پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2360 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 135|ئىنكاس: 6

يۇمۇرلاردىن ھۆزۇرلىنىڭ .[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوقلىما
126
قىزغىنلىق
2734 سەر
تىللا
435 دانە
تۆھپە
1669 سەر
شۆھرەت
1810 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 17:08:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                   
                                               يۇمۇرلاردىن ھۆزۇرلىنىڭ
                              
                                 213339jyrdmr9r2lpwnxcu.gif


     پىيەنچۈكنىڭ ئۆيىگە قايتىشى

   بىر پىيەنچۈك ھاراقنى جىق ئىچىپ قويۇپ يولدا دەلدەڭشىگىنىچە ئۆيىگە قاراپ مېڭىۋېتىپ، يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىر قىزچاقتىن سوراپتۇ:

   — بېشىمدا قانچا ھۇررەك بار ئىكەن؟

   ھودۇقۇپ كەتكەن قىز ئالدىراپلا:

   — ئۈچى باركەن، — دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ.

   — ھە، — دەپتۇ پىيەنچۈك، — يەنە تۆت ئىستولبىدىن ئۆتسەم ئاندىن ئۆيۈمگە يېتىپ بارالايدىكەنمەن!
                                          
                              r.gif



            پىخسىق ئادەم

      پوزۇر كىيىنگەن بىر كىشى ئاشپۇزۇلغا كىرىپ ، بىر قاچا سۇيۇقئاش بۇيرۇتۇپتۇ ، تاماق كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن چىنىدە بىر تال چىۋىننىڭ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ كۈتكۈچىگە دەپتۇ:
    — خانقىز، بۇ ئاشنى چىۋىن بىلەن تەڭ ئىچەمدىم؟
   — سۆلىتىڭىزگە قارىسا ئات تارتالمايدىكەن ، ئەمما تولىمۇ پىخسىق ئادەمكەنسىز، بىر تال چىۋىن قانچىلىك ئېشىڭىزنى ئىچىۋالاتتى!–دەپتۇ كۈتكۈچى پەرۋاسىزلا.

                            r.gif

                              
            ياخشى ئەر


   بىر ئەپەندى تۆت كوچا ئېغىزىدا يېشىل چىراغنىڭ يېنىشىنى كۈتۈپ تۇرغانىكەن، بىر تىلەمچى ماشىنا دېرىزىسىنى چېكىپتۇ:

   — ئەپەندىم، ئازراق سەدىقە بەرسىڭىز.

   ھېلىقى ئەپەندى ئۇنىڭغا بىرلا قارىۋەتكەندىن كېيىن، بىر تال تاماكا تەڭلەپتۇ:

   — مە، بۇنى ئال.

   — مەن تاماكا چەكمەيمەن، ئازراق پۇل بەرسىڭىزلا بولدى، — دەپتۇ تىلەمچى.

   — ئەمىسە ماشىنامدا پىۋا بار، ئازراق ئىچىپ قوي.

   — مەن ھاراق ئىچمەيمەن، ئازراق پۇل بېرىڭ.

   — مۇنداق بولسۇن: مەن سېنى ماجاڭخانىغا ئېلىپ باراي، پۇلنى مەن چىقىرىمەن، سەن قىمار ئوينايسەن، ئۇتۇۋالغان پۇل سېنىڭ بولسۇن.

   — مەن قىمار ئوينىمايمەن، ئازراقلا پۇل بەرسىڭىز بولدى.

   — ئەمىسە سېنى ھورداقخانىغا ئېلىپ بېرىپ تازا بىر تاماشا قىلدۇراي، پۇلى مەندىن.

   — مەن ئاياللارغا قانات سۆرىمەيمەن، ئازراق پۇل بەرسىڭىزلا بولىدۇ.

   — ئۇنداقتا، ماشىنامغا چىق. مەن سېنى قىز دوستۇمنىڭ يېنىغا ئاپىرىپ ئۇنىڭغا تاماكا چەكمەيدىغان، ھاراق ئىچمەيدىغان، قىمار ئوينىمايدىغان، ئاياللارغا قانات سۆرىمەيدىغان ياخشى ئەرنىڭ زادى قانداق بولىدىغانلىقىنى بىر كۆرسىتىپ قوياي.

                                r.gif


            توي قىلىش خىيالى
      يېڭى توي قىلغان بىر جۈپ ياش بولۇپ ، بىر كۈنى ئەر ئايالىغا دەپتۇ :
     — قەدىرلىكىم ، ئەتە بىر بويتاق دوستۇم ئۆيىمىزگە مېھماندارچىلىققا كەلمەكچى .
    — بۇ نېمە قىلغىنىڭىز ! ئۆينى تازىلىمىغىلى ئۈچ ئاي بولدى ، يۇيۇلمىغان قاچا–قۇچىلار ، كىر– قاتلار دۆۋىلىنىپ كېتىپتۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە باشقىلارنىڭ ئاغزىغا تېتىغۇدەك بىرەر قاچا ئاشمۇ ئېتەلمەيدىغان تۇرسام.
    — بۇلارنى ئوبدان بىلىمەن.
   — بىلىپ تۇرۇپ نېمە ئۈچۈن مېھمان چاقىرىسىز ئەمىسە؟
   — ئۇ ھاماقەت توي قىلىمەن ، دەپ ئالدىراپ بەكلا خۇشال بولۇپ كېتىۋاتىدۇ

                            213453zish1h9vp2nnzhz8.gif







بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   گۇلزار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-31 17:11  

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
726 سەر
تىللا
174 دانە
تۆھپە
587 سەر
شۆھرەت
644 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 17:10:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك قىززىق يۇمۇرلاركەن بۇ . بۇلۇپمۇ ئاخىرقىسى .....
بايقاش مۇنبىرىدىكى بىردىنبىر ئوردىنسىز-«ئىشەنچىلىك ئەزا»!

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1498 سەر
تىللا
344 دانە
تۆھپە
1060 سەر
شۆھرەت
1156 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 19:06:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرقىسى بەك قىزىقارلىق ئىكەنغۇ، كۇلۇپ ئۇچەيلىرىم ئۇزۇلۇپ قالاي دىدى،،،،،،،
قايسىڭلاردا بوۋاقلار پىسخولوگىيەسىگە ئائىت ئۇيغۇرچە ماتىرىيال بار؟

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
529 سەر
تىللا
107 دانە
تۆھپە
254 سەر
شۆھرەت
288 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 19:38:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەت كۈلۈۋەتتىم جۇما،راس دەيمەن.رەخمەت سىزگە گۈلزار خانىم ياخشى يۇمۇرلارنى نەدىن تىپىۋاتىسىزكى؟؟؟مەندىنمۇ جىق سۇرۇنغا بارامسىزنىمە؟چاقچاق جۇمۇ؟
ساڭا ياخشىلىق قىلغانغىمۇ ياخشىلىق قىل،يامانلىق قىلغانغىمۇ ھەم شۇنداق قىل.

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4382 سەر
تىللا
1182 دانە
تۆھپە
2413 سەر
شۆھرەت
2839 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 22:20:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن قىزىقارلىق يۇمۇرلار ئىكەن، ھاۋانىڭ دىمىق ئىسسىغىدا نادىر يۇمۇرلىرىڭىز ئارقىلىق كۈلكە ئاتا قىلغىنىڭىزغا كۆپ رەىمەت، گۈلزار خانقىز.
كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ.

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
2696 سەر
تىللا
1161 دانە
تۆھپە
1295 سەر
شۆھرەت
1408 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبايقاش مەلىكىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 23:23:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن قىزىقارلىق يۇمۇرلاركەن...

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4435 سەر
تىللا
1064 دانە
تۆھپە
2729 سەر
شۆھرەت
2913 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-1 00:30:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن قىزىقارلىق يۇمۇرلار ئىكەن،
ئوقۇتقۇچىلىق -قۇياش ئاستىدىكى ئەڭ شانلىق كەسىپ
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-22 06:33, Processed in 0.145796 second(s), 35 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش