پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2360 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 98|ئىنكاس: 3

ئۇيغۇرلاردىكى پىسىخىك ئاجىزلىق- يۇرتۋازلىق[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 8Rank: 8

يوقلىما
228
قىزغىنلىق
4382 سەر
تىللا
1182 دانە
تۆھپە
2413 سەر
شۆھرەت
2839 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-1 00:17:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئۇيغۇرلاردىكى پىسخىك ئاجىزلىق- يۇرتۋازلىق


427689_1303183815vejI.gif


يۇرتۋازلىق ھەممە مىللەتتە بار بولغان ئىجتىمائى ئىللەت. مەدەنىيەت ساپاسى ئۆسكەن، مائارىپ پەن-تېخنىكا ۋە كارخانا باشقۇرۇش سەۋىيسى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن مىللەتلەردە ئاللىقاچان تۈگىگەن ياكى ئاجىزلاشقان روھى ئاجىزلىق.
يۇرتۋازلىق ئۇيغۇر جەمىيىتىدە ياشاۋاتقان چوڭ-كىچىك،ئەر-ئايال، ئەمەلدار- خىزمەتچى، زىيالى-ئوقۇغۇچى، سودىگەر-موللىنىڭ زور كۆپ قىسمىنىڭ پىسىخىكىسىدا چۇڭقۇر يىلتىز تارتقان.
    يۇرتۋازلىق پىسىخىكىسىدا ھەسەتخورلۇق گەۋدىلىك بولىدۇ. ئۇلار باشقا يۇرتلۇقلارنىڭ بىرەر ئىشنى قىلىپ  نەتىجە قازىنىشىدىن بەك قورقىدۇ. ئۇلارنىڭ نەتىجە يارىتىش ئىمكانىيىتىى تۇسۇش ئۈچۈن باھانە تېپىپ تۇسالغۇلۇق قىلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن چېقىمچىلىق قىلىش، تۆھمەت چاپلاش ھۈنىرىنى ئىشقا سېلىپ باشقۇرغۇچىلارنى كولدۇرلىتىدۇ.
    يۇرتۋازلار نەيرەڭۋاز كېلىدۇ. ئۇلار باشقا يۇرتلۇقلارنى ئالداپ-سىيلاپ ئۆزىنىڭ سىزىقىغا دەسسىتىشكە، ئۆزى ئۈچۈن كەتمەن چاپتۇرۇشقا تىرىشىدۇ. ھىيلىسى ئاقمىسا بىر ئۆرۈلۈپلا ئۆزىنىڭ ئەسلى قىياپىتىنى ئاشكارلاپ دۈشمەنلىىشىشكە ئۆتۈدۇ.
يۇرتۋازلار ئۇرۇشقاق كېلىدۇ. باشقا يۇرتلۇق قوشنىسى، ئىشدېشىغا ھەر ۋاقىت ئۇششۇقلۇق قىلىدۇ.
    ئومۇمەن يۇرتۋازلارنىڭ يۇرتۋازلىق پىسىخىكىىسى ئېرسىيەت، ئۇدۇملۇق داۋاملىشىدۇ. ئۇلار قانداق جايدا بولمىسۇن ئەخلاق، نىيەت، ئېتىقاد، غۇرۇر قاتارلىقلارنىڭ  ئۆزگىچە خارەكتىرلىنىشى بىلەن باشقا يۇرت ئادەملىرىدىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. ئۇلاردا ئېتىقادسىزلىق، كاززاپلىق، داپيۈزلۈك ، ئىككى يۈزلىمىلىك قاتارلىق پىسىخكىلىق ئىللەتلەر خۇي-ئۇدۇمغا ئايلانغان. بەزى يۇرتۋازلار ئۆزىنىڭ داپيۈزلىكىدىن يۇرتۋازلىقنى «يۇرتنى سۆيگەنلىك»دەپ چىرايلىق بېزىسە، بەزىلىرى بولسا ئەيمەنمەستىن ئۇنى «غۇرۇر» دەۋالىدۇ.
    يۇرتۋازلىق- مىللەتنىڭ ئۆملۈكى، بىرلىكى ۋە ئۇيۇشۇش كۈچىىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، ئىناقسىزلىق ئۇرۇقىنى چېچىپ، مىللەت ئەزالىرىدىكى قاششاقلىق ، چېچىلاڭغۇلۇق، روھى چۈشكۈنلۈك، بېكىنمىچىلىك، چەكلىمىلىكنى ئۇلغايتىدۇ. مۇشۇ سەۋەپلىك يۇرتۋازلىق پىسىخكىسى يامرىغان  ياكى باش كۆتۈرگەن مىللەتتە ئۆملۈك ۋە پىكىر بىرلىكى ئىنتايىن ئاجىز بولۇپ، كىشىلەر قۇمدەك چېچىلىپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مىللەت ئىچىدە باشقا پىسىخىك ئاجىزلىقلارنى پەيدە قىلىدۇ. بولۇپمۇ مىللەت ئەزالىرىنىڭ باشقۇرۇش، بويسۇنۇش پىسىخىكىسىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، بويسۇنغۇچىلاردا ئۆزگىچە بويسۇنماسلىق، باشقۇرغۇچىلاردا ئۆزگىچە رەھىمسىز بولۇشتەك پىسىخىك ھالەتنى  ۋە غەيرى ئىجتىمائى ئىللەتنى يېتىشتۈرىدۇ. ئېتىقات قۇرۇلمىسى جەھەتتە ۋەتەن، مىللەت ۋە غايە-ئېتىقادنى تۇيۇق يولغا باشلاپ، مىللەتنى خار-زارلىققا تاشلايدۇ.

مەنبە: تاشبالىق مۇنبىرى


427689_1303183878KqAV.gif

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئامان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-1 00:22  

كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ.

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4435 سەر
تىللا
1064 دانە
تۆھپە
2729 سەر
شۆھرەت
2913 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-1 10:43:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامان ئەپەندىم بەك ياخشى تىما يولللاپسىز .بۇ تىمىڭىزنى ئۇقۇپ چىقىپ مەن بەكللا چوڭقۇر تەسىرلەندىم . يۇرتىۋازلىق  باشقا مىللەتلەرگە قارىغاندا بىز ئۇيغۇرلاردا ئەڭ ئېغىر ساقلانغان بىر خىل ناچار ئىللەتلەرنىڭ بىرى . بىز يۇرتىۋازلىق قىلساق بىزنىڭ تەربىيەلىگەن ئۆسمۈرلىرىمىزمۇ ئەلۋەتتە يۇرتىۋازلىق قىلىدۇ.  شۇڭا بىز ئۇيغۇرلار يۇرتىۋازلىقتىن ئىبارەت بۇ خىل ئىللەتلەرگە قەتئى قارشى تۇرۇپ  ئۆز - ئارا ئىناق -ئىتىپاق ئۈتۈپ ئۇيغۇر مىللىتىمىزنىڭ بۇندىن كىيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن بىرلىكتە تىرشىشىمىز كىرەك .بۇ جەھەتتە ھازىردىن باشلاپ  ئۇقۇغۇچىلارغا بۇ جەھەتتىكى تەربىينى قاتتىق كۈچەيتىپ ئەپ بېرشىمىز لازىم . بەك ياخشى تىما يوللاپسىز رەخمەت . سىزگە.
ئوقۇتقۇچىلىق -قۇياش ئاستىدىكى ئەڭ شانلىق كەسىپ

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
2734 سەر
تىللا
435 دانە
تۆھپە
1669 سەر
شۆھرەت
1810 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-1 12:36:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزنىڭ پىسخىك جەھەتتىكى تېمىلىرىڭىزنى ئوقۇپ پىسخىلوگ بولۇپ قالاي دىدىم . باشقىلار چۇشنىشكە سورۇن ھازىرلاپ بەرگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت .  

Rank: 4

قىزغىنلىق
258 سەر
تىللا
16 دانە
تۆھپە
210 سەر
شۆھرەت
247 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-1 17:26:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز ئۇيغۇر مىللىتىدە بەك ئىغىر ،يۇرتۋازلىق تۇپەيلىدىن تارتىقان زىينىمىز ئەڭ ئىغىر ،رەھمەت سىزگە .
تامچە يىغىلسا كۆل تولۇر،دانچە يىغىلسا باداڭ تولۇر.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-22 07:41, Processed in 0.149927 second(s), 35 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش