پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2360 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 48|ئىنكاس: 1

رۇبائىيلار (ئەركىن داۋۇت ئوغۇزى)[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوقلىما
110
قىزغىنلىق
749 سەر
تىللا
46 دانە
تۆھپە
441 سەر
شۆھرەت
737 سەر

تىرىشچان ئەزادادىل ئەزا ئوردىنىمائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 11:29:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىل ۋاقىت ھەر نەرسىدىن قىممەت بولۇر،
ئەجىر قىلساڭ بال كەبى نىمەت بولۇر.
ئالسىمۇ بىر كۈن جىنىڭنى شۇم ئەجەل،
قالغىنى ئەلگە ئىجاد-مىھنەت بولۇر.

خۇش بولارمەن بىرسى جەڭگە چىللىسا،
كۆرسۈتۈپ ئەيىبىمنى پات-پات تىللىسا.
شۇ يوسۇنداياغدۇرۇپ تەنبىھ ماڭا،
نۇرلىنىپ خۇددى قۇياشتەك ئىللىسا.

كۈچ، ئەقىل ئەلەم سىرىنى پاش ئىتەر،
قۇدرىتى ئاسمانۇ ھەم يەرگە يىتەر.
بۇ ئەجەلنىڭ سىرىنى بىلمەي كىشى،
ئۇشبۇ ئالەمدىن ئۇزاپ بىر كۈن كىتەر.

يورغىلاپ بەك تىز ئۆتەر ئاي، يىل دىگەن،
شۇنچە نازۇك بۇ ھاياتتا دىل دىگەن.
دىلنى-دىلغا خۇددى زەنجىردەك چېتىپ،
يايرىتار ئىنساننى تاتلىق تىل دىگەن.

ئاي يۈزۈڭنى مەن كۆرەي ئاچ دىلبىرىم،
مىھرىبانلىق نۇرىنى چاچ دىلبىرىم.
بۇ ھايات سەيناسىدا غۇۋغا تولا،
ئوغرى، مەككاردىن يىراق قاچ دىلبىرىم.

سېنى چىن سۆيگەن گۈزەل جانان بولۇر،
نەدە بولسا سەن بىلەن بىر جان بولۇر.
چۈشسىمۇ دۈشمەن قولىغا ئۇ ئەگەر،
قىلما ئەندىش سىرلىرىڭ پىنھان بولۇر.

كۆرمىەەنلەر كۆرسە بەك ،ھەيران بولۇر،
ئىشقىدا گۈلنىڭ كۆيۈپ ۋەيران بولۇر.
يىغمىسا گەر نەپسىنى ئاچ بۆرىدەك،
ئىزگۈ-ۋىجداندىن يىراق شەيتان بولۇر.



مەنبە: تارىم ژورنىلى2002-يىل 8-سان

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4382 سەر
تىللا
1182 دانە
تۆھپە
2413 سەر
شۆھرەت
2839 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 13:28:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەركىن داۋۇت ئەپەندىنىڭ شېئىرلىرى شۇنداق ئېسىل جۇمۇ؟!
تىلى يۇمشاقىقى، ئەكس ئەتتۇرگەن مەزمۇنىنىڭ  چوڭقۇرلىقى بىلەن ئادەمنىڭ ئوقۇغانسېرى ئوقۇغۇسى كېلىدۇ.
يورغىلاپ بەك تىز ئۆتەر ئاي، يىل دىگەن،
شۇنچە نازۇك بۇ ھاياتتا دىل دىگەن.
دىلنى-دىلغا خۇددى زەنجىردەك چېتىپ،
يايرىتار ئىنساننى تاتلىق تىل دىگەن.

ئۆزى قىسقا، ئەمما مەزمۇنى چوڭقۇر. مۇشۇنداق ياخشى شېئىرلار بىلەن ئۇچراشتۇرغىنىڭىزغا كۆپ رەخمەت بۇرادەر.
كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-22 07:19, Processed in 0.145402 second(s), 32 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش