پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2360 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 96|ئىنكاس: 1

‹‹ غ ، ق ›› ھەرىپىدىن باشلانغان ماقال -تەمسىللەر[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوقلىما
110
قىزغىنلىق
749 سەر
تىللا
46 دانە
تۆھپە
441 سەر
شۆھرەت
737 سەر

تىرىشچان ئەزادادىل ئەزا ئوردىنىمائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 11:20:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غەم باسسا غەپلەتمۇ باسار.

غازنىڭ مېڭىشىنى دورايمەن دەپ،
ئۆردەكنىڭ پۇتى سۇنۇپتۇ.

غەيۋەتخورنىڭ تىلىنى كەس،
ئاڭلىغۇچىنىڭ قۇلىقىنى كەس.

غورا بولماي،مېغىز بولماس.

غەم قىلغۇچە پەم قىل.

قاپاق پۇل ئەمەس،باراڭ پۇل.

قاتاردىن قالغۇچە، خاتادىن قال.

قاشقا سانىساڭ كۆزگە،
كىشىگە سانىساڭ ئۆزگە.

قايناق سۇ ئىچ،كۆڭلۈڭ تىنىچ.

قەدىرسىز ياشىغىنىڭدىن،
قەدىرلىك ئۆلگىنىڭ ئەلا.

قورققانغا قوش كۆرۈنەر،
كۆلەڭگۈسى بەش كۆرۈنەر.

قوشناڭ قارىغۇ بولسا،
كۆزۈڭنى قىس.

قول كەسمىگۈچە قان چىقماس.

قوناقنى دۆڭگە تېرى،
بېدىنى ئويغا تېرى.

قارنى يامان ھېيتتا ئۆلەر.

قانائەتلىك كىشىنىڭ قارنى توق.

قولۇڭدىن كەلسە .ەلدىن ئايىما.





Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
8588 سەر
تىللا
4841 دانە
تۆھپە
5737 سەر
شۆھرەت
6402 سەر

ئاتامان

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 11:36:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەزمۇنى چوڭقۇر ماقال تەمسىللەر ئېكەن رەھمەت سىزگە !
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-22 09:21, Processed in 0.126800 second(s), 33 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش