پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2360 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 205|ئىنكاس: 3

ئادەمنى بۈيۈكلۈككە يېتەكلەيدىغان 20 خىل مەۋھۇم كۈچ[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 8Rank: 8

يوقلىما
228
قىزغىنلىق
4382 سەر
تىللا
1182 دانە
تۆھپە
2413 سەر
شۆھرەت
2839 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-1 20:15:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئادەمنى بۈيۈكلۈككە يېتەكلەيدىغان 20 خىل مەۋھۇم كۈچ




مەۋھۇم كۈچ يەنە « يۇمشاق كۈچ» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. «قاتتىق دېتال» دەپ ئاتىلىدىغان ئوبيېكتىپ كۈچنىڭ رولى ئادەتتە ئۈنۈملۈك بولىدۇ. لېكىن ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغىنى يەنىلا مەۋھۇم كۈچتۇ. بۇ خىل كۈچ ئادەم ئىشەنچ بېغشلايدۇ. قېنى، تۆۋەندىكىلەرنى ئوقۇپ ئۆزۈڭنىڭ زادى قانداق مەۋھۇم كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىڭگە ھۆكۈم قىلىپ باق:


بىرىنچى، ھەرىكەتچانلىق: ھەرىكەت بولمىسا نەتىجىمۇ بولمايدۇ. ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇلمىغان پىلان ۋە پۇرسەت ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدۇ. ھەرىكەتچان ئادەم ئۆزىنى ھەرىكەتكە ۋە مەسىللەرنى ھەل قىلىشقا ئېتىپ تۇرىدۇ؛ ھەتتا يوچۇن ۋە قىيىن مەسىللەر ئالدىدىمۇ تۈگۈلىۋالمايدۇ.


ئىككىنىچى، نىشان: نىشانىڭ ئېنىق بولسا، ئاشۇ نىشانىڭنى  ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن زارىقىسەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ۋۇجۇدۇڭدىكى يالقۇن سېنى يېڭى-يېڭى خىرىسلارغا ئۆزۈڭنى ئېتىپ يېڭى-يېڭى مۇۋاپىقىيەتلەرنى قازىنىشقا ئۈندەپ تۇرىدۇ.


ئۈچۈنچى، ئالدىن كۆرەرلىك: دۇنيادا ئاتالمىش «ھازىرى ھالەت» دېگەن نەرسە مەۋجۇت ئەمەس. ئىلگىرىلىگىلى بولمىسا چېكىنىدىغان گەپ. چۈنكى بىزگە كېرىكى، تەلپۈنۈش ۋە كېلەچەك. ئالىدىن كۆرەر ئادەم، ئەتىنىڭ مەنزىرسىنى بۈگۈن كۆرەلەيدۇ.


تۆتىنچى، ئانالىز كۈچى: ئانالىز كۈچى:  ئادەمنىڭ كۈندە دېگۈدەك تاللشى ۋە ھۆكۈم قىلىشغا توغرا كېلىدۇ. چۈنكى مەسىلە كۆرۈلگەنىكەن ئۇنىڭ توغرا ياكى خاتالىقىغا ھۆكۈم قىلىپ، ئۇنىڭ باشقا مىلىلەر بىلەن بولغان ئىچكى باغلىنىشى ۋە ئۆز ئارا تەسىرىنى تەھلىل قىلىپ، ئۇنىڭ نېگىزلىق سەۋەبىنى تېپىپ چىقىدىغان گەپ.


بەشىنچى، پىلانچانلىق:  پەقەت كۆڭلىڭدە ئېدىتلىق پىلان تۇرغۇزالىغان ئادەم مۇرەككەپ ۋەزىيەت ۋە كۈچلۈك خىرسىلار ئالدىدا، ئەھۋالىنى ئەتراپلىق ئىگىلەپ، ماھىرلىق بىلەن جانلىق ئىش كۆرۈپ، مەسلىنى ئاسان ھەل قىلىشنىڭ ئامىلىنى تېپىش ئارقىلىق، ئەڭ ئۈنۈملۈك لاھىينى تۈزۈپ يولغا قويالايدۇ.


ئالتىنچى، تەسەۋۋۇر:  تەسەۋۋۇر- كىشلىك ھاياتنىڭ گۈلىستانى، پۈتمەس-تۈگىمەس بايلىقى. تەسەۋۋۇرغا باي ئادەم –چارە تەدبىر ۋە مەسلىھەت«ئىشلەپچىقىرىش» نىڭ بازىسى؛ يېڭىلىق يارىتىش قۇشۇنىنىڭ ئاۋانگارتلىرىدىن. بۇ خىل كىشىلەردە ھاياجانلىق ھېس-تۇيغۇ ھالقىپ تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىشلارنى بىۋاستە سەزگۈ ۋە جاسارىتىگە تايىنىپ قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەرىكىتى كونكىرېت ۋە پۇختا بولىدۇ.


يەتتنچى، ماسلىشىشچانلىق:  تۇيۇقسىز تەلەپ ۋە تاساددىپىي ئوڭۇشىسىزلىقلارغا دۇچ كېلىپ تۇرىمىز. بۇنداق چاغلاردا ماسلىشىشچانلىقى  كۈچلۈك كىشىلەر ھۇدۇقۇپ، تەمتىرەپ كەتمەي، ئۇنىڭغا لايىقىدائىنكاس قايتۇرالايدۇ.


سەككىزىنچى، سىردىشىشچانلىق:  ئادەتتە مەززىسىز تۇيلىدىغان بىرەر ئۇقۇمنى جانلىق بايان قىلىپ، شۇ ئارقىلىق باشقىلارنىڭ يۈرەك تارىنى چېكەلەمسەن؟ ئادەتتكىچە بىر ھېكايىنى ناھايىتى قىزىقارلىق سۆزلەش ئارقىلىق ئاڭلىغۇچىلارنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرالامسەن؟ دېگەنلىرىڭنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيدىغانلارنى ئوبرازلىق تىلىڭ ئارقىلىق تەسىرلەندۈرەلەمسەن؟ سىردىشىشقا ماھىر كىشىلەر شۇنداق قىلالايدۇ.


توققۇزۇنچى، كىشلىك ئالاقە ئىقتىدارى:  ئالاقىگە ماھىر كىشىلەر باردى-كەلدىدە، قارشى تەرەپنىڭ ئەھۋالىنى چۈشىنش مەقسىتىدە باشقىلارغا تەبئىي ۋە قىزغىن مۇئامىلە قىلىدۇ، ئىشىنىدۇ. بەزىدە باشقىلار بىلەن بەكىرەك يېقىن بولۇپ كەتكەندە ئويلىمىغان خەۋپ-خەتەرلەرنىڭ كېلىپ قالىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ، لېكىن بۇ خىل خەۋپ-خەتەرگە دادىل يۈزلىنەلەيدۇ.


ئونىنچى، رىقابەت كۈچى:  رىقابەتچانلىق كىشلەر ئادەتتە خوجايىن بولۇش ئىستىكى بىلەن باشقىلارغا ئۆزىنى سېلىشتۇرىدۇ؛ رىقابەتتىن روھىي مەدەت تاپىدۇ. رىقابەتكە چۈشكەن ھامان تىرشىپ-تىرمىشىپ ئۇتۇپ چىقىدۇ. ئادەتتىكى ئىشلاردىمۇ ھەم شۇنداق.


ئون بىرىنچى، ھېرىسمەنلىك:  بۇ خىل كىشىلەرنىڭ خىسلىتى ئادەتتە تاشقىي كېسەللىكلەر دوختۇرلىرىنىڭكىگە ئوخشايدۇ. ئۇلار نىشاننى توغرا بېكىتىشكە ناھايتى ماھىر بولۇپ، ھەمىشە ئىشنى بېكىتۋالغان نىشاننىڭ ئەڭ ھالقىلىق يېرىدىن باشلىيالايدىغانلىقى ئۈچۈن، ھەرگىزمۇ ۋاقىت ۋە زېھىنىنى ئىسراپ قىلىمايدۇ.


ئون ئىككىنچى، تەپەككۇر ئىقتىدارى:  تەپەككۇر ئىقتىدارى كۈچلۈك كىشىلەر ئادەتتە ھەرگىزمۇ يالغۇسراپ قالمايدۇ؛ يېگانىلىقتىن قورۇقمايدۇ. ئۇلار تەپەككۇر قىلىشتىن شادلىق تاپىدىغان بولغاچقا، ھەتتا شاۋقۇن-سۆرەنلىك سورۇنلاردىمۇ دىققىتنى ئۆزى ئويلىنىۋاتقان نوقتىغا يىغالايدۇ.


ئون ئۈچۈنچى، ئۆگىنىش ئىقتىدارى:  ئۆگىنىشكە ئامراقمۇسەن؟ ئۆگىنىشكە ئامراق كىشلەر ئادەتتە ئىلىم ئىگىلەشكە تەبىئيىلار ئىنتىلىپ تۇرىدۇ؛ ئۆگەنگەن مەزمۇنلار بىلەن ئۆگىنىش نەتىجىسى ئۇلارنىڭ ھاياجانغا سالسا، ئۆگىنىش جەريانى ئۇلارنى شادلىققا چۆمدۈرەلەيدۇ.


ئون تۆتىنچى، ئىستراتېگىيە:  ئۆزۈڭدىن ھەردائىم « ناۋادا نېرى-بېرى ئەھۋاللار كۆرۈلۈپ قالسا قانداق بولار؟» دەپ سوراپ تۇرامسەن؟ بۇ دەل مەسىلىلەرنى ئىستراتېگىيە نوقتىسىدىن تەھلىل قىلىدىغانلارنىڭ  ئادىتى. بۇنداق ئادەملەر ئادەتتە خىلمۇ خىل ئاقىۋەتلەرنى پەرەز قىلىپ باقىدۇ؛ تۈرلۈك مۇساپىلەرنىڭ يۆنلىشىنى ئېنىق پەرىق ئېتىپ، ئۇنىڭغا توختاۋسىز ئىكاس قايتۇرۇش ۋە شۇ ئاساستا يېڭى-يېڭى پىلانلارنى تۈزۈش ئارقىلىق، ئاخىر ئەڭ پايدىلىق لاھىيىنى تۈزۈپ چىقالايدۇ.


ئون بەشىنچى، ئېتقاد:  ئېتقاد- قىممىتىنىڭ يادروسى. ئۇ ساڭا كىشىلىك ھاياتنىڭ ئەھمىيتىنى تونۇتۇپ، ھەرىكىتىڭگە  تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۆزۈڭدىكى ھەرقانداق كۈچ-قۇدرەت كارغا كەلمەي قالغان چاغلاردا، سەندىكى ئېتقاد غايەت زور كۈچ-قۇدرەت سۈپتىدە ساڭا ھىمات بولالايدۇ.


ئون ئالىتنچى، تەلەپچانلىق:  تەلەپچان كىشلەر ئادەتتە ئۆزىنى تىزگىنلەش ۋە تەرتىپ-قائىدىلەرنى ۋۇجۇدقا چىقىرىششقا ماھىر كېلىدۇ؛ نازۇك ھالقا ۋە ئىنچىكە نوقتىلارغىغچە دىققەت قىلىپ، سەۋەنلىكتىن نەپرەتلىنىدۇ؛ ئۆز نىشانىغا قاراپ ھارماي-تالماي ئىنتىلىدۇ.


ئون يەتتىنچى، ئاكتىپچانلىق:  ئىجادىيەتكە باي، ئاكتىپ كىشىلەر ئادەتتە ئۈمىدۋار، مەرد، قىزغىن، زېھنى ئۆتكۈر كېلىدۇ؛ ئۆزىدىكى ھاياتى كۈچ  ئارقلىق ئەتراپىدىكەرنى تەسىرلەندۈرەلەيدۇ؛ ئوڭۇشسىزلىققا يۇلۇققان چاغلاردىمۇ ئىخلاسدىن قايىتمايدۇ.


ئون سەككىزنچى، مەسئۇلىيەتچانلىق:  مەسئۇلىيەتچانلىق- ئىشەنچ ۋە ئىناۋىتىڭنى ياراتقۇچى تۈپكىي ئەخلاق ئۆلچەملىرىدىندۇ. شۇڭا، چوقۇم لەۋزىڭدە تۇرۇشۇڭ، ۋەدە قىلغىنىڭ مەيلى چوڭ ياكى كىچىك ئىش بولسۇن ئۇنى چىن كۆڭلۈڭ بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇشۇڭ لازىم. ناۋادا لەۋزىڭدە تۇرالمىساڭ تاغاردا بىر باھانىلەرنى كۆرسىتپ ئۆزۈڭنى ئاقلىغىنىڭ بىلەن بىكار. شۇڭا ئونى باشقىچە ئامال بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ يولىنى تېپىشىڭ زۆرۈر.


ئون توققۇزىنچى، ئۆزىگە ئىشىنىش:  ئۆزىگە ئىشەنگەن ئادەم ئۆزنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە ھۆكۈمىگە تاغدەك ئىشەنچ بىلەن قارايدۇ. ئۇنداقلار ئۆزنىڭ ئىقتىدارلىق ئىكەنلىكگە ئىشىنىدىغانلىقى ئۈچۈن، خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىش ۋە يېڭى خىرىسلارغا ئۆزىنى ئېتىپ بېقىش ئارقىلىق، ۋەدىسنى ئەمەلدە كۆرسەتمەي قويمايدۇ؛ ئۆزىنىڭ قاراىغا ئىشىنىدىغانلىقى ۋە قانداق قىلىشنى بىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، باشقىلارنىڭ تەسىيلىرىگە ئالدىراپ ئىشنىپ كەتمەيدۇ.


يىگىرمىنچى، مۇكەممەللىك:  مۇكەممەل كىشىلەرنىڭ ئىستىلى ئادەتتە مۇنەۋەرلىككە ئىنتىلىش بىلەن خاراكتېرلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۆزىدىكى يېتەرسىزلىك ۋە ئاجىزلىق ۋەجىدىن مەغلۇپ بولۇپ كېتىشتىن نەپىرەتلىنىدۇ. شۇڭا ئۇلار تەربېيلىنىش ۋە ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق ئۆزدىكى ئارتۇقچىلىقلارنى جارى قىلدۇرۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ.


«ئۆزۈڭدىن ھالقى» ناملىق كىتابچە


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئامان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-1 21:18  

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىقىزغىنلىقتىللايىغىشسەۋەبى
admin + 5 + 2ئېسىل تېما!

ھەممە باھا نومۇرى : قىزغىنلىق + 5 تىللا + 2  باھا خاتىرىسى

كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ.

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
168 سەر
تىللا
30 دانە
تۆھپە
103 سەر
شۆھرەت
112 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 00:27:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسلىدىلا ئازراق تىرىشچانلىق كۆرسەتسەك ئۆزىمىزدە ھازىر بولىدىغان كۇچلەر ئىكەن بىراق بىزدىكى بىخۇتلىق ئۇلارنى بايقاشقا ئاجىزدۇر. سەگىتىپ قويغىنىڭىز ئۈچۈن رەھمەت.

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1498 سەر
تىللا
344 دانە
تۆھپە
1060 سەر
شۆھرەت
1156 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 10:47:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممە ئادەم ئازراقلا ئەستايدىل بولسا نۇرغۇن چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدۇ.
ياخشى تىما يوللاپسىز، رەھمەت سىزگە بۇرادەر،
قايسىڭلاردا بوۋاقلار پىسخولوگىيەسىگە ئائىت ئۇيغۇرچە ماتىرىيال بار؟

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
8588 سەر
تىللا
4841 دانە
تۆھپە
5737 سەر
شۆھرەت
6402 سەر

ئاتامان

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 11:37:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق ياخشى مەزمۇنلارنى يولاپ بىزىنىڭ ئۆزىمىزدىن ھالقىشىمىزغا ياردەم بەرگىنىڭزگە كۆپ رەھمەت
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-22 07:55, Processed in 0.144882 second(s), 34 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش