- تىزىملاتقان
- 2012-5-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-10-15
- ھوقۇقى
- 99
- جۇغلانما
- 2894
- نادىر
- 0
- تېما
- 67
- يازما
- 172
  
- يوقلىما
- 110
قىزغىنلىق- 749 سەر
تىللا- 46 دانە
تۆھپە- 441 سەر
شۆھرەت- 737 سەر
  
| بوۋاسىر، ئۈچەينىڭ ئاخىرقى ئۇچى شىللىق پەردىسى ياكى مەقئەت تېرىسى ئىچىدىكى ۋىنا قان تومۇرلىرىنىڭ كۆپۈشىدىن شەكىللەنگەن كۆپ ئۇچرايدىغان كىسەللىكلەرنىڭ بىرى بولۇپ، كىسەل قوزغالغاندا مەقئەت قىچىشىپ، چىڭقىلىپ ئاغرىيدۇ ھەم مەقئەت ئېغىزىدىن داۋاملىق قان چىقىپ خىزمەت ۋە سالامەتلىككە تەسىر يەتكۈزىدۇ.
بوۋاسىرنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا تۇرغان كىشىلەر مەقئەت قىسمىنى ئىسسىق سۇغا 15 مىنۇت ئەتىراپىدا چىلاپ ئولتۇرۇپ بىرىش كىرەك.ئىسسىق سۇغا مەقئەت قىسمىنى چىلاپ ئولتۇرغاندا مەقئەت ئەتىراپىدىكى قان تومۇرلار كېڭىيىپ ، ئىششىق يانىدۇ ۋە ئاغرىق تېزدىن پەسىيىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا مىۋە-چىۋە ، كۆكتاتلارنى كۆپ ئىستىمال قىلىپ بەرسە چوڭ تەرەت راۋانلىشىپ، بوۋاسىرنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى تۆۋەنلەيدۇ. بوۋاسىر كېسىلى بىمارلىرى ئاچچىقسۇ، لازا ۋە باشقا يەللىك نەرسىلەرنى ئىمكان بار يىمەسلىگى كىرەك. بپلمىسا بوۋاسىرنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۋىتىدۇ.
ئۇزۇن مۇددەت ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىدىغان بوۋاسىر بىمارلىرى مۇۋاپىق دەرىجىدە بەدەن چىنىقتۇرغاندا بەدەننىڭ كىسەلگە بولغان قارشىلىق كۈچىنى ئاشۇرغىلى ھەم بوۋاسىرنىڭ قايتا قوزغۇلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ئەگەر بوۋاسىر كېسىلى ئېغىرراق كىشىلەر يۇقۇرقى ئۇسۇلنى قوللانسىمۇ ئۈنۈمى ياخشى بولمىسا ، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈپ داۋالىنىشى لازىم. بولۇپمۇ ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغان كىشىلەر قان ئارىلاش تەرەت قىلسا ۋە تەرىتى بەك سېسىق، قىيىن بولسا ، ئورۇقلاپ كەت سە، تۈز ئۈچەي راكىنىڭ بولۇش ئېھتىماللىقىنى ئويلىشىپ ۋاقتىدا داۋالىنىش كىرەك.
مەنبە: جەۋھەر رېتسىپلار دىگەن كىتاپتىن |
|