رۇبائىلار

زەر تاۋاقتا كەلدى مەي،ياغاچ تاۋاقنى تاشلىما يار-يۆلەك بولغان ساڭا ،ھاسا-تاياقنى تاشلىما. بىر قاپاق سۇنى ئېلىپ، ئوتۇنغا كىرگەن بىر زامان، ئاپتۇۋا خىزمەتتە دەپ،ئەمدى قاپاقنى تاشلىما.

نە ھاجەت ھاياتتىن قاقشاپ يۈرۈشۈڭ، ۋاپاسىز دەپ،كۆزۈڭ ياشلاپ يۈرۈشۈڭ. تۈگىمەس سىرلارنىڭ يېشىمى ئادەم، ئۆزۈڭگە باغلىقتۇر يىغلاپ، كۈلۈشۈڭ.

تىتىرتىىپ زىمىننى چاقسىمۇ چېقىن، توختايدۇ ئاۋازى بىردەمدىن كىيىن. ھەيۋەتسىز بولسىمۇ بۇلاق كۆزلىرى، ئۈزۈلمەي ئاڭلىنار كۈيلىرى لىكىن.

شائىرنىڭ سۈزلىرى تالىق ساڭىلا، چۈنكى سەن يۈكسەكلىك بابىدا يەكتا. سەن ئۆزۈڭ ئەڭ ئېزىز مىھمىنىم ئانا، ئىگىلەر ئالدىڭدا خانتەڭرى ھەتتا.
 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئامان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-31 00:29
|