پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2360 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 76|ئىنكاس: 3

ھاياتلىق پەلەمپىيى[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوقلىما
73
قىزغىنلىق
907 سەر
تىللا
198 دانە
تۆھپە
446 سەر
شۆھرەت
533 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 19:27:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ھاياتلىق پەلەمپىيى


        ئاكا - ئۇكا ئىككىيلەننىڭ ئۆيى 80-قەۋەتتە ئىكەن. بىر كۈنى ئۇلار ساياھەتكە چىقىپ قايتىپ كەلگەندە، بىنادا توك توختاپ، لىفىت ئىشلىمەي قاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككىيلەن سومكىلىرىنى يۈدۈپ پەلەمپەي بىلەن ئۆيىگە چىقماقچى بولۇپتۇ. ئۇلار 20-قەۋەتكە چىققاندا ھېرىپ قاپتۇ. ئاكىسى: «سومكىلارنى مۇشۇ قەۋەتتە قوپقويۇپ، توك كەلگەندە لىفىت بىلەن ئېلىپ چىقىپ كېتەيلى» دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سومكىلىرىنى 20-قەۋەتكە قوپقويۇپ، داۋاملىق ئۆرلەپتۇ. ئۇلار كۈلكە-چاقچاق بىلەن 40-قەۋەتكە چىققاندا بەكلا ھېرىپتۇ. ئۇلار يەنە يېرىم مۇساپىنىڭ بارلىقىنى ئويلاپ، نېمە ئۈچۈن بىنادا توك توختايدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشقا دىققەت قىلمىغانلىقىدىن رەنجىشىپ، بىر - بىرىنى ئەيىبلىشىپتۇ. ئۇلار شۇنداق رەنجىشىپ 60- قەۋەتكە چىقىپتۇ. بۇ چاغدا ئۇلارنىڭ بىر-بىرىگە تاپا-تەنە قىلىشقۇدەك ھالى قالماپتۇ. ئۇكىسى ئاكىسىغا: «بولدى بىز ئۇرۇشماي، ئاۋۋال ئۈستىگە چىقىۋالايلى» دەپتۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇلار ئاخىرى 80-قەۋەتكە چىققاندا، ئاچقۇچنىڭ 20-قەۋەتتىكى سومكىدا قالغانلىقىنى بىلىپ، ئازىراق قىيىنچىلىقتىن قېچىپ سومكىلىرىنى يېرىم يولدا تاشلاپ قويغىنىغا ئۆكۈنۈپتۇ...
  بۇ دۇنياغا كۆز ئاچقاندىن باشلاپ تاكى ئۆمرىمىزنىڭ ئاخىرىغىچە ھەر بىر كۈن بىز ئۈچۈن پۇرسەت ۋە سوۋغا. ھەر كۈندىكى ئالغان قەدەملىرىمىز، قىلغان ئىشلىرىمىز كېيىنكى نەتىجىمىز، مۇۋەپپەقىيىتىمىز، شۇنداقلا ئارزۇلىرىمىزنىڭ ئەمەلگە ئېشىش-ئاشماسلىقىنى بەلگىلەيدۇ. نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، نىشانىمىزنى ئېنىق قىلىپ، ئۈزلۈكسىز تىرىشساقلا ھاياتىمىز ھەقىقىي قىممەتكە ۋە مەنىگە ئىگە بولالايدۇ. ئەمما، ھاياتلىقتا كۆپىنچىلىرىمىز تۈرلۈك بېسىم، قاقشاش، قىيىنچىلىقتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش، غايىسىزلىك، ئىرادىسىزلىك ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلى كۈنلىرىمىزنى مەنىسىز ئۆتكۈزۈپ، ھەر بىرىمىز ئۈچۈن نىشان ۋە غايە، شۇنداقلا بۇ يولدا ئۈزلۈكسىز تىرىشىش ۋە ئاكتىپ پوزىتسىيەنىڭ بولۇشىنىڭ تولىمۇ مۇھىملىقىنى ئەستىن چىقىرىپ قويىمىز.
  يۇقىرىقى ھېكايىنى ھاياتىمىزغا ئوخشىتىشقا بولىدۇ. بىز 20 ياشتىن بۇرۇن ئاتا-ئانىمىز ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ غەمخورلۇقىدا ياشايمىز. تۈگىمەس تاپشۇرۇق، ئىمتىھان، ئاتا - ئانىلارنىڭ بىزدىن كۈتىدىغان ئۈمىد-ئارزۇلىرى بىزگە «يۈك» تەك بىلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزىمىزمۇ تېخى پىشىپ يېتىلمىگەن بولغاچقا، ئۆز ئالدىمىزغا ئىش تۇتۇپ، ئۆز يولىمىزغا مەزمۇت قەدەم تاشلىيالىشىمىز قىيىن. 20 ياشتىن كېيىن ئەتراپىمىزدىكىلەرنىڭ بېسىمىدىن قۇتۇلغاندەك بولىمىز - دە، بار كۈچىمىز بىلەن ئارزۇلىرىمىزغا يېتىش ئۈچۈن تىرىشىمىز. بىراق، خىزمەت، ئائىلە ۋە جەمئىيەتتىكى تۈرلۈك مۇناسىۋەتلەر ھەلەكچىلىكىدە بۇ ئارزۇلىرىمىزنى ئۇنتۇشقا باشلايمىز. 40 ياشقا كىرگىنىمىزدە، ياشلىقىمىزنىڭ ئاللىبۇرۇن ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى بايقايمىز - دە، ئىختىيارسىز ئەپسۇسلىنىش ۋە پۇشايمان ئىچىدە قالىمىز. 60 ياشقا كەلگەندە، كېيىنكى كۈنلىرىمىزنى قەدىرلەشنى ئويلاپ ئۆمرىمىزنىڭ ئاخىرىنى ئۆتكۈزىمىز. ھاياتلىقنىڭ ئاخىرقى پەللىسىگە يېتىپ بارغىنىمىزدىلا، ئۆزىمىزنىڭ قانداقتۇر بىر ئىشلارنى قىلىپ بولالمىغانلىقىمىزنى ئەسكە ئالىمىز. بۇ دەل بىزنىڭ گۈزەل ئارزۇ-ئارمىنىمىز بولۇپ، بۇ ئارزۇ - ئارمانلىرىمىز 20 ياشتىكى ياشلىق باھارىمىزدا قالغان.
  دېمەك، ھاياتىمىزدىكى ھەر بىر پەلەمپەي ئەمەلىيەتتە شۇ قەدەر گۈزەل ۋە نۇرغۇن پۇرسەتكە تولغان. ياشلىقتا بالىلىقىنى ئەسلەيدىغان، ئازراقلا قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا «ئېسىت، چوڭ بولمىسام بوپتىكەن؟!» دەيدىغان، 40 - 50 ياشقا كىرگەندە ياشلىقىنى ئەسلەيدىغان، ئاغرىپ يېتىپ قالغاندا، ساقلىقنىڭ قەدرىگە يېتىدىغان ئەھۋاللار رېئاللىقىمىزدا مەۋجۇت. ھاياتلىق پەلەمپىيىدە ئادەم پەقەت غايىسى ۋە ئارمانلىرى بىلەنلا تېگىشلىك نەتىجىگە ئېرىشەلەيدۇ. پۇرسەت مەڭگۈ تەييارلىقى بار ھەم دەرھال ھەرىكەتلىنەلەيدىغانلارغا مەنسۇپ! بىز نەپەس ئېلىۋاتقان دەقىقىنى ھاياتتىكى ئەڭ گۈزەل چاغ دەپ قاراش ۋە ئۇنى قىممەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن تىرىشىشىمىز كېرەك.
  «پوزىتسىيە ھەممىنى بەلگىلەيدۇ» دېگەن قاراش بۈگۈنكى كۈندە نۇرغۇن كىشىنىڭ بىردەك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشمەكتە، شۇنداقلا ئۇ كىشىلەرنىڭ ھاياتلىقتىكى مەسىلىلەرگە بولغان قارىشىغا تەسىر كۆرسەتمەكتە. پوزىتسىيەنىڭ ھاياتىمىزغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىگە ھەقىقەتەن سەل قارىغىلى بولمايدۇ. بىزدە كۈنسېرى ئومۇملىشىۋاتقان قاقشاش، «خەققە نېمە بولسا ماڭىمۇ شۇ» پىسخىكىسى بىزدىكى تىرىشچانلىق ۋە ئۈمىدۋارلىقنى يەپ كېتىۋاتىدۇ. ئىنسانىيەت دۇنياسىدا ئىرادىسىزلار ئۆز قەدىر-قىممىتىنى بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن پۈتۈنلەي يارامسىز ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدۇ. ھاياتتىكى مەقسەت ئىنسان قەدىر-قىممىتىنىڭ ۋە بەختىنىڭ ئاساسىدۇر. شۇڭا، ھاياتتا ئۆز غايىمىز ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تىرىشىشىمىز ۋە بۇ جەرياندا يولۇققان قىيىنچىلىقلارغا دادىل يۈزلىنىپ، خۇشال ۋە قەيسەر ياشىشىمىز كېرەك. شۇندىلا ھاياتلىق پەلەمپىيىنىڭ ھەر بىرىنى مەزمۇت بېسىپ كۆزلىگەن پەللىگە چىقالايمىز.


مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئامان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-2 23:51  

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1498 سەر
تىللا
344 دانە
تۆھپە
1060 سەر
شۆھرەت
1156 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 21:06:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ كۆپچىلىكىمىزنىڭ ھەممىمىز كىچىككۇچىلەرمىز.تۇرمۇش ھامان شۇنداق،ئۆزىمىزدە بارىدا قەدرىگە يەتمەيمىز، قولىمىزدىن كەتكەندە، ؛ئاھ ئۇرۇپ قالىمىز،
ياخشى تىمىكەن، رەھمەت سىزگە
قايسىڭلاردا بوۋاقلار پىسخولوگىيەسىگە ئائىت ئۇيغۇرچە ماتىرىيال بار؟

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4382 سەر
تىللا
1182 دانە
تۆھپە
2413 سەر
شۆھرەت
2839 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 23:48:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
....بىزنىڭ كۆپچىلىكىمىزنىڭ ھەممىمىز كىچىككۇچىلەرمىز...

شۇنداق، بىز كۆپ ھاللاردا ئۆزىمىزگە مەنسۇپ بولغان ۋە مەنسۇپ بۇلۇشقا تېگىشلىك نۇرغۇن پۇرسەتلەرنى قولدىن بېرىپ قويىمىز، شۇ پۇرسەتلەرنىڭ قەدرىگە يەتكەن ۋاختىمىزدا ئۇ پۇرسەتلەر ئاللىبۇرۇن ئۆتۈپ كەتكەن بۇلىدۇ. بۇ بەلكىم بىزنىڭ نۇرغۇن ئىشلاردا مەغلۇپ بۇلۇشىمىزنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بۇلۇپ قېلىشى مۈمكىن.
رەخمەت سىزگە دوستۇم، يولىغان تېمىلىرىڭىز بارغانچە سەرخىللىشىپ كېتىپ بارىدۇ. يازمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىغاي!
كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
8588 سەر
تىللا
4841 دانە
تۆھپە
5737 سەر
شۆھرەت
6402 سەر

ئاتامان

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 23:59:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەربىيىۋى ئەھمىيىتى كۈچلۈك تېما ئىكەن كۆپ رەھمەت سىزگە!ماڭا قىممەتلىك بىلىم بەردىڭىز !
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-22 06:53, Processed in 0.133059 second(s), 33 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش