پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2356 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 130|ئىنكاس: 2

بالىلارنىڭ پىسخىكىسىنى تەڭشەش ئۇسۇللىرى[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 8Rank: 8

يوقلىما
227
قىزغىنلىق
4371 سەر
تىللا
1182 دانە
تۆھپە
2413 سەر
شۆھرەت
2839 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 13:43:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بالىلارنىڭ پىسخىكىسىنى تەڭشەش ئۇسۇللىرى


13_11_b7e015b1dfcde13.gif


بالىلارنىڭ پسىخىكىسىدىكى تۇراقسىزلىق مۇۋاپىق تەڭشەش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق ۋاقتىدا ھەل قىلىنمىسا، ئۇ بالىلارنىڭ خاراكتېرىدە ئېغىر دەرىجىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلىپ، بالىلارنى جىنايەت ئۆتكۈزۈش ۋە ئۆزىنى نابۇت قىلىش يولىغا سۆرەپ ماڭىدۇ . ئۇنىڭ كونكرېت ئالامەتلىرى : قايغۇرۇش، تەشۋىشلىنىش، بىئارام بولۇش، زىيادە سەزگۈرلۈك، ئۇيقۇسىزلىق، روھىي چۈشكۈنلۈك قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
بالىلارنىڭ پسىخىكىسىدىكى تۇراقسىزلىقنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى كۆپ تەرەپلىمىلىك بولۇپ، مۇھىم مەنبەسى يەنىلا ئائىلە تەربىيىسىدىكى نۇقسانلار، ئوقۇش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر بىلەن جەمئىيەتنىڭ تەسىرى، بەرداشلىق بەرگۈسىز بېسىم، تۈگىتىشكە ئامالسىز قالغان زىددىيەت، يوقىتىۋەتكىلى بولمايدىغان چەكلىمىلىكلەردىن ئىبارەت. بۇ خىل ئەھۋاللار بالىلارنىڭ پسىخىكىسىدا بەزىبىر تۇراقسىزلىقلارنى پەيدا قىلىپ، ئۆگىنىشئاكتىپچانلىقى ۋە ئىجادچانلىقىنى چەكلەپلا قالماستىن، ئۇلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ.
بالىلارنىڭ پسخىكىسىدىكى بۇنداق تۇراقسىزلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئاتا–ئانىلار بالىلارنىڭ روھىي ھالىتىدە يۈز بېرىۋاتقان غەيرىي ئۆزگىرىشلەرنى ۋاقتىدا ئىگىلەشكە ماھىر بولۇپ، ئۇلارنىڭ پسىخىكىسىنى تەڭشەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى زۆرۈر.



مۇھىتنى يىڭىلاش ئۇسۇلى. ئادەم ناچار كەيپىيات، ئېغىر بېسىمغا دۇچ كەلگەن ۋاقىتتا سىرتقى مەنزىرىلەردىن ھۇزۇرلىنىپ، گۈزەل ئەسلىمىلەرنى ئويلاپ بەرسە، كۆڭلى ئېچىلىپ قالىدۇ. ئاتا – ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ پسىخىكىسىدا تۇراقسىزلىق كۆرۈلگەننى سەزگەندە، شارائىتى يار بەرگەن دەرىجىدە ئۇلارنى گۈزەل ۋە مەنزىرىلىك جايلارغا ئاپىرىپ سەيلە قىلدۇرسا، كۆك ئاسمان ،ئاپئاق بۇلۇت، زۇمرەتتەك سۇ، قۇشلار سايرىشىپ تۇرغان تەبىئىي مۇھىت بالىلارنى خۇ شخۇي، ئازادە كەيپىياتقا ئىگە قىلىپ، بارلىق غەم–ئەمدىشىلىرىڭ يامغۇردىن كېيىنكى بۇلۇتتەك تارقاپ كېتىدۇ.


ئىلھاملاندۇرۇش ئۇسۇلى. ئاتا–ئانىلار بالىلارغا ئۇلارنىڭ باتۇر، قەيسەر ئىكەنلىكىنى دائىم ھېس قىلدۇرۇپ، يولۇققان مەسىلىنى دادىل بىر تەرەپ قىلالايدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇپ، بېسىم ۋە ئوڭۇشسىزلىقلارغا توغرا قاراش، توغرا يۈزلىنىش توغرىسىدا مەسلىھەت بېرىش بىلەن بىللە، بالىغا ئۆزىنىڭ تېخى كىچىك ئىكەنلىكىنى، ئالدىدا نۇرغۇن پۇرسەتلەرنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتىپ ئىلھاملاندۇرۇش ئارقىلىق پسىخىكىسىنى تەڭشەشنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك.


كىتاب ئوقۇش ئۇسۇلى. بالىلارغا كىتاب ۋە گېزىت–ژۇرناللارنى كۆپ كۆرۈش ئارقىلىق بىلىمىنى ئاشۇرغىلى، مىجەز–خاراكتېرىنى تەڭشىگىلى، مەنىۋى دۇنياسىنى بېيىتقىلى بولىدىغانلىقىنى، بۇ ئارقىلىق يەنە پسىخىكىلىق ساغلاملىقنى ساقلىغىلى بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك. چۈنكى بەدىئىيلىكى يۇقىرى ئەسەرلەرنى، كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان گۈزەل سۆز–جۈملىلەرنى ئوقۇپ دىققەتنى بۇراش ئارقىلىقمۇ پسىخىكىنى تەڭشىگىلى بولىدۇ.


فىزىئولوگىيلىك ساقلىقنى ساقلاش ئۇسۇلى. بالىلار بىرەر ئاۋارىچىلىككە يولۇققاندا، ئاتا–ئانىلار ئۇلارغا ناخشا–مۇزىكا ئاڭلاش، ئۇسسۇل ئويناش، توپ ئويناش، سۇ ئۈزۈش، مۇزىكا ئاڭلاش، كىنو كۆرۈش، رەسىم سىزىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش ئارقىلىق ئۇلارنى فىزىئولوگىيىلىك جەھەتتىن تەڭشەپ، كەشپىياتىنى ياخشىلىۋېلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك.


ئۆزىنى چەتكە ئىلىش ئۇسۇلى. ئاتا–ئانىلار بالىلارنى كۆپرەك كۆزىتىپ، كۆپرەك پىكىر يۈرگۈزۈشى، بالىلار ئالدىدا قارىغۇلارچە ئۆزىنى كۆرسىتىشكە ئورۇنماسلىقى لازىم. ئەكسىچە بولغاندا، ئۆز ئوبرازىغا تەسىر يېتىپ، بالىنى تەشۋىشكە سېلىپ قويىدۇ.


قىياپەتنى گۈزەللەشتۇرۇش ئۇسۇلى. سىرتقى قىياپەتكە ئەھمىيەت بېرىش ئارقىلىقمۇ باشقىلارنىڭ دىققىتى ۋە ھۆرمىتىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. شۇڭا ئاتا ئانا بولغۇچىلار ئىقتىسادىي ئەھۋالى يار بەرگەن شارائىتتا پەرزەنتىنىڭ سىرتقى قىياپىتىنى يېڭىلاپ، پەرزەنتىنىڭ ئۆزىنى روھلۇق ،چىرايلىق سېزىشىگە ئىلھام بېرىشى كېرەك.


تەپەككۇر ئۇسۇلىنى ئالماشتۇرۇش. ئادەم كۈندىلىك تۇرمۇشتا بەزىبىر ئادالەتسىزلىكلەرگە، ئادىل بولمىغان مۇئامىلىلەرگە ياكى كۆڭۈلسىز كەچمىشلەرگە يولۇققاندا، پىكىر قىلىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىقمۇ ئۆزىدىكى پسىخىكا تەڭپۇڭسىزلىقىنى ئوڭشىۋالالايدۇ. شۇڭا ئاتا–ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ پسىخىكىسىدا تەڭپۇڭسىزلىق كۆرۈلگەندە، ئۇلارنى قارشى تەرەپتىن ئۆزىگە ئوخشاش ھېس–تۇيغۇنى ئىزدەپ بېقىشقا، ئۆزىنى باشقىلارنىڭ ئورنىغا قويۇپ تۇرۇپ ئويلىنىپ بېقىشىقا دەۋەت قىلىش بىلەن بىرگە خىيال، تەپەككۇرىنى ئۆزىگە قاتتىق تەسىر قىلغان ئىشتىن ئۆزىگە خۇشاللىق ئېلىپ كېلىدىغان ئىشلارغا يۆتكەشكە ئىلھاملاندۇرۇشى كېرەك.


ۋاقىتنى ئۇنتۇش ئۇسۇلى. ۋاقىت بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى. بالىلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىلگىرىكى ۋە ھازىرقى ئۆزىگە كۆڭۈلسىز بىلىنگەن ئىشلارنى ئۇنتۇپ كەتسە، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ پسىخىك تەڭپۇڭلۇقتا ئىلگىرىلەش بولىدۇ.


ئۆز–ئۆزىنى ئازاد قىلىش ئۇسۇلى. بالىلار ئۆزىنى ئەركىن–ئازادە قويۇۋېتىشنى ئۆگىنىۋېلىشى، كىشىلەر ئالدىدا سۆزلىگۈسى كەلسەسۆزلىشى، كۈلگۈسى كەلسە كۈلۈشى، يىغلىغۇسى كەلسە يىغلىۋېلىشى كېرەك. ئاتا–ئانىلارمۇ بۇنداق ۋاقىتتا پەرزەنتىنىڭ روھىي ھالىتىنى توغرا چۈشىنىپ، ئۇلارغا ئاكتىپ ماسلىشىپ، بالىلارنىڭ كۆزىگە كىرىۋېلىشتىن قاتتىق ساقلىنىشى كېرەك.


ئوقۇشنى قىزغىن سۆيۇش. پۈتۈن زېھنى بىلەن ئوقۇشقا بېرىلىش بالىلارنىڭ پسىخىكىسىنى تەڭشەشتە ئىنتايىن مۇھىم. بۇنداق ئەھۋاللار بىر قىسىم ئاز ساندىكى تىرىشچان ئوقۇغۇچىلاردا كۆرۈلسىمۇ، ئاتا–ئانىلار يەنىلا مەكتەپ بىلەن يېقىندىن ماسلىشىپ پەرزەنتىنىڭ پسىخىكىسىدىكى كۆڭۈلسىزلىكنى ئوقۇش قىزغىنلىقى بىلەن ھەل قىلىشىغا مەدەت بېرىشى لازىم.


مەنبە: «شىنجاڭ ئاياللىرى»ژورنىلى


13_11_b22046b28e040e0.gif

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئامان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-31 14:01  

كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ.

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
2699 سەر
تىللا
435 دانە
تۆھپە
1645 سەر
شۆھرەت
1786 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 16:41:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامان ئەپەندى ياخشىمۇسىز؟ سىزنىڭ بۇ ‹ بالىلارنىڭ پىسخىكىسىنى  تەڭشەش ئۇسۇللىرىنى ›  ئوقۇپ  بالا تەربىيلەش توغرىسىدا نۇرغۇن بىلىملەرگە ئېرىشتىم . دىمىسىمۇ ھازىرقى بالىلارنىڭ پىسخىكىسى مۇرەككەپمۇ ياكى بىز ئاتا - ئانىلارنىڭ پەرزەنتلەرنى چۇشەنمەسلىكتىن مۇ ئىشقىلىپ بالىلاردا ئاتا - ئانىلار بىلەن قارشىلىشى پىسخىكىسى شەكىللەنمەكتە .  بۇ تېمىڭىز ناھايتى ۋاقتىدا بېرىلگەن رىتسىپ بولۇپتۇ . مەن  بىر ئانا بولۇش سۈپىتىم بىلەن  سىزگە  رەھمەت ئېيتىمەن.
رەھمەت سىزگە .

باھا سۆز

ئامان سىلەرگە ئاز-تۇلا پايدىسى تەگسە مەن شۇنىڭدىن خوش!  يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 17:55:09

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4435 سەر
تىللا
1058 دانە
تۆھپە
2729 سەر
شۆھرەت
2913 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-1 11:21:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامان ئەپەندىم ياخشىمۇ سىز  .مەن سىزنىڭ بالا تەربىيەلەشتىكى بۇ تىمىڭىزنى ئۇقۇپ شۇنداق بىر ھىھسىياتقا كەلدىمكى : بارلىق ئاتا-ئانا  بولغۇچى  يولداشلارنىڭ چۇقۇم سىزنىڭ بۇ تىمىڭىزنى ئۇقۇپ چۈشۈنۈپ شۇ بۇيىچە پەرزەنىتلىرىنى تەربىيلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن . مەنمۇ ئىككى قىزىمنى شۇ بۇيىچە تەربىيلەشكە تىرشىمەن .رەخمەت سىزگە.
ئوقۇتقۇچىلىق -قۇياش ئاستىدىكى ئەڭ شانلىق كەسىپ
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-21 10:41, Processed in 0.171897 second(s), 37 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش