ئەر-ئاياللاردىكى قىزىقارلىق پەرقلەر
ئەنگىلىيە شېففېلد ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى تەتقىقاتچىلار كۆپ قېتىملىق سىناق ۋە تەكشۈرۈشلەردىن كېيىن ئەر-ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى تۆۋەندىكى پەرقلەرنى بايقىغان:

ئەرلەر مەست بولغاندىن كېيىن ئاياللارغا سەت كۆرۈنىدىكەن، ئاياللاردا ئۆزگىرىش بولمايدىكەن.

ئاياللار بىرلا ۋاقىتتا كۆڭلىنى ئىككى ئىشقا بۆلەلەيدىكەن، ئەرلەر ئۇنداق قىلالمايدىكەن. ئاياللار ئىش قىلىۋاتقاندا باشقىلار بىلەن پاراڭلىشىشنى ئۇنتۇپ قالمايدىكەن، ئەمما ئەرلەر دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈشى كېرەككەن ، چۈنكى ئەرلەر پاراڭلىشىۋاتقاندا ، بىرلا تەرەپتىكى مېڭىسىنى ئىشلىتىدىكەن، ئاياللار بولسا ئىككى تەرەپتىكى مېڭىسىنى ئىشلىتىدىكەن. تەتقىقاتچىلار بۇنى ئىپتىدائى جەمئىيەتنىڭ مەھسۇلى دەپ قارىغان، ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئاياللار ئىلگىرى بالا بېقىش، ئۆي ئىشى قىلىشنى تەڭ تۇتقان، ئەرلەر بولسا پۈتۈن زېھنى بىلەن ئوۋ ئوۋلىغان.

ئاياللارغا ئىشلار ئاسان تەسىر قىلىدىكەن. ئەرلەر بولسا باغرى تاش كېلىدىكەن. ئاياللار ھېكايە ئوقۇغاندا ئەرلەرگە قارىغاندا ئاسان ھاياجانلىنىدىكەن، باش پېرسوناژغا ئەگىشىپ يىغلايدىكەن، كۈلىدىكەن. پىسخولوگلارنىڭ قارىشىچە، ئاياللارنىڭ چوڭ مېڭىسى «ھېسسىياتچان» چوڭ مېڭە، ئەرلەرنىڭ بولسا «ماشىنىلاشقان» چوڭ مېڭە ئىكەن.

ئاياللار ئەرلەرگە قارىغاندا ئاغرىقتىن بەكرەك قورقىدىكەن. ئاغرىق سېزىمى بولغاندا، ئاياللارنىڭ چوڭ مېڭىسىدىكى ھېسسىيات تۈگۈنى ئالاھىدە جانلىنىپ كېتىدىكەن، بۇنىڭ بىلەن ئاياللارنىڭ دىققىتى ئاغرىققا مەركەزلىشىپ قالىدىكەن . ئەرلەردە بولسا بىلىش ۋە ئەقلىي خۇلاسە چىقىرىش رايونى جانلىنىدىكەن، بۇنىڭ بىلەن ئەرلەر ئاغرىقنىڭ سەۋەبىنى ئىزدەش، ئاغرىقنى تۈگىتىشكە تىرىشىدىكەن.

مەنبە: «شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى»

|