- تىزىملاتقان
- 2012-5-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-10-15
- ھوقۇقى
- 99
- جۇغلانما
- 2894
- نادىر
- 0
- تېما
- 67
- يازما
- 172
  
- يوقلىما
- 110
قىزغىنلىق- 749 سەر
تىللا- 46 دانە
تۆھپە- 441 سەر
شۆھرەت- 737 سەر
  
| ھەر گىيا ئۉندى: ئانا يەڭلىع قۇچاقلاپ سۆي، دىدى، ياكى يارىڭ مەن بولاي، ئىشقىڭعا باعلاپ سۆي، دىدى. بىر ۋەھىي كەلدى ئەقىلدىن، ئاتتى تەنتەكلىككە ئوق، بار گىياھلاردا تىكەن، سۆيسەڭ ئاۋايلاپ سۆي، دىدى. مەيلى قونساڭ قايسى شاحقا، باع سءنىڭ ئىلكىڭدىدۇر، ئايلىنىپ كاككۇكقا ياكى تاڭدا سايراپ سۆي، دىدى. بۇ ئانا تۇپراقتىن ئۆزگە بىز ئۉچۉن نە بار ئءزىز، جان چىقار ھالەتتە گەر ياتساڭمۇ يايراپ سۆي، دىدى. بارچە ئاشىقلار سءنىڭ ئىشقىڭعا ھەيران ئەيلىسۇن، بارچە مەشۇقلارنى شۇ ئىشقىڭدا قايناپ سۆي، دىدى. تاللىماق بولساڭ ئەگەر مەيلىڭنى ئالعانلار ئارا، ئئەڭ قەدىردانىڭ بىلىپ ، دءھقاننى تاللاپ سۆي، دىدى. تاع تەكەببۇرلار ئۉچۉن ئۆرنەك ئەمەس، ھەم سۆي ئۇنى، چۆلنىمۇ كەلكۉن كەبى مىھرىڭدە يايراپ سۆي، دىدى. كىمنى سۆيسەڭ سۆي، لىكىن يالعان سۆيۉشتىن نىرى بول، سەن ئۆزۉڭنى سۆيگۉدە پەرۋانە چاعلاپ سۆي، دىدى. سەن تۇرۇپتۇر، مەشۇقۇم، ئاۋال ئانامنى بىر سۆيەي، ئانىلار ھەقلىق ئاڭا، ئەمما ھالاللاپ سۆي، دىدى. |
|