەركەز قىلغان بىردەك ئىتتىپاقلىشىش، تىنچلىقنى سۆيۈش، ئەمگەكچان ۋە باتۇر بولۇش، توختىماي ئالغا بېسىشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ مىللىي روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا، ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشكە ۋە ئىجتىمائىي ئىناقلىققا پايدىلىق بارلىق ئىدىيە ۋە روھنى ئەۋج ئالدۇرۇشىمىز كېرەك. دەۋر روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇشتا، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، قىيىنچىلىقتىن قورقماي، دادىل يېڭىلىق يارىتىپ، تەرەققىيپەرۋەرلىك، ئېچىۋېتىش، ئۆگىنىش، ھەمكارلىشىش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىناق ئۆتۈش شەكلىدىن پايدىلىنىپ، ئىقتىسادنىڭ گۈللىنىشى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئالغا بېسىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا كۇچ چىقىرىشىمىز كېرەك. گۈزەل يۇرت – ماكان قۇرۇشتا، ئىش ئورنىنى قىزغىن سۆيۈپ، كەسىپمىزنى قەدىرلىشىمىز كېرەك. ئىش ئورنىمىزنى سۆيۈش، كەسىپمىزنى قەدىرلەش، خالىس تۆھپە قوشۇش جەمئىيەت، دۆلەتكە بولغان يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىقىمىزنىڭ، ۋەتەننى سۆيۈشنىڭ كونكرېت ئىپادىسى. ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنىڭ ئاڭلىق ۋارىسى، ئەۋج ئالدۇرغۇچىسى بولۇش ئۈچۈن، ئۇلۇغ ۋەتەنگە بولغان چوڭقۇر مۇھەببەت، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىغا بولغان ھارماس – تالماس ئىنتىلىشنى شىنجاڭنى قۇرۇش، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇشتىكى ئاڭلىق ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇش، ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىش، ئەستايىدىل، ئىجتىھات بىلەن خىزمەت قىلىشىمىز كېرەك.
|
|