- تىزىملاتقان
- 2011-8-26
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-9-18
- ھوقۇقى
- 99
- جۇغلانما
- 4517
- نادىر
- 4
- تېما
- 184
- يازما
- 427
  
- يوقلىما
- 137
قىزغىنلىق- 1071 سەر
تىللا- 389 دانە
تۆھپە- 701 سەر
شۆھرەت- 838 سەر
   
| (1) بوۋام باشقىلارنىڭ نىمە دىگەنلىكىگە ئەمەس، نىمە قىلغانلىقىغا قارا دىگەن ئىدى. مەن بوۋامنىڭ شۇ تەلىمىگە ئاساسەن ئىنساپ-دىيانەت، ۋىژدان ۋە پاكلىق ھەققىدە جار سالغانلارنىڭ قىلغىنىغا قارىۋېدىم، ئۇلاردىن رايىم قايتتى.
(2) بايلارنىڭ نامراتلارغا قىلغان ياردىمى ساخاۋەت دەپ قارالسا، نامراتلارنىڭ بايلارغا قىلغان ياردىمى خوشامەت دەپ قارىلىدۇ.
(3) سەن بىر نەرسىنى مەلۇم نۇقتىدا تۇرۇپ توغرا دىسەڭ، يەنە مەلۇم نۇقتىدا تۇرۇپ خاتا دەيسەن.
(4) مۇستەبىت ھۆكۈمراننىڭ پەرمانى؛ خەلقنىڭ ئوبرازى زىيانغا ئۇچۇرسا مەيلى، ئەمما دۆلەتنىڭ ئوبرازى زىيانغا ئۇچۇرمۇسۇن.
(5) ئەگەر ئاۋام خەلق ئىتائەتچان بولسا، ھۆكۈمرانلارنىڭ يالغان گېپىمۇ ھەقىقەتكە ئايلىنىدۇ.
(6) سائىتىڭىزغا قاراڭ؛ ھاياتلىق ۋاقتىڭىز ئۆتۈپ كېتىۋاتىدۇ. سېكىنۇت ئىستىرىلكىسى سىزنىڭ بالىلىقىڭىز، مىنۇت ئىستىرىلكىسى سىزنىڭ ياشلىقىڭىز. سائەت ئىستىرىلكىسى قېرىلىقىڭىز. ئەپسۇس، بۇلارنى خالغانچە ئۆزگەرتىپ تەڭشىگىلى بولمايدۇ.
(7) دوستۇڭنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى بىلىشكە قىزىقما. بولمىسا دوستۇڭ سېنىڭ دۈشمىنىڭگە ئايلىنىپ قېلىشى مۈمكىن.
(8) ئاچچىق نەرسىلەر بولغاچقىلا ، كىشىلەر نىمىنىڭ تاتلىق ئىكەنلىكىنى بىلگەن.
(9) بىز باشقىلار بىلەن ياخشى ئىش قىلساق ئاۋال ئۆزىمىزنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالىمىز. ئەگەر ئىشىمىز ئەپلەشمەي، چاتاق چىقىپ قالسا ، ئاۋال باشقىلارنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالىمىز.
(10) بىر ئادەمنىڭ ياخشى ياكى يامان ئەخلاقى مەكتەپتە ئەمەس ئائىلىدە يېتىلىدۇ.
(11) بىر تال غاز پېيى ئارقىلىق بىر تال توشقاننىمۇ ئۆلتۈرگىلى بولمايدۇ، ئەمما ئاشۇ بىر تال غاز پېيىدىن ياسالغان قەلەم ئارقىلىق نەچچە مىڭلىغان شىرنى ئۆلتۈرۋەتكىلى بولىدۇ.
(12) دۇنيادىكى ھەر خىل دىنلار " بۇ ئالەم قانداق بىنا بولدى؟ مېنى كىم ياراتتى؟ دۇنيادىكى ياخشى-يامان ئىشلارنىڭ سورىقى بولامدۇ يوق؟" دىگەن سۇئاللارغا بېرىلگەن جاۋاپلارنىڭ ئوخشىماسلىقىدىن شەكىللىنگەن.
(13) مىلتىق ئارقىلىق بويسۇندۇرغىلى بولسىمۇ، ئەمما ئىتىپاقلاشتۇرغىلى بولمايدۇ.
(14) يەر شارىغا پاتمىغان ئادەم ئۇزۇنلۇقى 2 مېتىر، كەڭلىكى 0.8 مېتىر كېلىدىغان "يەر شارى" غا پاتىدۇ.
(15) سىم-سىم يامغۇر كۈنلۈكى يوقلارغا مۆلدۈر بولۇپ چۈشىدۇ.
"شىنجاڭ مەدەنيىتى" ژورنىلىدىن |
|