پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2360 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 95|ئىنكاس: 2

كىشىلىك ھاياتتىكى قىممەتلىك ھېكمەتلەر[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوقلىما
73
قىزغىنلىق
907 سەر
تىللا
198 دانە
تۆھپە
446 سەر
شۆھرەت
533 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 21:02:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

كىشىلىك ھاياتتىكى قىممەتلىك ھېكمەتلەر

  
1.ھېچكىمنى سەل چاغلىماڭ.
2. سىزنىڭ ئۇنچە كۆپ تاماششىبىنىڭىز يوق، شۇڭلاشقا ئۆزىڭىزگە زىيادە جاپا سالماڭ.
3. باشقىلارغا سەمىمىي مۇئامىلە قىلىش بىلەن بىرگە ئېھتىيات قىلىشنىمۇ بىلىڭ. خالىغانچە باشقىلارغا ئاچچىقلانماڭ، چۈنكى ھېچكىم سىزگە قەرزدار ئەمەس.
4. ئەگەر ھازىرقى ئەھۋالىڭىز ئازابلىق بولسا، ئۇنداقتا ئۆتكەن خۇشال كۈنلىرىڭىزنى ئەسلەپ بېقىڭ. ئەمەلىيەتتە ھازىرقى ئازابلار ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدۇ.
5. سىزگە قوپال مۇئامىلە قىلغان، سىزنىڭ ئادىمىيلىكىڭىزنى دەپسەندە قىلغان ھەرقانداق ئادەم بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتىن قول ئۈزۈڭ. چۈنكى كونىلاردا «كۆڭۈل ئاغرىتقان دوست ئەمەس» دېگەن ھېكمەت بار. ئۇنىڭ ئۈستىگە سىز دەل بىر قىسىم رەزىل كىشىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەت دائىرىسىدىن چىقىپ كەتكەن ۋاقتىڭىزدىلا، ئاندىن ھەقىقىي ئادەملەرنىڭ مۇئامىلىسىگە ئېرىشەلەيسىز.
6. سىزنى ئازابلىغان كىشىلەرگە كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىڭ. چۈنكى نېمىلا بولمىسا ئۇلار سىزگە ھاياتنى ياكى مۇھەببەتنى ۋە ياكى كەسىپنىڭ مۇھىملىقىنى، قىسقىسى ئۆزىڭىزنى تونۇتقان. ئۇلارنى كەچۈرۈۋېتىڭ. ئۇلار سىزگە دەل ئاشۇ بىر سائەتلىك دەرسنى ئۆتكەنلىكى ئۈچۈنلا، سىزنىڭ ھازىردا پۇت تىرەپ تۇرالىدىڭىز، ئۇلارنى كۈچەيتتى.
7. ۋاز كېچىشنى بىلىڭ. سىز ھەممە نەرسىگە ئېرىشمەن، دەپ ئويلىماڭ. چۈنكى سىزنىڭ قۇچىقىڭىزغا ئۇنچە چوڭ ئەمەس. سىز ۋاز كېچىشكە تېگىشلىك نەرسىلەردىن ۋاز كەچكەن ۋاقتىڭىزدا ئۆزىڭىزنى تولىمۇ يەڭگىل ھېس قىلىپ قالىسىز.
8.ئۆزىڭىزگە ھېچقانداق باھانە كۆرسىتىش ئىمكانىيىتى قالدۇرماڭ. چۈنكى كەچۈرگۈسىز خاتالىقلار ئالدىدا بۇنداق باھانىلەر ھېچكىمنىڭ قۇلىقىغا چىرايلىق ئاڭلانمايدۇ.
9. ئۆزىڭىزگە ئىشىنىڭ، مۇستەقىل ياشاش، ئشىلاردا مۇرەسسە قىلىشنى ئۆگىنىڭ، ئالدىراپ يەكۈن چىقارماڭ. ئاساسىي پىرىنسپتا چىڭ تۇرۇڭ.
10. ھەممە بەدەل تۆلەشنىڭ جەزمەن سىز ئۈمىد قىلغاندەك نەتىجىسى بولۇشى ناتايىن، كۆپ ھاللاردا ھاۋاغا سۇنغان قولىڭىزنىڭ قۇرۇق قالىدىغانلىقىنى ئېسىڭىزدىن چىقارماڭ.


مەنبە: «ھېكمەتلىك سۆزلەر» ناملىق كىتاب


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئامان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-3 12:00  

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4382 سەر
تىللا
1182 دانە
تۆھپە
2413 سەر
شۆھرەت
2839 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 23:31:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرمۇشنىڭ ھەممە ساھەلىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان شۇنداق قىممەتلىك ھېكمەتلەر ئىكەن دوستۇم.
رەخمەت سىزگە!
كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
8588 سەر
تىللا
4841 دانە
تۆھپە
5737 سەر
شۆھرەت
6402 سەر

ئاتامان

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 23:55:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپ خۇرسەن بولدۇم ھەقىقەتەن تىللاغا بەرگۈسىز ھېكمەتلەر ئېكەن !
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-22 07:47, Processed in 0.126856 second(s), 33 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش