- تىزىملاتقان
- 2012-5-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-10-15
- ھوقۇقى
- 99
- جۇغلانما
- 2894
- نادىر
- 0
- تېما
- 67
- يازما
- 172
  
قىزغىنلىق- 749 سەر
تىللا- 46 دانە
تۆھپە- 441 سەر
شۆھرەت- 737 سەر
  
| ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ مۇھىم ژانېرلىرىنىڭ بىرى ھىساپلىنىدىغان فرازېئولوگىيىلىك سۆز- جۈملىلەر مۇئەييەن ئىدىيە ئىپادىلىگەن، مەزمۇنغا باي ، مەنىسى چوڭقۇر، تىلى ئۆتكۈر، ئاددى ۋە چۈشىنىشلىك، شەكلى تۇراقلىق، خەلىق تۇرمۇشى بىلەن چەمبەرچەس باغلانغان قىممەتلىك مىراسلارنىڭ جەۋھىرى بولۇپ، ئۇ كىشىلەرگە كۆپ تەرەپلىمە مەزمۇنلارنى ئومۇملاشتۇرۇپ يورۇتۇپ بىرەلەيدۇ ۋە ئۇلارنىڭ تىل قابىلىيىتىنى ئاشۇرىدۇ.شۇڭا فرازېئولوگىيەلىك سۆز- جۈملىلەرنى ئۆگىنىش ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەتقىق قىلىش دائىرسىدىكى مۇھىم بىلىملەرنىڭ بىرى. تىلدا مەلۇم سىنتاكسىسلىق قائىدىلەر بويىچە بىر-بىرى بىلەن بىرىكىپ، ئۇزاق ۋاقىت قوللۇنىش نەتىجىسىدە ،مەنا ۋە گرامماتىكىلىقباغلىنىش جەھەتتە تۇراقلىشىپ، بىر پۈتۈنلۈكنى ھاسىل قىلغان،جۈملە تەركىبىدە خۇددى بىر سۆزگە ئوخشاش رول ئوينايدىغان سۆزلەر توپى فرازېئولوگىيىلىك سۆز بىرىكمىللىرى دەپ ئاتىلىدۇ. فرازېئولوگىيىلىك سۆز بىرىكمىسى خۇسۇسىيەتلىرى جەھەتتە: ماقال، تەمسىل،تەمسىللىك ماقال ۋە ئىدىئوم دەپ تۆت تۈرگە بۆلىنىدۇ |
|