پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2360 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 83|ئىنكاس: 3

قىزىمغا سۆز[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوقلىما
38
قىزغىنلىق
761 سەر
تىللا
346 دانە
تۆھپە
479 سەر
شۆھرەت
660 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-1 20:47:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

قىزىمغا :

كەۋسەر

مۇڭغا ھەمراھ غېرىب كۈلبەمگە ،
كىرىپ كەلدىڭ سۆيۈملۈك قىزىم .
شۈكرى ئاللاھ مەرھەمىتىڭگە ،
ياشناپ تۇرار ئەمدى يىلتىزىم .

نەچچە يىللار ئۆتتى كۈتۈشتە ،
تەسەللىگە زورلاپ سۈكۈتتە .
ھەر كۈن پارلاپ چىقسا شەرقتىن ،
ئۈزۈلمىگەن شېرىن ئۈمىدتە .

بىلسەم ئەسلى بۇ ھاياتلىقنىڭ ،
چىن مەنىسى پەرزەنىتتە ئىكەن .
قارا تۇپراق ئالسا قوينىغا  ،
ئىزلىرىڭغا تېرىلار تىكەن .

قىزىم سېنىڭ كۈلۈشلىرىڭدىن ،
نېمىنىدۇر دېيىشلىرىڭدىن .
جان سۈيۈنەر ياشىرىپ ھەر ۋاق ،
شۇنچە تاتلىق قىلىقلىرىڭدىن .

بەلكى ئانام مېنى ئارزۇلاپ  ،
ئەركىلەتكەن خۇددى سېنىڭدەك .
ئانا ئەجرى تاغلارغا مىسال ،
پەرزەنتىگە يۆلەنچۈك-تىرەك .

قىزىم ساڭا تىلەيمەن ئىنساب ،
مېھرى-ۋاپا ، سەمىمىي ئەخلاق .
يۇقاتمىغىن غۇرۇر-ئىماننى ،
يوللىرىڭدا بولمىغاي توساق ...

مەنبە-ئۆزۈم

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىقىزغىنلىقتىللاتۆھپەشۆھرەتيىغىشسەۋەبى
ئامان + 5 + 5 + 5 + 5بارىكاللار تېرىشىڭ!

ھەممە باھا نومۇرى : قىزغىنلىق + 5 تىللا + 5 تۆھپە + 5 شۆھرەت + 5  باھا خاتىرىسى

قولۇڭدىن كېلىشىچە باشقىلارغا ياخشىلىق قىل .

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
907 سەر
تىللا
198 دانە
تۆھپە
446 سەر
شۆھرەت
533 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-1 21:49:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسلمۇ ئەلەيكۇم كەۋسەر ئەپەندىم، ياخشىمۇ سىز؟ پەرزەنتلەر ئائىلىنىڭ بەختى،جەمىيەت ۋە دۆلەتنىڭ كەلگۈسى ئىگىللىرى. ئۇلارسىز ھايات شاتلانماس، ئۈمۈتلەر،ئارزۇلار داۋان ئاشماس...   
سىز بۇتىمىنى ھەقىقى ھىسيات بىلەن يۇرۇتۇپ بېرىپسىز .يۈرەكلەرنى لەرزىگە سالدى، پەرزەنت ئىشقى يەنە تۇتاشتى.

ئىجات تۇلپارىڭىز مەڭگۈ ھرمىغاي......

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
761 سەر
تىللا
346 دانە
تۆھپە
479 سەر
شۆھرەت
660 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-1 22:20:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قوللىغىنىڭلارغا كۆپتىن-كۆپ تەشەككۈر ئەزىزلەر .
قولۇڭدىن كېلىشىچە باشقىلارغا ياخشىلىق قىل .

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4382 سەر
تىللا
1182 دانە
تۆھپە
2413 سەر
شۆھرەت
2839 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 13:50:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىزىم ساڭا تىلەيمەن ئىنساب ،
مېھرى-ۋاپا ، سەمىمىي ئەخلاق .
يۇقاتمىغىن غۇرۇر-ئىماننى ،
يوللىرىڭدا بولمىغاي توساق ...

مانا بۇ بىر ئاتىنىڭ ئەۋلادىغا دىيىشكە ۋە تاپىلاشقا تېگىشلىك يۈرەك سۆزى. ھەم قىسقا، ھەم مېغىزلىق. بۇ سۆزگە ئاتىنىڭ ئۆز ئەۋلادىغا، مىللىتى ۋە خەلقىگە بولغان يۈكسەك دەرىجىدىكى مەسئۇلىيەتچانلىقى مۇجەسسەملەنگەن.
رەخمەت سىزگە، مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك، نادىر شېئىرلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىغاي!
كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-22 06:34, Processed in 0.152387 second(s), 34 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش