- تىزىملاتقان
- 2011-11-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-10-22
- ھوقۇقى
- 150
- جۇغلانما
- 16792
- نادىر
- 12
- تېما
- 382
- يازما
- 1534
 
- يوقلىما
- 228
قىزغىنلىق- 4382 سەر
تىللا- 1182 دانە
تۆھپە- 2413 سەر
شۆھرەت- 2839 سەر
          
| دوستلارغا يۇمۇر

ئادمىن ئەپەندى سوتچى بۇلۇپ يۈرگەن مەزگىلدە ئۇنىڭ ئالدىغا بىر جۈپ ئەر-خۇتۇن ئاجرىشىشنى ئىلتىماس قىلىپ كەپتۇ. ئادمىن ئەپەندى بۇ بىر جۈپ ئەر-خۇتۇننىڭ نىكاھدىن ئاجرىشىش ھۆكۈمىنى چىقىرىىپ بولغاندىن كىيىن، ئۇلارنىڭ بەش ياشلىق ئوغلىدىن سوراپتۇ: _ سەن قايسى تەرەپتە تۇرۇشنى خالايسەن؟ _ كومپىيوتېر بىلەن تېلىۋوزورنى قايسى تەرەپكە بۇيرۇپ بەرگەن بولسىڭىز، مەن شۇ تەرەپتە تۇرۇشنى خالايمەن-دەپتۇ ئوغلى.

شام ئەپەندى مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى بۇلۇپ ئىشلەۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە، دەرس ئۆتۈۋېتىپ، بىر ئوقۇغۇچىدىن سۇراپتۇ: - ئوغلۇم، ئەرلەرنىڭ يۇقۇرى ئاۋازى دىگەن نىمە؟ تۆۋەن ئاۋازى دىگەنچۇ؟ ئۇ ئوقۇغۇچى ھېچقانچە ئويلانمايلا: -دادامنىڭ ئاپامغا ۋاقىرىشى ئەرلەرنىڭ يۇقۇرى ئاۋازى، دادامنىڭ مەكتەپ مۇدىرىغا گەپ قىلىشى ئەرلەرنىڭ تۆۋەن ئاۋازى- دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ.

بىر كۈنى يانارتاغ ئەپەندى ئالتە بالىسىنى ئېلىپ پويىزغا چىقىپتۇ، بالىلار شوخلۇق قىلىپ ئەتراپتىكى يولۇچىلارغا زادى ئاراملىق بەرمەپتۇ. ئۇلارنىڭ قىيا-چىياسىغا بەرداشلىق بېرەلمىگەن بىر يولۇچى يانارتاغ ئەپەندىگە: _يولغا چىققاندا ھىچ بولمىغاندا بالىلارنىڭ يېرىمىنى ئۆيگە قويۇپ قويسىڭىز بولمامدۇ!_ دەپ ئاغرىنىپتۇ . _بۇنى قانداق بىلىۋالدىڭىز، ئەپەندىم؟ مەن باشقىلارغا دەخلىسى بولارمىكىن دەپ ئەنسىرەپ، بالىللىرىمنىڭ يېرىمىنى ئاپىسى بىلەن بىللە ئۆيدە قويۇپ قويغان ئىدىم ،_دەپتۇ يانارتاغ ئەپەندى تەئەججۈپلەنگەن ھالدا.

بىر كۈنى زەپەر ئەپەندى ماشىنا ھەيدەپ كېتىۋېتىپ، قارشى تەرەپتىن كېلىۋاتقان ئۈمۈت ئەپەندىمنىڭ ماشىنىسىغا سوقۇلۇپ كېتىپتۇ. ئۇلار ماشىنىلىرىدىن چۈشۈپ، قاتناش ساقچىسىنىڭ كىلىپ بۇ ئىشنى بىر تەرەپ كىلىشىنى كۈتۈپ تۇرۇپتۇ. ئارىدىن زەپەر ئەپەندى ماشىنىسىنىڭ ئارقا ساندۇقىدىن بىر بوتۇلكا پىۋىنى ئېلىپ ئۈمۈت ئەپەندىگە سۇنۇپتۇ ۋە: _ كەل ئاغىينە، بۇنى ئىچىپ تىنىچلىنىۋالغىن،_ دەپتۇ. ئۈمۈت ئەپەندى ئىككى يۇتۇم ئىچكەندىن كېيىن، زەپەر ئەپەندىدىن: _ سەن ئىچمەمسەن؟- دەپ سوراپتۇ. _ مەن ساقچى كىلىپ، قېنىمنى تەكشۈرۈپ بولغاندىن كىيىن ئىچەي ،_ دەپتۇ زەپەر ئەپەندى.

گۈلزار خانقىز ناھايىتى سەمرىپ كېتىپتۇ، ئورۇقلاشنىڭ ھەر خىل ئاماللىرىنى قوللىنىپمۇ، ھىچقانداق ئۈنۈمىنى كۆرەلمەپتۇ. يېقىندىن بىرى ئۇ تېىخىمۇ سەمرىپ كىتىپ، كىيىملىرى پاتمايلا قاپتۇ. بىر كۈنى ئۇ ئىرىگە ئاغرىنىپ مۇنداق دەپتۇ: _نەۋرىلىك بولۇپ قانچە سەمرىسەممۇ ، ھىچكىم ئېغىر ئالمىسا نىمە دىگەن ياخشى بولاتتى _ ھە؟ _ئۇ چاغدىمۇ ئېغىر ئالىدىغانلار چىقىدۇ ؟_ دەپتۇ ئىرى. گۈلزار خانقىز ئېرىدىن: _ كىم چىقىدۇ؟_ دەپ سورىغان ئىكەن، ئېرى: _ نەۋرەڭنىڭ بوۋېسى _ دەپتۇ.

ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە قىزغىن مۇھاببەتلىشىۋاتقان كارول ئەپەندى دادىسىدىن پۇل سوراپ مۇنداق دەپ خەت يېزىپتۇ : _ قەدىرلىك دادا: ئەگەر مىنى ياخشى كۆرسەڭ. ماڭا 50 يۇئەن ئەۋەتىپ بەر. مەن ئۇ پۇلغا بولغۇسى خۇتۇنۇم بىلەن ئىككىمىز تويلۇق سۆرەتكە چۈشۈپ، ساڭا ئەۋەتەي دىگەن ئىدىم _ دەپتۇ. بۇ خەتنى كۆرگەن دادىسى مۇنداق جاۋاپ خەت يېزىپتۇ: _ بالام: ساڭا 20 يۈەن ئەۋەتەي، سەن ئاشۇ بولغۇسى خوتۇنۇڭنىڭ سۆرىتىنىلا ئەۋەتكىن، سىنىڭ ئەپتىڭ ماڭا بەش قولدەك ئايان، سۆرىتىڭنى ئەۋەتمىسەڭمۇ بولىدۇ _ دەپتۇ.

ئالىم ئەپەندىنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرى. بىر كۈنى ئالىم ئەپەندى دەرس ۋاقتىدا ئۇخلاپ قاپتۇ. بۇنى كۆرگەن مۇئەللىم تېرىكىپ ئۇنى مۇنبەرگە چىقىرىپ سوئال ئىشلەتكۈزۈپ تازا تىللىماقچى بوپتۇ. ئۇ ئەمدىلا ئورنىدىن تۇرۇشىغا، مۇئەللىم سۆزلەپ كېتىپتۇ: - نەتىجىسى ناچار تۇرۇپ، دەرس ۋاقتىدا خىجىل بولماي ئۇخلاپ كەتكىنىنى ..... ئالىم ئەپەندى گەپمۇ قىلماي مۇنبەرگە چىقىپ، مەسىلىنى ئىشلىۋېتىپ ، ئورنىغا قايتىپ كەپتۇ - دە، مۇئەللىمگە: - مەن ئۇخلىۋالاي، چۈشەنمىسىڭىز يەنە سوراڭ-ھە_ دەپ قويۇپ يەنە ئۇخلاپ كېتىپتۇ.
 بىر كۈنى ئەسرار ئەپەندىنىڭ خوتۇنى ئۇنىڭدىن نارازى بۇلۇپ مۇنداق دەپتۇ: - قاراڭ، ئىككىمىز مۇھەببەتلىشىپ يۈرگەن چاغلاردا سىز ماڭا: ‹‹ئەگەر ماڭا تەگسىڭىز، ئاسماندىكى ئاينىمۇ ئېلىپ بېرىمەن›› دېگەنىدىڭىز، مانا سىزگىمۇ تەگدىم ، قېنى ماڭا ئۈزۈپ بەرمەكچى بولغان ئاي؟ - ماڭا قارا خوتۇن، ئاي دېگەن كەچتە چىقىدۇ، لېكىن سەن مېنى كېچىدە تالاغا چىققىلى قويمىساڭ، مەن ساڭا قايسى ئاينى ئۈزۈپ بېرىمەن؟- دەپتۇ ئەسرار ئەپەندى.
 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئامان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-2 15:06
|
|