- تىزىملاتقان
- 2011-8-26
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-9-18
- ھوقۇقى
- 99
- جۇغلانما
- 4517
- نادىر
- 4
- تېما
- 184
- يازما
- 427
  
قىزغىنلىق- 1071 سەر
تىللا- 389 دانە
تۆھپە- 701 سەر
شۆھرەت- 838 سەر
   
| «مۆجىزە قۇربانلىرى» دىققەت!
مەنبە:http://bbs.bagdax.cn/read.php?tid=10392 بۇتېما مېنىڭ تېمام ئەمەس بەلكى خلېى ئەھمىيىتى زور تېمائىكەن ،شۇڭا يوللاپ قويدۇم !قىلچە ئۆزگەرتىلمىدى.بۇ يەردە مەن دەپ ئاتالغىنى ئەسلىدىكى ئاپتۇرنى كۆرسىتىدۇ
بىز ئېنتىرنىت تور دۇنياسى ئومۇملاشقان يېقىنقى 12 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان «مۆجىزە» دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتقان نۇرغۇن تېمىلارنى، شۇ تېمىلاردىكى ئاجايىپ-غارايىپ رەسىملەرنى ۋە كۆرۈلمە چاستوتىلارنى كۆرۈپ كېلىۋاتىمىز، «مۆجىزە» ئاتالغۇسىنى تولا كۆرۈپ كەتكەچكىمىكىن مۇنبەرلەردىكى بۇنداق تېمىلارنىڭ ئىپادىلىگەن مەقسىتى، ئۇنىڭغا چۈشكەن ئىنكاسلارنى كۆپچىلىك تورداشلىرىمىز ئالدىنئالا پەرەز قىلىپ بولىدۇ، بۇنداق تېمىلاردا ئىپادىلىنىدىغىنى «ئىسلام دىنىنىڭ ھەق دىن ئىكەنلىكى»، تورداشلاردىن كۈتىدىغان ئىنكاس بولسا «ئاللاھنىڭ مۆجىزىسى بۇ، بەزىلەر مۇشۇنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ ئاللاھقا ئىمان ئېيىتمايدۇ»، ئەگەر پەرەز قىلغىنىدەك چىقمىسا قارشى قىرغاقتىن چىقىپ ئىنكاس يېزىپ قالغان تورداشلىرىمىز «بىر كۆزلۈك قوزا» تېمىسىدەك مەنمەنچى، ھەقنى تونۇمايدىغان ئاتىلىپ كېتىدىغان گەپكەن، ئۇلارنىڭ ئويلىغىنى بويىچە بولغاندا ئاشۇنداق «مۆجىزە» لەر چىقىپ تۇرمىسا ئاللاھنىڭ بىرلىك بارلىقىنى، ئىسلام دىنىنىڭ ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا بىردىنبىر قوبۇل قىلىنىدىغان دىن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغىلى بولمايدىغان ئوخشايدۇ، بۇلار ھەر قايسى مۇنبەرلەردە بازارغا سېلىپ كەلگەن «مۆجىزە» لەر زادى قانداق گەپ؟ ئۇلار راستىنلا مەۋجۇتمۇ؟ ئىسلام دىنىنى ئاشۇنداق «مۆجىزە»بولمىسا ھەق بولمامدۇ؟ مېنىڭ نەزىرىمدىكى مۆجىزە ئاتالغۇسى ۋە چۈشەنچىسى
مېنىڭ نەزىرىمدە ئىنسانلار پۈتۈنلەي تەڭرىنىڭ مۆجىزسى ئىچىدە ياشاۋاتىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئىنساننىڭ ھەر بىر تەپەككۇرى، تەپەككۇر تىزلىكى، ئەستە تۇتۇش قابىليىتى دىگەندەكلەرنى ھازىرقى بىزنىڭ نەزىرىمىزدىكى ئەڭ ئىلغار دىگەن ئېلىكتىرون ئەسۋابلىرى بىلەن سېلىشتۇردىغان بولساق، بۇ ئەسۋابلارنىڭ تىزلىك كونتىروللىغۇچىسى ۋە ئەستە تۇتۇش دىسكىلىرىنىڭ ھەجىمى بىزنىڭ كاللىمىزدىن نەچچە ھەسسە چوڭ، ئەمما بىزنىڭ كىچىككىنە كاللىمىز، توختىماي ھەركەت قىلىپ ئارام ئېلىشنى بىلمەيدىغان كاللىمىز ئۇلاردىن نەچچە ھەسسە تېز ھەم ساقلايدىغان نەرسىلىرى كۆپ، بۇ ھەقتە ئارتۇق توختىلىپ ۋاقىت ئىسراپ قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق.
بىراق بىزنىڭ ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدە ئېقىپ يۈرگەن مۆجىزىلەر زادى قانداق گەپ؟ .گىگانىت ئادەم سۆڭىكى تېپىلىش «مۆجىزىسى»

يۇقارقى رەسىمنى كۆپلىگەن تورداشلار كۆرگەن، بۇ رەسىم ئەينى ۋاقىتتا كۆپلىگەن خەۋەر تور بەتلىرىدە تارقالغان، بۇ خەۋەرلەردە دىيىلىشىچە ئامرىكىنىڭ بىر تەكشۈرۈش ئەترىتى سەئۇدى ئەرەبىستاندا نېفىت قېدىرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقاندا، بۇ گىگانىت ئادەم سۆڭىكى بايقالغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ خەۋەر ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىدە تارقىلىپ «قۇرئان كەرىمدە قەيىت قىلىنغان ئاد قەۋمىنىڭ سۆڭىكى تېپىلدى» دەپ خەۋەر قىلىنىپ، بىر مەزگىل مۆجىزىگە مەپتۇن بولۇپ قالغان قېرىنداشلىرىمىزنى ھاياجانغا سالغان، بىراق بۇ خەۋەر چەتئەل خەۋەرلەردە ھەقىقي ئىش ئاشكارە بولدى، بۇ رەسىمنى كانادالىق بىر يىگىت رەسىم لاھىيىلەش مۇسابىقىسىگە تەييارلاش ئۈچۈن، ئامرىكىدىكى گىگانىت پىلنىڭ سۆڭىكىنى كولاۋاتقان رەسىمنى ئۈچ سائەت سەرىپ قىلىپ ھازىرقىدەك ئۆزگەرتىپ چىققان ئىكەن،
 مانا بۇ ئەسلى رەسىم ،ئارخىلوگلار ئەسلى سۆڭەكنى بۇرۇنقى پىلسىمان «مامۇق»دەپ پەرەز قىلىشقان.
 مەن ئەينى ۋاقىتتا بۇ خەۋەرنى تەرجىمە قىلىپ توردا ئېلان قىلغان، بىراق بۇنىڭلىق بىلەن بۇ «مۆجىزە» رەسىمى يۈتمەكتە يوق يەنىلا مۇنبەرلىرىمىزدە خېلى بىر ۋاقىتلارغىچە «مۆجىزە» دەپ ئېلان قىلىنىۋەردى.
2.« مايمۇنغا ئۆزگىرىپ قالغان قىز» (ئاللاھ شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىدىن ساقلىغىن، ساڭا سېغىنىپ شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىدىن پاناھ تىلەيمەن)، بۇ ئەينى ۋاقىتتا تارقالغان «مۆجىزە» نىڭ تېمىسى

 ئۇ قىزنىڭ رەسىمىمۇ يۇقارقى رەسىم بىلەن ئوخشاش بولغاچ مۇشۇنى ئەۋەتتىم.
بىر مەزگىل تور بەتلىرىمىزدە «مايمۇنغا ئۆزگىرىپ كەتكەن قىز مۆجىزە» ىسى تارقىلىپ كەتتى، ھەتتا كىشىلىرىمىز ئۇ رەسىمگە ئەرەپچە خەت ۋە ئاۋازلارنى كىرىشتۈرۈپ سىن ھۆججىتى ئىشلەپ، ئەرەپچە گەپنى ئاڭلىسىلا چۈشەنمىسىمۇ «قۇرئان سۈرىسى» دەپ چۈشىنىدىغان ساددا كىشىلىرىمىزنى شۇ دەرىجىدە ئالدىدىكى، ھەتتا سىنتەخسىلەرگە كۆچۈرۈپ سېتىپ ھارام پۇلنى راسا تاپتى.
ئەمەلىيەتتە ئۇ رەسىمدىكىسى ئاۋىستىرالىيىلىك موم ھەيكەل ئۇستىسى (ئىسمىنى تاپالمىدىم) ياسىغان موم ھەيكەل ئىدى، بىراق بىزنىڭ ساددا كىشىلىرىمىز ئۇنىڭ موم ھەيكەل ئىكەنلىكىنى ئۇقماي «مۆجىزە» دەپ يۈرىۋەردى. كىشىلىرىمىزنىڭ ساددىلىقىدىن، پەن-تېخنىكىغا بولغان تونۇشىنىڭ تۆۋەنلىكىدىن بۇ مۆجىزىلەرمۇ تاپالمىغاندەك باشقا يەردىن چىقماي بىزنىڭ شىنجاڭدىن چىقىۋەردى، «خوتەنگە شىر چۈشتى، قاغىلىقتا يەر ئۈنۈپ چىقتى»، باشقا بىر يەردە شىر بىلەن خوراز «ئاللاھ» دەپ تەكبىر ئېيىتتى، بۇ سىنلار شۇنداق بازار تاپتىكى بەزى ئۈن-سىن سودىگەرلىرى بېسىپمۇ ئۈلگۈرتەلمىدى بولغاي. 3.«مەككىگە چۈشكەن پەرىشتە» بۇ سىننى دىمىسەممۇ كۆپىنچىڭلار بىلىسىلەر، بۇ سىن يېقىندا تور دۇنياسىدا بەك داۋراڭ سېلىنىپ كەتكەنلىكتىن ئاتايىن چوڭ ئۆلىمالارنىڭ بۇ سىن توغۇرلۇق بايانات ئېلان قىلىشىغا سەۋەپ بولدى. مەن بۇ سىن داۋراڭ سېلىنغاندىلا كۆرۈپ ئىشەنمىگەن، چۈنكى بىز ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىگە ئىمان ئېيتىمىز، ھەم ھەر بىر ئىنساننىڭ ئوڭ-سول دۇلىسىدا بىردىن ئىككى پەرىشتىنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىمىزيۇ، بەزى كىشىلىرىمىز مۇنداق بىر نەرسىنى ئويلاپمۇ قويۇشمىدى: ھەر بىرىمىزنىڭ دۇلىسىدا ئىككىدىن پەرىشتە بار تۇرۇپ، يەنە كېلىپ ئۇ پەرىشتىلەرمۇ كۈندە بامدات ۋە دىگەر نامىزى ۋاقتىدا ئالمىشىدىغان تۇرۇپ، ئەجەپ ئۇ پەرىشتىلەر بىز رەسىمگە چۈشكەندە ۋە سىنئالغۇغا ئالغاندا چىقىپ قالماي، مەككىدە پەستىكى ھەج قىلىۋاتقانلارنى سىنغا ئالماي مۇنارنى سىنغا ئېلىۋاتقاندا چىقىپ قاپتۇ؟ يەنە كېلىپ ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىنى ئاجىز ئىنسانلار ياسىغان سىنئالغۇلار سىنغا ئالالارمۇ؟ دىگەننى ئويلاشمايلا داۋراڭ پېتى كېتىۋەردى، شۇنىڭ بىلەن ئىسلام ئۆلمالىرى بۇ سىنغا ئىشەنمەسلىك توغۇرلۇق بايانات ئېلان قىلدى. ئەگەر شۇ بايانات ئېلان قىلىنمىغان بولسا بۇ سىننىڭ قاچىلىك داۋراڭ قىلىنىدىغانلىقى ئاللاھنىڭ ئۆزىگە ئامانەت. 4. يىلانغا ئايلانغان قىز فىلىمى بۇ ھەققىدە يىقىندىن بۇيان دىيارىمىزدا ھەرخىل شەكىلدىكى گەپ سۆزلەر ئاۋۇپ كەتتى ،بەزىلەر ئۈرۈمچىدە بىر قىز شۇنداق يىلانغا ئۆزگىرىپ قاپتۇ دىسە يەنە بەزىلەر ھەرەمگە بارغان قىز كۇپۇر سۆزلەرنى قىلىپ،مۇشۇنداق بولۇپ قاپتۇ دىيىلگەن، يەنە بەزى ۋارىيانىتلىرىدا بىر باي چوكان ھەرەمگە بېرىپ كىلىپ ھاجىلارنىڭ ئەخمەقلىقلىرى توغرىسىدا سۆزلىگەنلىكتىن شۇنداق بولغان دىيىلىدۇ، بىراق بۇ ساختا سەپسەتىنىڭ كىمنىڭ نىمە مەقسەتتە بۇنى تارقتىۋاتىقىنى بىزگەقاراڭغۇ . لىكىن پاكىتنى كۆرسىڭىز ئۇنىڭ قارا نىيىتىنى بىلەلەيسىز .

ئىنگلىزچە مەتبۇئاتلاردا دىيىلىشچە :بۇ فىلىم ئەسلى 2010-يىلى 2-ئاينىڭ13-كۈنى مالايسىيەدە سۇرەتكە ئىلىنغان بولۇپ ، شۇ جايدىكى بىر دىھقاننىڭ ئىجادىيىتى ئىكەن ،بۇ دىھقان پۇل تىپىش مەقسىتىدە بۇنى تىپىۋالدىم دەپ كۆرگەزمە قىلغان ، ئۇ مالايسىيالىق دىھقان ئەسلى بۇ بىر-جۇپ چىشى ئەركەك مەخلۇق ئىدى.پەقەت چىشىسىنى تۇتىۋالدىم دەپ جامائەت پىكىرى توپلغان ،كىيىن بۇ جانسىز قۇرۇق مودىل خەلىق ئالەم ئالدىدا شەرمەندە بولغان بىر ۋەقە ئىكەن .سىز «گۇگۇل »تورىغا «human headed snake » (ئادەم باشلىق يىلان ) ،تۈرۈكچە «insan başlı yılan» دەپ يازسىڭىز بۇ چەتئەل مەتبۇئاتلىرىدا ئاللا بۇرۇن پاخشەك بولغىلى 2 يىل بولغان نەرسە ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالاييسىز .تۈركىيە تاراتقۇلىرىمۇ بۇنى خەۋەر قىلغان ۋە ئۆز ۋاقتىدا جاجسىنى بەرگەن مەنبەسى، توردا تارقالغان بۇ توغرىلىق ئۇچۇرلار.
|
|