پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2356 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 140|ئىنكاس: 2

ئەرلەرنىڭ ئۆمرىنى قىسقارتىدىغان سەۋەبلەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوقلىما
119
قىزغىنلىق
761 سەر
تىللا
92 دانە
تۆھپە
547 سەر
شۆھرەت
655 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىھەمكارداشپوتوشوپ ئۇستىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-3 20:48:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېببىي ئالىملار ئەرلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى ئاياللارنىڭكىدىن قىسقا بولۇشنى تۆۋەندىكىدەك ئالتە خىل ئامىل كەلتۈرۈپ چىقارغان ، دەپ قارايدۇ :
ئاشقازان كېسىلى ئەرلەر ھاراق ، تاماكىغا ئامراق . يەنە تاماقنى تېز ھەم كۆپ يەيدۇ . شۇڭا ، ئەرلەرنىڭ ئاشقازان كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئاياللارغا قارىغاندا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 6.2 ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ .
تېرە كېسىلى كۆپ ساندىكى ئەرلەر ئۇلتىرا بىنەپشە نۇردىن ساقلىنىشقا ، تېرىسىنى دائىم تەكشۈرتۈپ تۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرمەيدۇ . شۇڭا ، ئەرلەرنىڭ قارا پېگمېنت ئۆسمىسىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئاياللارغا قارىغاندا ئىككى ھەسسە يۇقىرى .
يۈرەك كېسىلى ئادەتتە ، ئەرلەرنىڭ خىزمىتى ئاياللارغا قارىغاندا جىددىيرەك ، خىزمەت بېسىمىمۇ بىر قەدەر ئېغىر بولىدۇ . شۇڭا ، ئەرلەرنىڭ يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى ئاياللارغا قارىغاندا 7–10 ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ . شۇڭا ، ئەرلەر يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ، تاماكا ، ھاراققا چەك قويغاندىن باشقا ، يەنە بەدەن ئېغىرلىقىنى نورمال ساقلىشى ۋە بېسىمنى يەڭگىللىتىشنى ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك .
جىگەر كېسلى ئەرلەرنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقىسى كۆپ بولغاچقا ، ئاسانلا ھەر خىل جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىدۇ . ئەرلەرنىڭ كۆپ قىسمى يەنە ھاراق ئىچىدۇ . جىگەر ھەر كۈنى ئەڭ كۆپ بولغاندا 60–80 گىرام ئىسپىرتنى پارچىلىيالايدۇ ، بۇنىڭدىن ئېشىپ كەتكەن قىسمى جىگەرنى زەخمىلەندۈرىدۇ .
تۈز ئۈچەي كېسىلى ئەرلەر ئادەتتە تەركىبىدە ياغ ۋە ئاقسىل كۆپ بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىدۇ . ئىلمىي تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشچە ، ياغ ۋە ئاقسىلنى كۆپ ئىستېمال قىلىش تۈز ئۈچەي راكىنى پەيدا قىلىدىغان ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى ئىكەن . شۇڭا ، تۈز ئۈچەي راكى ۋە باشقا ئۈچەي كېسەللىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا چوقۇم تەركىبىدە سېللۇلوزا مول بولغان كۆكتات ۋە مېۋىلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش لازىم .
مەزى بېزى كېسىلى مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشچە ، 50 ياشتىن ئاشقان ئەرلەرنىڭ %60 ىدە مەزى بېزى كېسىلى بار ئىكەن . ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا بىرىنچىدىن ، ئولتۇرۇش ۋاقتى بەك ئۇزىراپ كەتمەسلىك . ئىككىنچىدىن ، جىنسىي مۇناسىۋەتنى كونترول قىلىش . ئۈچىنچىدىن ، ئاچچىق يېمەكلىكلەرنى ئازراق يېيىش كېرەك .

مەنبەسى: شىنجاڭ گىزىتى
سەن سۆيمىسەڭ ھېچ گەپ ئەمەس، ئەل سۆيمىسە ھالىڭ خاراب.

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4435 سەر
تىللا
1058 دانە
تۆھپە
2729 سەر
شۆھرەت
2913 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-4 00:48:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ بۇ سەۋەپلەرنى تۇلۇق بىلىۋالدىم . ھەممىزمىز دىققەت قىلايلى . تەربىيەۋىي ئەھمىيتى يۇقىركەن . رەخمەت سىزگە.
ئوقۇتقۇچىلىق -قۇياش ئاستىدىكى ئەڭ شانلىق كەسىپ

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
8588 سەر
تىللا
4841 دانە
تۆھپە
5737 سەر
شۆھرەت
6402 سەر

ئاتامان

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-4 16:52:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن دىققەت قىلىغان ئىشلار ئېكەن كۆپ رەھمەت سىزگە!
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-21 11:03, Processed in 0.134151 second(s), 32 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش