- تىزىملاتقان
- 2012-6-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-10-14
- ھوقۇقى
- 99
- جۇغلانما
- 3306
- نادىر
- 7
- تېما
- 158
- يازما
- 264
  
- يوقلىما
- 38
قىزغىنلىق- 761 سەر
تىللا- 346 دانە
تۆھپە- 479 سەر
شۆھرەت- 660 سەر
  
| رەھىمسىز رېئاللىق ( ھېكايە ) يى مىڭ
بىر كىشى مەلۇم بىر شىركەتتىكى يېقىن دوستىنى ئىزدەپ بېرىپتۇ . -سەن ھازىرمۇ بۇ شىركەتنىڭ مۇئاۋىن باش درېكتورىمۇ؟ –دەپ سوراپتۇ . -شۇنداق ،بىرەر ئىش بارمىدى ؟-دەپتۇ ئۇنىڭغا . -ئوغلۇم ئوقۇش پۈتتۈردى ، مەن ئۇنىڭ چېنىقىشىنى ، كىشلىك تۇرمۇش تەجرىبىسىنى بېيىتىشىنى ، شۇنداقلا ئانچە-مۇنچە پۇل تېپىشىنى ئۈمىد قىلاتتىم . -ئۇنداق بولسا ، ساڭا ياردەم قىلاي -ئەلۋەتتە ، مەن ئەلۋەتتە ئۇنىڭ ئەمگەك ۋە پۇلغا نىسبەتەن توغرا كۆز قاراش تىكلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن . -ئۇنداقتا ، مەن ئۇنى باش درېكتور قىلىپ ئىشلىتەي . باش درېكتور كونكرېت ئىشلارنى ھەل قىلمىسىمۇ بولۇۋېرىدۇ ، مەن ئۇنى كەل دېگەندە كېلىپ ، ئومۇمى خاراكتىرلىك بەزى گەپلەرنى قىلىپ قويسىلا بولىدۇ . ئىش ھەققى يۇقىرى ، مۇكاپاتىمۇ بار تېخى . شىركەت يەنە ئۇنىڭ كۈندىلىك چىقىملىرىنى ئاتچوت قىلىدۇ ، بۇلامدىكەن ؟ -بولمايدىكەن ، خىزمەت ئورنى بەك يۇقىرىكەن ، يەنە باشقا ئورۇن بارمۇ ؟ -ئۇنداق بولسا ، بۆلۈم مۇدىرلىقىنى ئۆتىسۇن ، خىزمىتى تۆۋەندىكىلەر تاپشۇرغان دوكلاتلارغا تەستىق سېلىش ۋە بىر قىسىم ئۇششاق –چۈششەك ئىشلارنى قىلىشتىن ئىبارەت . ئىش ھەققى تۆۋەن ئەمەس ، مۇكاپاتىمۇ بار ، يەنە يېمەك-ئىچمەك ، كاماندروپكا ، ساياھەت پۇللىرى تولۇقلاپ بېرىلىدۇ . -بۇمۇ سەل يامان ئەمەسكەن ، يەنىمۇ تۆۋەنرەك ئورۇن بارمىدۇ ؟ -ئۇنداقتا، ئورگان درېكتورى بولسۇن ، ھەر كۈنى خىزمەتچى خادىملارغا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ ، ئانچە-مۇنچە تەنبىھ بېرىپ قويسىلا بولىدۇ . مۇكاپات ، كاماندىروپكا ۋە ساياھەت پۇلى ، يەنە تېخى دەم ئېلىش ۋاقتىمۇ بار . -ئۇنىڭدىنمۇ تۆۋىنى بارمۇ ؟ -بۆلۈم مەسئۇلى ياكى ئاساسىي باشقۇرغۇچى خادىم بولسىچۇ ؟ مۇكاپاتىمۇ بار . ئارىلاپ زىيارەتكە كەلگۈچىلەر بىلەن سۆھبەتلىشىپ قويسىلا بولدى . -ياق ، مەن ئۇنىڭ كۆپرەك بىر نەرسە ئۆگىنىشىنى ، ئەمگەكنى قەدىرلەيدىغان ئادەم بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن . -ئۇنداق بولسا ، ئىشخانا مۇئاۋىن مۇدىرلىقىغا قوياي ، ئىشخانا مۇدىرىغا ياردەملىشىپ ، خىزمەتچىلەرنى باشقۇرىدۇ ۋە نازارەت قىلىدۇ . -ئۇنىڭدىنمۇ تۆۋەنرەك خىزمەت بارمۇ ؟ -ئەمدى قۇرۇلۇش خادىمى ۋە بۇغالتىرلىقلا قالدى . بۇ ئىككى خىزمەتنىڭ ئورنى ۋە ئىش ھەققى تۆۋەن ، لېكىن پۇل –مۇئامىلە ۋە پىلان جەھەتتىكى نۇرغۇن بىلىملەرنى تەلەپ قىلىدۇ . كۈندىلىك خىزمەت ۋاقتى 12-13 سائەتتىن ئاشىدۇ . كۈندە يېرىم سائەتلا تاماق ۋاقتى بار . -ئوغلۇم بۇنى ماقۇل كۆرەرمۇ ؟ -ئەمما بۇ ئشنى قىلىش ئۈچۈن ھېچبولمىغاندا ماگىستىرلىق ئۈنۋانى بولۇشى ، ئىنگىلىز ، فىرانسۇز تىللىرىنى بىلىشى ، يەنە يېتەرلىك خىزمەت تەجرىبىسى بولۇش كېرەك ... شىنجاڭ ياشلىرى ژۇرنىلى 2007.5
|
|