- تىزىملاتقان
- 2012-5-23
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-10-22
- ھوقۇقى
- 100
- جۇغلانما
- 10345
- نادىر
- 3
- تېما
- 133
- يازما
- 944
  
- يوقلىما
- 126
قىزغىنلىق- 2735 سەر
تىللا- 435 دانە
تۆھپە- 1670 سەر
شۆھرەت- 1811 سەر
         
| سىز ساغلاممۇ؟
تۆۋەندىكى ئون نوقتىدىن سالامەتلىككە ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ.تېنىڭىزدە بىر نوقتا نورمال بولمىسا،دوختۇرغا ئەھۋالنى ئېنىق ئېيتىڭ؛ئىككى نوقتا نورمالسىز بولسا،مەلۇم بىر كىسەللىك بار بۇلىشى مۈمكىن؛ئۈچ ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق نوقتا نورمالسىز بولسا ،مەلۇم بىر كىسەللىكككە گىرىپتار بولىسىز. 1. بىر ئاي ئىچىدە بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىش – كېمىيشى ئۈچ كىلوگىرامدىن ئېشىپ كەتمىگەن بولۇش؛ 2. كۈندىلىك بەدەن تېمپىراتۇرىسىدىكى داۋالغۇش بىر گىرادۇستىن ئېشىپ كەتمىگەن بولۇش؛ 3. تومۇرنىڭ ھەر مىنۇتتا سوقۇشى72قېتىم ئۆپچۆرىسىدە بولغان بولۇش؛ 4. بالاغەتكە يەتكەن نورمال كىشىلەرنىڭ نەپەسلىنىشى مىنۇتىغا 16-20 قېتىم،نەپەسلىنىشى بىلەن يۈرىكىنىڭ سوقۇشىنىڭ قېتىم نىسبىتى 1:4 بولغان بولۇش؛ 5. كۈندىلىك يېيىلىدىغان تاماق 1-1.5 كىلوگىرام ئۆپچۆرىسىدە بولىدۇ،ئادەتتىكىچە مىقداردىن ئۈچ ھەسسە ئېشىپ كەتسە ياكى 3\1 دىن ئارتۇق ئازىيىپ كەتسە نورمالسىز بولغان بولىدۇ؛ 6. چوڭ تەرەت قەرەللىك،كۈنىگە 1 -2قېتىم بولغان بولۇش،ئۈچ كۈندىن ئارتۇق چوڭ تەرەت قىلمىسا ياكى بىر كۈندە تۆت قېتىمدىن ئارتۇق چوڭ تەرەت قىلسا نورمالسىز بولغان بولىدۇ. 7. بىر كچىدىكى سۈيدۈك مىقدارى 1500مىللىلىتىر ئۆپچۆرىسىدە بولىدۇئ2500مىللىلىتىردىن كۆپ بولسا ياكى 500مىللىلىتىردىن ئازىيىپ كەتسە نورمالسىز بولغان بولىدۇ. 8. بالاغەتكە يەتكەن ئاياللارنىڭ ھەيىز مەزگىلى 28كۈن ئەتىراپىدا بولىدۇ،15كۈندىن ئارتۇق ئىلگىرى سۈرۈلۈپ كەتسە ياكى كەينىگە سۈرۈلۈپ كەتسە نورمالسىز بولغان بولىدۇ. 9. كۈنىگە ئالتە-سەككىز سائەت ئەتراپىدا ئۇخلىيالىسا بولىدۇ،تۆت سائەتكە يەتمىسە ياكى ئۇيقۇدىن باش كۆتىرەلمەيدىغان بولۇپ قالسا نورمالسىز بولغان بولىدۇ. 10. كۈندىلىك خىزمەت ۋە ئۆگىنىشتە ھارغىنلىق ھىس قىلمايدىغان ئادەم ئەگەر نامەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۇدا بىر ھەپتە كۈندىلىك خىزمەت ۋە ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇرالمىسا نورمالسىز بولغان بولىدۇ.
 مەنبە :« ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى » بۇ يازمىنى ئاخىرىدا گۇلزار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-31 16:34
|
|