- تىزىملاتقان
- 2011-6-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-5-5
- ھوقۇقى
- 150
- جۇغلانما
- 2455
- نادىر
- 17
- تېما
- 93
- يازما
- 137
 
- يوقلىما
- 11
قىزغىنلىق- 662 سەر
تىللا- 555 دانە
تۆھپە- 354 سەر
شۆھرەت- 43 سەر
  
| 
 تەيۋەن «مەركىزى ئاگېنتلىقى خەۋىرى»گە قارىغاندا ، ئەنگىلىيىلىك 13 ياشلىق قىزچاق بىرخىل غەلىتە كېسەلگە گىرىپتاربولغان بولۇپ ، ئېلېكترستاتىكقا بولغان زىيادە سېزىمچانلىقى ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەن . دوختۇر ئۇنىڭغا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ« ھەتتاكى چېچىنى تارىسىمۇ ھاياتىغا خەۋپ يېتىدىغانلىقى»نى ئېيتقان .
خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، قىز گىرىپتار بولغان بۇ كېسەل ئىنتايىن كەم ئۇچرايدىغان كېسەل بولۇپ ، ھەتتا بىر قېتىم چېچىنى تارىشىمۇ ، ياكى تۇتۇپ قويىشىمۇ ھەرۋاقىت ئۇنىڭ جېنىغا تاقىشىدىكەن . موگېن 6 - سىنىپ ۋاقتىدا بۇنداق كېسىلى بارلىقىنى تۇنجى قېتىم بىلگەن بولۇپ ، ئۇنىڭ ئاپىسى شارون قىزىنىڭ كېسەل قوزغالغان ۋاقتىنى سۆزلەپ :« مەن ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ چېچىنى تاراپ يېرىمىغا كەلگەندە ، ئۇ تۇيۇقسىز يەرگە يىقىلىپ چۈشتى ، قارىسام ئېغىزلىرى كۆكىرىپ كېتىپتۇ » دېدى .
بۇ خىل كېسەل قوزغالغاندا كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىپ ، تۇتقاقلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن . دېئاگنوزغا ئاساسلانغاندا بۇ خىل كېسەل دىئافراگما چۇقۇقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن . دىئافراگما چۇقۇقى موگېننىڭ يانچە ئىزولياتسىيە پەردىسىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغان بولۇپ ،ئاشقازىنى كۆكرەك بوشلۇقىغا تىشىپ كىرىپ ئۆپكەبوشلۇقىنى تارايتىۋەتكەن بولغاچقا ، بىر تاللا ئۆپكىسى بار ئىكەن .
ھازىر موگېن ھەركۈنى ئېلېكترستاتىكدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ ، چېچىنى تارىغاندىمۇ چوقۇم كارىۋاتتا يېتىپ ، ھۆل ھالەتتە تاراشقا كاپالەتلىك قىلغاندىلا كېسىلى قوزغالمايدىكەن .
|
|