پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2360 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 44|ئىنكاس: 1

چۈشكە قايتىش[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوقلىما
38
قىزغىنلىق
761 سەر
تىللا
346 دانە
تۆھپە
479 سەر
شۆھرەت
660 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-4 13:56:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

چۈشكە قايتىش


ئادىل تۇنىياز


تاڭ يىپلىرىدا،
رۇجىكىڭنى  
ئۇلاپ قويۇپ رۇجەكلىرىمگە ،
پىچىرلىشايلى تاتلىق چۈشلەرنى .
سەن ئېيتىپ بەر چۈشۈڭنى ماڭا ،
مەن ئېيتىپ بېرەي چۈشۈمنى ساڭا .
كىم بىلىدۇ ھەر ئىككىمىزنىڭ  
ئەڭ ئاخىرقى ئوخشاش بىر چۈشى .
مەڭگۈلۈك بەخىتنىڭ  
   باشلىنىشى بۇلامدۇ تېخى ؟
يا ئازابلىق رېئاللىقنىڭ  
   مۇقەددىمىسى ؟
كېلىپ قالساڭ ئۇخلاۋاتقان چېغىمدا ،
كىرپىكىمگە ئىلىندۈرۈپ قوي ،
چوكىلدىتىپ سۆيۈشلىرىمنى !
قالدۇرۇپ كەت ،
   تامچە يېشىم ئۈستىدە ،
قەيسەرانە كۈتۈشلەرنى .
سەن چۈشىگەن چىناردا  
ئۇۋىلىسا مېنىڭ قۇشلىرىم ،
مەن چۈشىگەن گۈلزاردا  
پورەكلىسە سېنىڭ گۈللىرىڭ ،
بېغىڭدىكى سۆيۈملۈك ئالما
بېرەلەرمۇ كەچكۈزدە ماڭا
شاخ-شېخىدا ساڭگىلاپ تۇرغان  
ئالما كەبى ئوتلۇق يۈرەكنى .

ئانام تىكىپ بەرگەن شاپاق دوپپامنى  
كالا باققان يەرلەردە  
     يۈتتۈرىۋەتكەندەك ؛
ئاناڭ چىگىپ قويغان گۈل ياغلىقىڭنى ،
ئوت ئالغان ئېتىزدا ئۇنتۇپ كەتكەندەك ؛
ئۇنتالىشىمىز مۇمكىن قانچە رەت ،
بىرلا قېتىم كۆرگەن شۇ چۈشنى ؟!

بۇزۇلسىمۇ چۈشىمىز بىزنىڭ ،
دۇنيا يەنە قالار قىز پېتى .

سىغدۇرمىغاندەك  
بىر ۋاقىتتا ئاي بىلەن كۈننى ،
سىغدۇرمىسا بىزنى رېئاللىق ،
يۈر ! قولۇڭنى بەر !
قايتىپ كېتەيلى گۈزەل چۈشلەرگە .


1990-يىل 2-ئاي ، قاغىلىق .

قولۇڭدىن كېلىشىچە باشقىلارغا ياخشىلىق قىل .

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
2696 سەر
تىللا
1161 دانە
تۆھپە
1295 سەر
شۆھرەت
1408 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبايقاش مەلىكىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-4 14:17:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلغان شئېركەن
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-22 04:50, Processed in 0.128109 second(s), 33 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش