پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2360 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 49|ئىنكاس: 0

جاندىن ئەزىز[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوقلىما
38
قىزغىنلىق
761 سەر
تىللا
346 دانە
تۆھپە
479 سەر
شۆھرەت
660 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-4 13:57:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

جاندىن ئەزىز
چىمەنگۈل ئاۋۇت

چىشلىرىم قاماپ كەتتى،
يۈرىكىم قاناپ كەتتى.
كۆز يېشىمنى ئامۇت چېچەكلىرى شاراپ ئەتتى...
ھېيتگاھتا
ھارۋا سۆرەپ يۈرگەن بوۋاينىڭ
چىلگىلىرى مېنى تونۇپ قالدى،
باھار
ھىجرانىمنى قوينىغا ئالدى.
مەن خەت يازىدىغان يەر تەۋرىدى،
مەن سۆيىدىغان ئەر
تېخى كەلمىدى!

ئالقانلىرىڭدەك كەڭ يوپۇرماق،
باشلىرىمنى سىيلاپ ئۆتتى،
يىغلاۋاتقان تال
دەرتلىرىمگە دەرت قاتتى.
مەن سېنى ساقلاۋاتىمەن،
ماڭا دىگەنلىرىڭنى
شېئىر يادلىغاندەك يادلاۋاتىمەن.
بىلىمەن،
سەنمۇ مېنى كۈتىۋاتىسەن.
ئەلەملىرىڭنى، چىدامىمنى
بۇرۇنقىدەك يۇتىۋاتىسەن.
سەن ئامراق توقاچنى ياقىدىغان تونۇر،
كونا ئۆيلەردەك چېقىلىپ كەتتى.
بىز ئۈچۈن دۇئا قىلىدىغان بوۋام
پەرىشتىگە ئايلىنىپ كەتتى.
ئانامنىڭ مۈكچىيىۋاتقان بىلى،
ئوغلىمىزنىڭ سېنى دوراۋاتقان خۇيى،
ھايات ھېكمەتلىرىگە ئۇلۇشۇپ يەتتى.
سېنى بار دەپ
تاغلار گۈمۈرۈلمەيدۇ.
سېنى بار دەپ
باغلار كۆمۈلمەيدۇ.
مەن كېتىۋاتىمەن،
سېغىنىشلىرىمنى باغرىمغا بىلەپ
نەي ئىتىۋاتىمەن.
جېنىم!
مەن يازغان كىتاپ
ئوغلىمىز ئويناۋاتقان توپ
سەندىكى مۇھەببەت
قىسمەت داۋانلىرىدا سۇ بولىدۇ،
بىر قارا قول چاچلىرىمنى يۇلىدۇ.
مەختۇمسۇلادەك چىقسام ئىشىكتىن،
سۇمبۇل چاچلىرىم بولىدۇ دەريا.
سۈزۈپ ئالىسەن ئۆز قولۇڭ بىلەن،
مۇھەببەت قەۋمىدىكى يالغۇز پادىشاھ...

تۇماندىكى باھار
چىمەنگۈل ئاۋۇت
بىر سائەت توختىغان پويىز ئالدىغا،
بىر ئۇچۇم يېشىمنى ئېلىپ چىقمىدىم.
قولۇمدا قىلىچ بار ساڭا ساقلىغان،
ياندۇرۇپ باغرىمغا يا بىر تىقمىدىم.

مەن سېنى ئەجەپمۇ سېغىندىم جېنىم،
لىۋىمنى چىشلىدىم قاناپ كەتكۈدەك.
سەن بەلكىم ئولتۇرىسەن پۇتۇڭنى سوزۇپ،
ئىچىمدە قاينايدۇ ئىسسىق بىر تىترەك.

كەچ بولدى قار ياغدى خىياللىرىمغا،
ئايدىڭدەك پارلىدى نۇرلاندى ئەتراپ.
ئۇيالدىم ئۆزۈمچە قىلىقلىرىمدىن،
چېچىمنى تارىدىم ئەينەككە قاراپ.

ئىسىمگە كەپ قالدى يانۋار ھارپىسى،
قار دۆۋلەپ بەردىڭسەن مېنىڭ يېنىمغا.
كۆمۈلۈپ بەختىمگە، قەدرىڭگە تولۇق،
قار بوۋاي ياسىدىم كۆزىلا قارا.

يۈزۈمگە ياققانتىم ئالقانلىرىڭنى،
يېشىممۇ ھەسرىتىمدەك كەتتى ئاھ، قۇرۇپ،
تىرەكلەرنىڭ شاخلىرى قاراسلاپ سۇندى،
قار مومايغا ئايلاندىم باغرىڭدا تۇرۇپ.

ئاۋايلاپ سىيلىدىم پۇتۇڭنى بىردەم،
ھېلىقى ناخشىنى غىڭشىپ ئوقۇغاچ.
بەش يىپلىق تىكىلگەن يارا ئېغىزى،
كۆرۈندى كۆزۇمگە بولۇپ قارلىغاچ.

سەزدىممەن تەپتىمدە تىنىقلىرىڭنى،
چۆللەردىن ئوت بولۇپ كەلمەكتە مەجنۇن.
لەيلىنىڭ دەردىنى ئاڭلىدى كېچە،
بېغىمدىن كۈل بولۇپ يوقالدى قوزغۇن.

قەھرىڭدىن قومۇشلار قۇشقا ئايلاندى،
تىكەنلەر سۈرۈلدى يولنىڭ بويىغا.
كۆكتىكى تۇمانغا يېشىمنى بەرسەم،
يامغۇر دەپ زىمىنغا قايتۇردى خۇدا.

باھارنىڭ ھېدىغا كۆمۈلدى جاھان،
چۇۋۇلغان چاچلىرىم پۇرايدۇ يالپۇز.
جار سالاي ھاياتتا ئاخىرقى قېتىم،
مەن ئەمدى بىر ئۆمۇر ئەسمەن يالغۇز !!!

بالام پۇل تاپتى
چىمەنگۈل ئاۋۇت
بالام شىشە يىغىپ سېتىپتۇ،
ئىككى مو پۇل تېپىپىتۇ.
يېنىمدا گۈلدەك ئېچىلىپ كۈلدى،
تايدەك يورغىلاپ يۈردى...
ــ ئانا، مەن پۇل تاپتىم
ساڭا خەجلەپ بەرگىلى،
جۇغۇلداپ تۇرۇپ
گېپىڭنى ئاڭلىغاچ
يامغۇردەك قارىدىم كۆزلىرىڭگە
نۇر بولۇپ تۆكۈلدۈڭ يۈزلىرىمگە...
بۇرۇنقى زاماندا
بۇۋام ئىككى مو پۇلغا بىر نان ئالاتتى،
مومام ئىككى باغلام ئوسما ئالاتتى.
ياش ۋاقتىدا
دادام تۇخۇم ئېلىپ شۇنچىلىك پۇلغا
تۇخۇم چىكىشىپ
خۇمارىنى باساتتى.
ئانام تۇز ئېلىپ
ئۆيىمىزگە بەرىكىتىنى قاتاتتى.
بۈگۈن سەن
جېنىم بالام،
تاپقان پۇلۇڭنى كۆتۈرۈپ
گۈل دۇكىنىغا باردىڭ
چۈنكى سېنىڭ بېغىڭ يوق.
قۇرام تاش ئىزدەپ
تاش بازىرىغا باردىڭ ،
چۈنكى سېنىڭ تېغىڭ يوق.
دەرەخلەردىن يوپۇرماق ئالاي
دېسەڭ
بويۇڭ يەتمىدى ...
ئۆزۈڭ ئامراق نەرسىلەرگىمۇ
پۇلۇڭ يەتمىدى!
تەرلىدىڭ ،يىغلىمىدىڭ،
ئېزىلدىم، بەزلىمىدىم.
كېتىۋاتىمىز...
قولۇڭ قولۇمدا
مېھرىم يولۇڭدا.
ئاپتاپتەك پارلاپ كەتتىڭ،
تورغايدەك سايراپ كەتتىڭ.
تۇيۇقسىز يايراپ كەتتىڭ...
يۇگرەپ بېرىپ
يول بويىدىكى بوتكىدىن
ئىككى مو پۇلۇڭغا
ئىككى تال قېرىنداش ئالدىڭ
مەن سېنى باغرىمغا باستىم
جېنىم بالام، مۇشۇ شېئىرنى
سەن بەرگەن ئاشۇ قېرىنداش بىلەن
مەڭگۈلۈك يېلىنجاش بىلەن يازدىم...

مەنبە: خەلق تورى

يامغۇر يېغىۋاتىدۇ
چىمەنگۈل ئاۋۇت
تاملارنىڭ كۆيىشىنى قىلىمەن قىياس،
كىملەردىندۇر ئالغۇم بار قىساس !
سەن ئىكرانغا قاراپ ئولتۇرىسەن،
يىغلاۋاتقان دېڭىزنى
كۆزلىرىڭگە سىغدۇرىسەن ...

چىراقلار ياندى!
سەلدەك ئېقىپ چىقتى ئادەملەر توپى،
سەن چىقمىدىڭ...
لەيلەپ يۈرەر،
بوشاپ قالغان ئورۇندۇق ئارا
قەلبىڭدىكى جاراھەت،
قەلبىمدىكى ھارارەت ....

ئاياق تىۋىشىڭنى ئاڭلىدىم،
ئىشىككە
قولۇمدىكى كۈنلۈكنى يوشۇرغاچ،
بوغۇزۇمدىكى يىغىنى يۇتقاچ قارىدىم.
سەن چىقمىدىڭ...
پەلتۇيۇمنىڭ ياقىسىنى كۆتۈرۈپ قويدۇم
مەن بىلىمەن،
سېنىڭ ئولتۇرغىنىڭ
توتىنچى رەت، بىرىنچى ئورۇن.
ئوڭ يېنىڭغا قارىساڭ
ئەگكۈڭ كەلمەس قىسمەتكە بويۇن.
قولۇڭدىكى بىرتال گۇل،
تىزىڭغا بېشىنى قويۇپ ئۇخلاپ قالار،
ھېجران لەمپىلەردىن چىپىلداپ ئاقار.

ئىشىك بېشىدىكى لامپۇچكىغا،
جىمجىت قاراپ تۇرۇپ قالدىم.
يانچۇقۇمدىن
سەن ئەۋەتكەن قەلەمنى ئالدىم.
ئېلان تاختىسىدىكى كىنو ئىسمىنى
سارغىيىپ كەتكەن تاملارغا يازدىم.
جېنىم !
يېزىۋىتىپ،
مېھرىم بىلەن نەچچە رەت ئازدىم .

ئېقىپ ئۆتتى ئالدىمدىن كېمە،
نەمخۇش چاچلىرىمغا ئۇرۇلدى شامال.
ئۇنىڭدا كۆرگۈنۈم،
توپان بالاسىدا ئامان قالغان،
ئۆز باغرىغا پىچاق سالغان،
مۇھەببەتتەك ئۇلۇغ، ئۆلۈمدەك گۈزەل
يالغۇز بىر ئايال.....

مەنبە: خەلق تورى
قورغانغا قەدەم1
سەھەر
ئىشىكنى ئاچتىم شۇقەدەر تەمكىن،
پەشتاقلار سىلكىندى غەمكىن بەك غەمكىن.
تېنىمدە سۇس تىترەك،
بىلىكىمدىن توخو ئەت ئۆرلىدى،
خىياللىرىم يۇمران گۈللىدى...
گۈللۈكتە،
گۈللەرگە قارىماي يولوڭغا قاراۋاتىمەن
بارمىقىمنى كىچىك بالىدەك ساناۋاتىمەن.
مەن ئەمدى
قوغدىلىشنىڭ نىمىلىكىنى،
سۆيۈلۈشنىڭ قانداقلىقىنى،
بىلىپ قالىمەن.
باغرىمدىكى ھەسرىتىمنى يۇلۇپ ئالىمەن!

ئاخشام چۈشۈمدە
بىر قارا قول سۇندى ساڭا بىر چىنە زەھەر،
بىر تېمىم يېشىمنى قوشسام
ئۇ يەنىلا بوپ قاپتۇ ھەسەل.
ئەركىكىم،
قەھىرلىك كۆزلىرىڭگە قارىدىم
سەھەر گۇگۇمىنىڭ يورىقىنى
تۇيغۇم بىلەن سىلىدىم.
بىر كۈنى،
«قېرىندىشىم» دىسەم
بالام سومكىسىدىن قىرىنداش ئالغان،
يالغۇزلىقىنى باغرىمغا پىچاق قىپ سالغان.
مانا بۈگۈن قېرىنداش دىسەم،
تاغلار ئاياغىڭدا تالقان بولدى.
نا ئەھلىلەر كانارىغا ئېلىنىپ
ئۆز تېنىنى ئۆزلىرى سويدى.
مەندىن قان چىقمىدى ياش چىقتى،
ئالقىنىمغا سۈزۈك –سۈزۈك تاش چىقىتى.
جىنىم !
بامدات ئۈچۈن توۋلانغان ئەزان،
مەسچىت قۇببىسىدە ھىلال بولدى.
بوۋاڭنىڭ قىسمەتلىك ئاۋازى
مۇجۇلغان يۈرىكىمگە لىققىدە تولدى.

ناتىۋان
چىمەنگۈل ئاۋۇت
زەيتۇن چىشلەپ ئۇچۇپ كەلگەن كۆك كەپتەر
بۇغ –بۇغ قىلىپ چۆرگىلەيدۇ بېشىمدا،
بىر بۇردا نان ئۇۋاپ بەرگەچ ئولتۇرۇپ،
قانىتىنى يۇيۇپ قويدۇم يېشىمدا،

چاچلىرىمنى ئەشتىم ئالتۇن يىپ قىلىپ،
يوپۇرماقنى تۇمار قىلدىم بوينىغا.
ئىسرىق سالدىم نېمىشقىكىن بىلمەيمەن،
ئارچا بىلەن سۈزۈك ئالما قېقىدا.

ئالقىنىمنى كەڭرى ئاچسام ئۇچسۇن دەپ،
ئۇ ناتىۋان بۇغۇلدىدى پىغانلىق.
ئىشىكىنى ئېچىپ بەرسەم قەپەسنىڭ،
كىرىپ كەتتى ئىزدىگەندەك ئاراملىق.

مەنبە: خەلق تورى

مەڭگۈلۈك ۋەتەن
چىمەنگۈل ئاۋۇت
بالام توپ ئويناۋاتىدۇ،
توپ ئويناپ تۇرۇپ
ئوغۇللىقىنى كۈيلەۋاتىدۇ.
بەزىدە ماڭا
كۆزلىرىنى قىسىپ قاراۋاتىدۇ.
ئۇنىڭ پۇتلىرىغا سۆيگۈم كەلدى،
توپ يۇمۇلاۋاتقان توپىنى
كۆزلىرىمگە سۈرگۈم كەلدى...

توپ يۈگۈرەۋاتىدۇ،
ئۇ قوغلاۋاتىدۇ، ھۇۋلاۋاتىدۇ.
جېنىم!
ئۇ سېنى يۈرىكى بىلەن توۋلاۋاتىدۇ.
يەردىكى چىم بولغۇم كەلدى،
يۇمشاق-يۇمشاق قۇم بولغۇم كەلدى.

ئامۇت چېچىكى تۆكۈلدى ئىتەكلىرىمگە،
ئاپتاپنىڭ يېشى تامدى بىلەكلىرىمگە.
كۆزۈمنى بوش يۇمۇپ «ئۇھ» دېدىم،
قان بولۇپ قېتىلدىڭ يۈرەكلىرىمگە.

بالام يۈگرەپ بېرىپ توپنى تۇتىۋالدى،
مەيدىسنى توپقا يېقىپ يېتىۋالدى.
توپنى گۈلگە ئوخشاش پۇرىۋالدى.
-بالام،
دۇنيا توپقا ئوخشايدۇ.
قاملاشتۇرۇپ تىپەلىسەڭ
ئالەم سېنىڭكى...
ئاۋازىڭنى تونۇدۇم جېنىم.
يوپۇرماقتەك تىترىدىم،
سۈزۈك سۇدەك شىلدىرلىدىم،
لېكىن، كەينىمگە قايرىلمىدىم.
بۇ چوقۇم سەن،
مېنى ئەزىز قىلغان مەڭگۈلۈك ۋەتەن!

كەينىمگە قايرىلماي تۇرۇپ،
مېنى چىڭ قۇچاقلىغان
قوللۇرۇڭنى مۇجۇدۇم.
سەن ئامراق ناخشىنى بولىشىغا ئوقۇدۇم:
ئات مىندىم ئىگەر بىلەن،
چاپتۇردۇم يۈگەن بىلەن.
ئىچىمدە دەردىم تولا
چاندۇرماي يۇرگەن بىلەن.

بالامنىڭ قولىدىكى توپ كۈلۈپ كەتتى،
يوللىرىغا قىزىل گۈللەر ئۈنۈپ كەتتى...

مەنبە: خەلق تورى

بۈگۈنمۇ شۇنداقلا ئۆتۈپ كەتتى ھەي
چىمەنگۈل ئاۋۇت
كەڭ يېيىپ ئولتۇرىمەن ئېتەكلىرىمنى،
ۋاقىتمۇ شۇ قەدەر كەتمەكتە يۇمشاپ.
ئۇرۇلار دىمىغىمغا ئىسسىق تەر ھىدى،
يۇلتۇزمۇ چاقنايدۇ مېھرىمدەك قاناپ.

قىرىق بىر كېچە ھەم كۈندۈزمۇ ئۆتتى،
سانايمەن بارمىقىمدا كۈنلەرنى تەكرار.
ناۋادا چۆچەككە ئايلانسا دۇنيا ،
ئوغۇزخان تۇلپارىغا مىنەتتى دەرھال.

بىر قاچقۇن كېلەتتى دارنىڭ ئالدىغا،
ياكى بىر يالغۇز قىز بولاتتى خانىش.
بۈگۈنمۇ شۇنداقلا ئۆتۈپ كەتتى ھەي...
تىلىدىم ئۆزۈمگە چىدام ھەر قارغىش!

مەنبە: خەلق تورى

بارسا كەلمەس يول
چىمەنگۈل ئاۋۇت
1
كىشنەيدۇ تەبىئەتكە قوشۇلۇپ ئىللىق،
ئەسلىمە كۆركىدە قان بولغان يۈرەك.
يالغۇز بىر ئايالدەك يىقىلدى يەرگە،
ھە ئەنە يېنىمدىلا كېسىلگەن تېرەك.

مېھرىمگە سېنى دەپ ياغماقتا توپا،
ئاجايىپ گۈزەل ھەم ئاجايىپ دەھشەت.
بىلەمسەن، مەندىكى ئازاپ ھوزۇرى،
مۇشۇ دەم تېرەك بوپ كۆكلىدى رەت - رەت.

شۇندىمۇ چۇل-چۇل بولۇپ كەتمىدىم يەنە،
سۈكۈتنى مەن سەندىن ئۈگەنگەن ،جېنىم.
باغلىرىم پايخان بولسۇن ،تاغلىرىم قامال،
ياش بولۇپ ئاقمىدىم ھەرگىز بى تېمىم.

شۇ كېچە ئاسماندا سېنىڭ يولتۇزۇڭ،
كۆزۈمدىن زۇلمەتنى تارتقان ئاۋايلاپ.
ئىسسىق بىر تۇيغۇدا جۇغۇلدايمەن ،ئاھ!
سەن يەنە ئۇ يولدا تۇرغاندەك شۇ تاپ.
2
قەغەزدەك نېپىز ھەم قۇرۇقتۇر ۋاقىت،
ئىشخانا ئەزمەكتە خىياللىرىمنى.
شىۋىرلاپ باقىمەن ئۆزۈمگە تەكرار،
ۋاز كېچىش ئىرادە،دېگەنلىرىڭنى.

سادامغا شېئىر ئوقۇپ بەرگۈم كېلىدۇ،
كېلىنتون سۇخانىدىن چىقىدۇ ھەيۋەت.
ئامالسىز شىرەدىكى بىر قەۋەت چاڭنى
سەن تۇتقان قولۇمدا سۈرتىمەن رەت-رەت.

مۆشۈكنىڭ تىرناقلىرى ئېسىمگە كېلىپ،
بىر قۇتا سىياھنى تۆكىمەن يەرگە.
ئانىلار خاتىرجەم، ئاتىلار رازى،
قىزىنى بەرسىلا ئوبدان بىر ئەرگە

ئالما قېقىنىڭ ھېكايىسى
چىمەنگۈل ئاۋۇت
مېنىڭ چوڭ ئانام
كەمپۈتكە ئامراق ئىدى
ھويلىسىنىڭ ئەتراپى قامغاق ئىدى.
ھويلىدىكى بىر جۈپ ئۈجمە يېنىدا
سۈرە ئوقۇپ تاھارەت ئالاتتى،
كۆزلىرىدىن نۇرلار ياناتتى.
ئۇنىڭ يىپ ئىگىرىدىغان چاقى
ئانىسىدىن قالغان،
ئۇنىڭ قېرىغىنى
ئۇنىڭ يالغۇزلىقى
ھەممىسى يالغان.
ئۇنىڭ يېنىدا
بەش بالىنىڭ ئورنىدا
سەۋر بار ئىدى.
كۈنلىرىدە قەدىر بار ئىدى.
ئۆي تورۇسىدا
تۈۋرۈكلەردە
ئالما قېقى ھېكايە سۆزلەيتتى،
ئادراسمان بىلەن قوي يېغى
ھەسرىتىنى بىر پارچە ئېتىزدەك
تۈزلەيتتى.
ئاپتاپ چۈشكەن چىتقا يېيىغلىق كۆينەكلىرىنى
ئۆزى يۇياتتى.
كۈپتىن سۇ ئېلىپ
ئىۋرىقىغا قۇياتتى.
ئۇنىڭ پاكىزلىقىنى
جاھان بىلەتتى.
ئۇ دۇئاسى بىلەن
كۆك قەرىگىمۇ چىقالايتتى،
پەقەت
ئۆيىنىڭ ئۆگىزىسىگىلا چىقالمايتتى.
80 ياشلىق موماي
80 ياشلىق ئايال
80ياشلىق قىز
80ياشلىق بالا
80ياشلىق لاۋا
يۈرىكىنى،
ئەنجان تامنىڭ كاۋاكلىرىغا
تىقالمايتتى.
ئالتۇن بوسۇغىسىغا كۆمەلمەيىتتى...

مەنبە: خەلق تورى
يوپكىلىق قىز
چىمەنگۈل ئاۋۇت
شەلۋەرەپ تۇرىدۇ شۇ قەدەر مۇڭلۇق،
شەھەر كېچىسىدەك ئىللىق بىر يارا.
ۋاقىتنىڭ قۇترىشى قىستايدۇ جاننى،
ئۆزۈمنى سۆيۈشۈممۇ گۇناھتۇر، گۇناھ.

ساپسېرىق سەبدىدەك كوچا چىرىقى،
تارىتار مېھرىمگە سېنىڭ قەدرىڭنى.
ئايدىڭكۆل ئەتراپىغا قوندى بەش ئاق قۇ،
يالاڭ ئاياغ كەزمەكتىمەن ئازاب دەشتىنى.

چوقان –سۈرەنلەرگە قۇشۇلدۇم مەغرۇر،
مەسىتخۇشلۇق، يالغۇزلۇق ئوخشاشلا پىغان.
سېغىنىش زۇلمىتىدە كۆيسەم چاراسلاپ،
يورۇدى يەنىلا سەن بەرگەن ئىمكان.

مۇزىكا شاخلىرىدىن توزۇغان چېچەك،
چەيلەندى، كۈيلەندى ئاستا، بەك ئاستا.
ئۇيغۇر ئۇسۇلىدىن پاكىز نېمە بار،
دېگەن بىر تىۋىشنى يۇدۇم كۆز ياشتا.

سەن ئېيىتقان ناخشىنى ئېيىتقۇم كەلدى بەك،
ئورنۇمدىن بىمالال تۇردۇم يېلىنجاپ.
ئېھ، مۇشۇ كېچىنىڭ دەردى ھەم بەختى
باغرىمغا يامغۇردەك تۆكۈلدى شۇتاپ.

زۇمرەت كۆل ئەتراپىغا قۇندى بەش ئاق قۇ،
پەيلىرى لىق تولدى بىر چىغىر يولغا.
باشمالتاققىز، قىزىل بۆكلۈك قىز،
قار مەلىكە، كىيىك مەلىكە
يوپكىلىق قىزدەكلا چۆمۈلدى نۇرغا...

مەنبە: خەلق تورى
جۇنۇن
چىمەنگۈل ئاۋۇت
مەن سېنى چاھار باغدا دەپ قىلىمەن خىيال،
ئۆيۈڭنىڭ ئارقىسىغا باغلايمەن بوز ئات.
چىمەنلەر يەلپۈنۈپ تۇرار شامالدا،
ھۇجرىنىڭ ئىشىكىدە نەۋكەرلەر قات-قات.

گۈل يوپۇرمىقىدا دەملەپ بىرەر چاي،
سەن ئۈچۈن ھەركۈنى بىرلا كېنىزەك.
توزۇيدۇ مېۋىسىز، غەمسىز ھەم سۇلغۇن،
باھاردا سەن ئۈچۈن ئېچىلغان چېچەك.

سازىڭنىڭ تارىدىن ئۆرلەيدۇ ئاتەش،
پىراقىڭ زۇلمىتىدىن كۆكلەيدۇ يۇلتۇز.
ئىشىكىڭ تۈۋىدە يىغلايدۇ بۇلبۇل،
دەريانىڭ قىرغاقلىرىغا ئۇرۇلار قۇندۇز.

نەچچە ياز، نەچچە قىش، نەچچە كۈز ئۆتۈپ،
ئاخىرى گۇگۇمدا چىقساڭ ھويلىغا.
سېنى كۈتكىنىچە تۇرار شۇ پېتى،
بىر ئايال ھەسرىتىنى تۇتۇپ قولىدا.

باغرىڭ قان قەدىمىڭ شۇ قەدەر ئېغىر،
كېلىسەن يېنىغا بىرىسەن تىللا.
توختايدۇ تىنىقى ئۇنىڭ ئەشۇ چاغ.
بىلىنمەس ئۆزۈڭگە ئۆتكۈزگەن گۇناھ.

نەۋكەرلىرىڭگە بۇيرۇپ ئۇنى سەن،
كۆمەرسەن ساۋاپ ئۈچۈن دۇئادا بەلكىم.
ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا ئۆزۈڭ پۈتكەن كۈي.
بىر كۈنى تۈڭلىكىڭدىن ئاقىدۇ تىم-تىم....

مەنبە: خەلق تورى
تىزىق
چىمەنگۈل ئاۋۇت
1
جان پارەم،
سەن چىدا!
تاغلارنىڭ دەردىنى،
سۇلارنىڭ ۋەسلىنى،
توپىنىڭ قەدرىنى،
ھىچكىم سەندەك سىزەلمەيدۇ.
كۆكلەم ئۈچۈن
باغرىنى خۇن ئېتەلمەيدۇ.

جان پارەم،
مەنمۇ چىداي!
كەچمىشىڭنى،
كەلمىشىڭنى،
پۈتمۈشىڭنى،
ھىچكىم مەندەك سۆيەلمەيدۇ.
بەختى ئۈچۈن يىغلاپ تۇرۇپ كۈلەلمەيدۇ.

جان پارەم،
سېنى كۈتىۋاتىمەن ...
پىلسىرات كۆۋرىكىدىن ئۆتىۋاتىمەن،
يۈرىكىمنى
سېنىڭ قولۇڭدا تۇتىۋاتىمەن.

جان پارەم
بۇ كۈتۈش
تاشتەك ئېغىر ئەمەس،
ياشتەك ھەم چوڭقۇر.
ماڭا دېگەن گەپلىرىڭنى
ئويلۇدۇم بىر قۇر....

سەن ماڭا ئىشەن،
بۇ كۈنلەر
ھەرگىزمۇ ئەمەستۇر كىشەن!

چىدامىڭغا جېنىمنى بېرەي،
قىزىل گۈلگە قېنىمنى بېرەي.
سەھەردىكى ئىبادىتىمدە،
ساقلىقىڭنى خۇدادىن تىلەي ...

كەل جېنىم
چىمەنگۈل ئاۋۇت
كەل جېنىم،
يامغۇر سۈيىگە يېشىمنى قوشۇپ
چاي دەملىدىم.

كەل جېنىم،
قالغاچمۇ كەلدى.
ئەتە -ئۆگۈن
چېچەكلەر غورا بولاي دەيدۇ،
توپىلار لاي بولاي دەيدۇ،
تالمۇ يىغلاپ
سانجاق-سانجاق نۇر بولاي دەيدۇ.

كەل جېنىم،
تولۇن ئايدەك پىيالەم
لىغىرلايدۇ قولۇمدا.
مەن كۆيىمەن بىمالال
سەن بولغاچقا جېنىمدا.

كەل جېنىم،
شامال چىقسا
يەردىكى چېچەكلەر نى تەرمەيدۇ ھىچكىم،
سەنمۇ مېنى سېغىندىڭ بەلكىم.....

يەر يۇمشىدى سېنىڭ كۆڭلۈڭدەك ،
پىژ-پىژ قىلىپ كۆيمەكتە ئاپتاپ .
ئېتىزلىقىم بولغان بولسىدى ،
كۆك تىرەتتىم ساڭىلا ئاتاپ .

كەل جېنىم،
گۈللۈرۈممۇ شۇنچە خۇشپۇراق،
ئاسمىنىڭدا لەيلەيدۇ پىراق.

شامالنىڭ ئېرىمۇ كۈنلەمچى ئىمىش،
گۈللەر
دەرەخلەر
يىگىتلەر
كېرىلگەچكە ئۇنىڭغا قاراپ.
لېكىن، مەن ـ
كۈنلىمىدىم سېنى شامالدىن.
كەچۈر مېنىڭ ساراڭلىقىمنى،
چاچلىرىمنى يەلپۈگەن پېتى
سۆيۈپ ئۆتسۇن سېنىڭ يۈزۈڭنى...

كەل جېنىم،
ئوت قالىدىم.
نان جىگدىسى كۆمۈپ بىرىمەن،
قوقاس ئىچىدىن
ئۆز قولۇمدا
پۈۋلەپ تۇرۇپ ئېلىپ بىرىمەن!

ئۈگرە ئىتىپ بەرگۈم بولسىمۇ ،
گۈرۈچتەك قايناپ كۈلگۈم بولسىمۇ ،
جىگدە ئوتۇنىدەك كۆيگۈم بولسىمۇ...
يول ئارىسى يۈرەكنى ئىزەر ،
دەردىمىزنى بىر ئاللاھ سىزەر .
كەل جېنىم....

مەنبە: خەلق تورى

ھېچكىمگە دېمىدىم
چىمەنگۈل ئاۋۇت
2010.12.21 15:53     مەنبە
شۇ قەدەر تىنىچ ھەم رەزىلدۇر ئەتراپ،
ھىجراننىڭ رەڭڭىدە مەي بولدى كۈنلەر.
ئادەملەر ئۆزىگە تۈزگەن قانۇندەك،
گۈللەرنىڭ يىلتىزىغا چۆكمەكتە ئۈنلەر.

كۆزۈمنى بۇش يۇمۇپ ھاياجان بىلەن،
قۇرۇغان لىۋىمنى قاناتتىم گۈلدەك.
ساڭىلا ئايلاندى يەنىلا جېنىم،
بېغىمدا ئۇچۇپ يۈرگەن يالغۇز كېپىنەك .

ھېچكىمگە دېمىدىم سىغىنغىنىمنى،
قىياملار زەرداپقا قوشۇلدى بىر-بىر.
خۇدىنى بىلمەستىن كۆيىدۇ قوياش،
مەن يەنە ياشاشقا كۆنمەن ئاخىر.

چىداشقا مەجبۇرسەن تەرسالىقىمغا ،
قۇشلارمۇ پەرۋازىنى ئېلىپ كېتىدۇ.
كېچىنىڭ يارىسى قالار شۇ پېتى،
بۇ ئۆمۈر سۇ دەكلا ئېقىپ ئۆتىدۇ.

بىمالال ئۇزايمەن ھەسرەتلىرىمدىن،
باغرىمدا پورەكلەپ ئېچىلار كەچ كۈز.
كىمكىنە، بىلگۈم بار ئول زامانلاردا،
يارى ئۈچۈن تاياق يېگەن بىر مىڭ ئالتە يۈز!

مەنبە: خەلق تورى
قۇرغاقچىلىق
چىمەنگۈل ئاۋۇت
1
قەھرىم بىلەن لېۋىمنى چىشلەپ،
كۆپجۈگەن تومۇرۇمنى كېسىۋەتتىم.
قوياش چۇل-چۇل بولدى جىممىدە،
مەندىن باشقا ھەممە مەۋجۇدات
چىقىۋالدى كېمىگە ...

ئۈزۈۋەتتىم تۈگمىلىرىمنى،
بارمىقىمغا يىڭنە كىرسۇن دەپ.
كىچىكىمدە،
ئانام مېنى ئوتلاپ قاققىلى
دوقۇراتتى ئۆي –ئۆيگە،
يۇرۇن تىلەپ.

سىرىق رەڭڭە ئۆچ بولدۇن بۈگۈن،
لامپۇچكىنىڭ ئۆلمەكتە نۇرى.
قۇش پېيىدەك قىرقىلغان ۋاقىت
سۆيمەكتە ھەم يىمەكتە مېنى.

ساڭا تونۇش تۇيغۇلىرىمدەك
بىسىپ كەلدى رىئاللىق ماڭا.
قورسىقى ئاچ ئايالدەك كېچە
قارايماقتا كۆزلەردەك يانا.

كارۋىتىمغا تاشلاندىم گۈلدەك ،
بۇلۇت بولۇپ يېيىلدى بارچە.
چېكىلمىدى ئىشىكىم يېنىك ،
سەن بىلمەيسەن مېنى تېخىچە.

نېمىشقىكىن ئېغىپ يۈرىكىم،
مەن ئۆزەمگە سىغماي قالىمەن.
تېلېۋىزورغا ئۇدۇل ئولتۇرۇپ
ئاياللىقىمنىمۇ ئۇنتۇپ قالىمەن.

خەرىتىنىڭ سىزىقلىرىنى
يېڭىلايمەن قارا سىياھتا.
يەر تەۋرەيدۇ شۇ قەدەر تەمكىن،
بوغۇلىمەن قىيا- چىياغا...

كۆزلىرىمىز ياشقا تولىدۇ
جېنىم،
ئەتە يەنە ھېيت بولىدۇ،
كۆزلىرىمىز ياشقا تولىدۇ.
ئالقىنىمىزنى قىلىمىز ئايۋان،
ئېقىپ چۈشۈپ يۇلتۇز قونىدۇ.
سېنىڭ ئاۋازىڭنى قېنىپ ئاڭلىغاچ،
قوڭۇر چاچلىرىمنى گۈلدەك ھىدلايمەن.
ئوغلىمىز"ئۈچ پەدە" گە چالغاندا راۋاپ،
كۆرىنەر كۆزۈمگە چەكسىز باياۋان.
يىنىك يۆتىلىپ قويىسەن سەنمۇ،
جۇغۇلداپ كېتىمەن كۆزۈڭگە قاراپ.
سېنى دەپ ئۆتكۈزگەن تىزىقلىرىمنى،
يېنىڭدا ئولتۇرۇپ بىرىمەن ساناپ.
دەملىگەن چايلىرىم رەيھان پۇرايدۇ،
پۈۋلەيمەن مەن ئۇنى تىنىقىڭ بىلەن.
شىۋىرلاپ قويىسەن قۇلاقلىرىمغا؛
"دەرتكىمۇ مېنىڭدەك كۆنۈشنى ئۈگەن..."
تۇرغاندا ئورنىمدىن تارتىسەن قوپال،
ئاۋازىم تۆكىلەر قۇچاقلىرىڭغا.
دۇنيا دەپ بىلىمەن بىلەكلىرىڭنى،
سەن جىمجىت كۈلىسەن قىلىقلىرىمغا.
ئاپامدىن تېلېفون كېلىدۇ شۇ چاغ،
سىلەرنى ئەجەپمۇ كۆرگۈم كەلدى دەپ.
دادامنىڭ يۈرىكى كۆيدۈرەر بىزنى،
ئىشىكتىن چىقىمىز قىياندەك دەۋرەپ
بىر تامچە نۇر
چىمەنگۈل ئاۋۇت
مىنى ئېلىپ قاچالماس ھىچكىم،
قۇمۇشلۇققا ئوت قۇيالماس ھەم.
ئات مىنىشنى ئۆگەنگۈم كېلىپ،
يىغلىۋالدىم ئۈن سېلىپ بىردەم.

قۇشتەك يەڭگىل قۇشتەك ئوماق مەن،
چاينىڭ رەڭگى سۈزۈلدى ئاستا.
شور ئۆرلىگەن ئالىقانلاردا قۇم،
بىر تامچە نۇر سانجىلدى تاشقا.

چىپىلدايدۇ يامغۇر يېقىملىق،
تۈتەكلەرنى قىلغانچە يەكسان.
ئانىلارنىڭ كۆزىدىكى مۇڭ،
كۆكلىمەكتە بولۇپ بۈك ئورمان.

مەنبە: خەلق تورى
كەچۈر، قارلىغىچىم
چىمەنگۈل ئاۋۇت
چوقۇما ئەينەكنى، ئوماق قارلىغىچىم،
ئۇسسۇزلۇق بېرەيمەن ئالقانلىرىمدا.
ئۆزۈمنى بىمالال تاشلىيالمايمەن،
سەن كۆيۈپ قارايغان گۈلخانلىرىڭغا.

يارىلانغان تۇمشۇقۇڭ ئېچىشسا سىم-سىم،
ھورلانغان تىنىقىمدا قويايمەن پۈۋلەپ.
يېشىمدا يۇسام گەر قاناتلىرىڭنى،
باغرىمدىن يۇلغۇنۇپ ئۇچۇۋەر ئۆرلەپ.

كەچۈرگىن سەن ئۈچۈن سالمايمەن ئۇۋا،
بوغقۇم يوق مېھرىمدە ئەركىنلىكىڭنى.
چۈنكى كۆك ئاسمانلا تولۇق بىلىدۇ،
ئاھ، سېنىڭ شۇ قەدەر يەڭگىللىكىڭنى.

مەنبە: خەلق تورى

ماشىنا كۆزنىكى چېقىلسىمۇ ئاھ
چىمەنگۈل ئاۋۇت
زىمىستان قۇشلىرى قونغان زەنجىردەك،
يۈرەككە چىرمىشىپ كۆيمەكتە بىر ئوت.
جاراھەت باغرىدەك ئىسسىق دۇنيايىم ،
كەل ئۈنسىز، مۇزلىغان قوللىرىمنى تۇت.

يېقىمسىز ۋىسالدەك كۈلسۈن تەبىئەت،
قار كېچىپ تۇرايلى بىردەم يانمۇ يان.
مۇھەببەت ھەم نەپرەت كېسىشكەن دەمدە،
سارغايغان ھېسلاردىن سىرغىمىسۇن قان.

ماشىنا كۆزنىكى چېقىلسىمۇ ئاھ،
كۆز يېشىڭ ئۈمىدنى قالمىسۇن سۆيۈپ.
مەن ئەمدى ئۇزايمەن خىياللىرىڭدەك،
چۈنكى بىز ھىجرانغا قېلىشقان كۆنۈپ.

مەنبە: خەلق تورى

سېغىندىم مېھىرلىك تىللاشلىرىڭنى
چىمەنگۈل ئاۋۇت
قۇشنىڭمۇ ئۆيى بار قۇرتنىڭمۇ ھەم،
ئۆيۈمنىڭ تاملىرىغا قارىدىم جىمجىت.
سېغىندىم مېھىرلىك تىللاشلىرىڭنى،
ۋاقىتلا يېنىمدىن ئۆتىدۇ شىپ - شىپ.

كۆزۈمنى بوش يۇمدۇم كىرىشتى چىشىم،
تاتلىق بىر ھېس بىلەن كەتتىم جۇغۇلداپ.
جەڭگاھتىكى ئاتتەك كىشنەر رېئاللىق،
چېچىمنى تارىدىم ساڭىلا ئاتاپ.

بۇ كۈتۈش بىر ئۆمۈر كۈتكىنىمگە تەڭ،
چاچلىرىم دەريادەك دولقۇن ياسىدى.
مەن شۇنداق رازىلىق بەردىم ھاياتقا،
پەريادىم باغرىمنى كېلىپ قاپسىدى.

مەن بۇرۇن نەلەردە يالغۇز پەرىشان،
سەن بۇرۇن نەلەردە ئوت بولۇپ يانغان.؟!

گۇناھ بولسا ئەمدى سېنى سۆيۈپ قالغىنىم،
ئادەم بىلەن ھاۋانىڭ بارلىقى يالغان!!!

مەنبە: خەلق تورى

جاندىن ئەزىز
چىمەنگۈل ئاۋۇت

چىشلىرىم قاماپ كەتتى،
يۈرىكىم قاناپ كەتتى.
كۆز يېشىمنى ئامۇت چېچەكلىرى شاراپ ئەتتى...
ھېيتگاھتا
ھارۋا سۆرەپ يۈرگەن بوۋاينىڭ
چىلگىلىرى مېنى تونۇپ قالدى،
باھار
ھىجرانىمنى قوينىغا ئالدى.
مەن خەت يازىدىغان يەر تەۋرىدى،
مەن سۆيىدىغان ئەر
تېخى كەلمىدى!

ئالقانلىرىڭدەك كەڭ يوپۇرماق،
باشلىرىمنى سىيلاپ ئۆتتى،
يىغلاۋاتقان تال
دەرتلىرىمگە دەرت قاتتى.
مەن سېنى ساقلاۋاتىمەن،
ماڭا دىگەنلىرىڭنى
شېئىر يادلىغاندەك يادلاۋاتىمەن.
بىلىمەن،
سەنمۇ مېنى كۈتىۋاتىسەن.
ئەلەملىرىڭنى، چىدامىمنى
بۇرۇنقىدەك يۇتىۋاتىسەن.
سەن ئامراق توقاچنى ياقىدىغان تونۇر،
كونا ئۆيلەردەك چېقىلىپ كەتتى.
بىز ئۈچۈن دۇئا قىلىدىغان بوۋام
پەرىشتىگە ئايلىنىپ كەتتى.
ئانامنىڭ مۈكچىيىۋاتقان بىلى،
ئوغلىمىزنىڭ سېنى دوراۋاتقان خۇيى،
ھايات ھېكمەتلىرىگە ئۇلۇشۇپ يەتتى.
سېنى بار دەپ
تاغلار گۈمۈرۈلمەيدۇ.
سېنى بار دەپ
باغلار كۆمۈلمەيدۇ.
مەن كېتىۋاتىمەن،
سېغىنىشلىرىمنى باغرىمغا بىلەپ
نەي ئىتىۋاتىمەن.
جېنىم!
مەن يازغان كىتاپ
ئوغلىمىز ئويناۋاتقان توپ
سەندىكى مۇھەببەت
قىسمەت داۋانلىرىدا سۇ بولىدۇ،
بىر قار
قولۇڭدىن كېلىشىچە باشقىلارغا ياخشىلىق قىل .
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-22 04:42, Processed in 0.136065 second(s), 33 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش