پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2360 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 74|ئىنكاس: 3

دوستلارغا سۆز[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوقلىما
38
قىزغىنلىق
761 سەر
تىللا
346 دانە
تۆھپە
479 سەر
شۆھرەت
660 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 19:24:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

دوستلارغا سۆز

ئابدۇقادىر جالالىدىن

شۇنچە يىل مىسرالارنى يېزىپ باقتىم،
بىر سۆز بار تېخى ئۇنى يازالمىدىم.
قانچىلاپ لۇغەتلەرنى قېزىپ باقتىم،
لاھىيە، بىر تەۋسىپنى تاپالمىدىم.

تەۋەككۈل قىلىپ شۇنچە ئېزىپ باقتىم،
بىتەلەي بولۇپ چىقتى ئازغۇنلىقىم.
دوست ئىزدەپ سورۇنلارغا بېرىپ باقتىم،
بىلىندى ئادىمىيلىك يالغۇزلىقىم.

ھېچكىمنىڭ خىيالىغا كەلمەيدۇ ئاي،
ئاۋات بىر ئاستانىنىڭ ئاسمىنىدا.
پەسىللەر كېلىپ كەتسە قالدىم تۇيماي،
دەرەخلەر رەستىلەردىن قاچقىنىدا.

چاچلىرىم قىرو بولدى ئوقىيالماي،
قولۇمغا ئېلىپ يوچۇن ئېلكغەبەنى.
ھەسەلنى ھەجىلەپلا يۈردۈم تىنماي،
تىلىمدىن قېچىپ كەتتى ھەسەل تەمى.

ئانا يەر غازاڭلارغا دېدى نىمە،
شاخلاردىن كۆزى قىيماي تۆكۈلگەندە.
شائىرنىڭ يۈرىكىدە قالار زىدە،
دىگەندەك دىمەي قەددى پۈكۈلگەندە...

يازغۇچىلار مۇنبىرى دىن ئېلىندى

قولۇڭدىن كېلىشىچە باشقىلارغا ياخشىلىق قىل .

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
765 سەر
تىللا
93 دانە
تۆھپە
549 سەر
شۆھرەت
658 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىھەمكارداشپوتوشوپ ئۇستىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 20:09:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ شىئىرلىرىغا مەن بەك ئامراق، ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن.

سەن سۆيمىسەڭ ھېچ گەپ ئەمەس، ئەل سۆيمىسە ھالىڭ خاراب.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
8588 سەر
تىللا
4841 دانە
تۆھپە
5737 سەر
شۆھرەت
6402 سەر

ئاتامان

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 23:35:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ بۇ ئۇستازنىڭ نۇتۇقىنى ئاڭلىغاندىن بېرى ياقتۇرۇپ قالدىم ~بۇ ئۇستازنى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
907 سەر
تىللا
198 دانە
تۆھپە
446 سەر
شۆھرەت
533 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-3 18:56:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەنمۇ ئادەمنى ھاياجانغا سالىدىغان ياىشى شىئېرنى تاللاپسىز....ياخشى ئەسەرلەرنى تاللاش، بايقاشۋە ئۇنى ئوقۇش بىر ياىشى ئۇستازغا ئېرىشكەنلىك بىلەن باراۋەر.        سڭزگە كۆپ رەھمەت...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-22 07:02, Processed in 0.142859 second(s), 33 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش