پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2360 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 74|ئىنكاس: 0

ئىنسان[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوقلىما
38
قىزغىنلىق
761 سەر
تىللا
346 دانە
تۆھپە
479 سەر
شۆھرەت
660 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 19:26:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئىنسان

ئادىل تۇنىياز

تۇمان ئارا كەلدىم دۇنياغا  
تەقدىرىممۇ ئوخشار تۇمانغا .
قار قاپلىغان دېرىزىلەردەك  
سوغۇق نەزەر تاشلاپ جاھانغا .

توپا باسقان روھىمدا ئۈمىد  
ئىللىققىنا تۇرىدۇ كۈلۈپ .
كىم بىلىدۇ يوقتۇر ھېچكىشى  
تۇرغاندىمەن بىھۇدە كۈتۈپ .

ئۇنتۇش ئازاب ئۇنتالماسلىق ھەم  
بىر ئازابقا بولدۇم مۇيەسسەر .
كۈزدەك گۈزەل غېرىب قەلبىمدە  
ياشاپ كەلدىم يەنىلا قەيسەر .
ئۇنتالمايمەن  
ئۇنتۇش ئۈچۈن يازغان شېئىرنىڭ  
ئەسلىمىدۇر تۇنجى مىسراسى .
بەختلىكمەن دېگىنىم يالغان  
كۈلكەمدە بار ياشنىڭ ئىزناسى .
ئۇنتالمايمەن  
غەمكىن كۈلۈپ ياتقان غازاڭنىڭ  
گۈللۈكىدە تۇرغان باھارنى .
ئۇنتالمايمەن ھامان بىر كۈنى  
مەن ئۈچۈنلا ياغقان ئاق قاردا  
سېنىڭ كۈلۈپ كېلىشلىرىڭنى .
ئوماق قىزچاق سەن بارمۇ يوقمۇ  
كىملىكىڭنى بىلمەيمەن تېخى .

يالغۇزمۇ سەن نا تونۇش ئەركەم ؟
قۇياش پارلاپ تۇرغان دۇنيادا  

ھېچكىم يالغۇز قالمايدۇ جەزمەن .
1990-يىل 10-ئاي
«بويتاق شائىرنىڭ مەخپىيىتى » دىن ئېلىندى

قولۇڭدىن كېلىشىچە باشقىلارغا ياخشىلىق قىل .
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-22 07:30, Processed in 0.153809 second(s), 33 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش