- تىزىملاتقان
- 2012-3-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-10-21
- ھوقۇقى
- 150
- جۇغلانما
- 17856
- نادىر
- 10
- تېما
- 350
- يازما
- 2236
 
قىزغىنلىق- 4435 سەر
تىللا- 1058 دانە
تۆھپە- 2729 سەر
شۆھرەت- 2913 سەر
        
| ۋاقىت بىلەن ئالتۇن
خەلقىمىزدە «ۋاقىت ئالتۇندىن قىممەت» دېگەن ماقال بار. بۇنىڭدا ۋاقىت ئالتۇن بىلەن سېلىشتۇرۇلغان بولۇپ، ئالتۇننىڭ باھاسى ناھايىتى يۇقىرى بولغاچقا، ۋاقىتقا قانداق پۇزىتسىيە بىلەن قاراش ئۈچۈن مۇشۇ ماقالە كېلىپ چىققان. ئەمىلىيەتتە ھەممە ئادەمدە ۋاقىت بار، ئەمماھەممە ئادەمدە ئالتۇن بۇلۇشى ناتايىن. ئالتۇن چەكلىك ھالەتتە، ۋاقىت چەكسىز ھالەتتە بولۇپ، ئالتۇننىڭ ۋاقىت بىلەن مۇناسىۋىتى يوق. ئالتۇن شەكىللىك ھالەتتە بولۇپ، كۆرگىلى، تۇتقىلى، ئىگىدارچىلىق قىلغىلى بولىدۇ. ئەمما، ۋاقىت شەكىلسىز ھالەتتە بولۇپ، سائەتنىڭ ماڭغىنىنى، قۇياشنىڭ ئەتىگەندە پەيدا بولۇپ، كەچتە يوقاپ كىتىدىغانلىغىنى، ئادەمنىڭ كېچە-كۈندۈز توختىماي نەپەس ئالىدىغانلىغىنى كۆرسەكمۇ، بىلسەكمۇ ۋاقىتنى ئالتۇندەك تۇتۇپ تۇرالمايمىز، ئىگىدارچىلىقمۇ قىلالمايمىز. چۈنكى، ۋاقىت بىزنىڭ ئىرادىمىزگە بويسۇنماي ئۆتۈپ كىتىۋېرىدۇ، ئۇنى تۇسۇۋالغىلى، سومكا-يانچۇقلارغا سېلىۋالغىلى بولمايدۇ. ئالتۇن چەكلىك قىممەتكە ئىگە، ئەمما ۋاقىت قەدىرلەپ ماڭغان ئادەمگە بىر ئۆمۈر قىممەت ئاتا قىلالايدۇ. ۋاقىت ئادەمگە ھەقسىز بىرىلگەن، ئەمما ئالتۇننى ھەق تۆلەپ سېتىۋالغىلى بولىدۇ. ئۆزئارا مۇناسىۋىتى يوق ۋاقىت بىلەن ئالتۇننىڭ گىپنى قىلىپ يۇرۇشتىكى مەقسەت-. ئالتۇننى مۇھىم بىلىپ، جاننى مۇھىم بىلمەيدىغان كىشىلەرنىڭ يوق ئەمەسلىگى. مەن تۇنۇيدىغان بىر جۈپ ئەر-ئايال بولۇپ، ئۇلار يېزىدىن شەھەرگە ئىشلىگىلى كەلگەندە بىر ياشلىق بالىسى ئاغرىپ قېلىپ ئېغىر ئۆپكە ياللۇغى بولۇپ قالغان، يېنىدا بارپۇللىرى داۋالىتىشقا يەتمىگەن، بۇنداق جىددى ئەھۋالدا ئېرى ئايالىغا بىرەر تال ئالتۇن ئۈزۈكنى سېتىپ بالىنى ساقايتىۋالايلى، كېيىن پۇل تاپقاندا قايتا ئېلىپ بىرەي دىسىمۇ، سەن ئىشلەپ كۆپ پۇل تاپمىدىڭ، ئاتا-ئاناڭدىن سورا دەپ ئالتۇن ئۈزۈكنى ھەرگىزمۇ ساتقىلى ئۇنىمىغان، دىمىسىمۇ ئۇ ئايالنىڭ بىر جۈپ ئالتۇن ئۈزۈگى، بىر جۈپ ئالتۇن ھالقىسى، ئالتۇن زەنجىرى، ئالتۇن بىلەيزۈگى بولۇپ، كۆتىرىپ يۇرگەن ئالتۇنلىرىنىڭ قىممىتى نەچچە مىڭ يۇەنلىك ھالەتتەئىدى. بۇ بىر ئايرىم مىسال. ھەممەيلەننى شۇنداق دىگەنلىك ئەمەس. ئالتۇننى چوڭ بىلىپ، ۋاقىتقا ئېتىۋارسىز قاراش تۈپەيلىدىن «ۋاقىت ئالتۇندىن قىممەت» دېگەن بۇ ماقال دائىم تىلغا ئېلىنىدىغان ھالەتتە بولۇپ، بۇ ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ نىمىنى مۇھىم بىلىدىغانلىغى، نىمىنى مۇھىم بىلمەيدىغانلىغى بىلىنىپ تۇرۇدۇ ھەم نىمىنى مۇھىم بىلىش كېرەكلىگى چىقىپ تۇرۇدۇ. ئالتۇن زاماندىن زامانغا ئۆتەلەيدىغان، پۇتۇن دۇنيادا ئوخشاش قىممەتكە ئىگە بايلىق. ئەمما، ۋاقىت پەقەت ئادەمنىڭ ئۆمرىگە ئەگىشىپلا مەۋجۇت بۇلالايدۇ.ۋاقىتنى ئادەم گۆرىگە ئەكىرىپ كىتىدۇ. ئەمما ئالتۇن ئادەمدىن ئايرىلىپ قالالايدۇ. ھاياتلىق- بىر ئادەمنىڭ ۋاختى. بۇ ۋاقىت مىنۇت، سائەت، ئاي-يىللارغا بۆلۈنۈپ كەتكەن. ئالتۇن بايلىقنى كۆز-كۆز قىلالايدۇ، لېكىن، ۋاقىت بايلىقنى يارىتالايدۇ ھەم بايلىقنى يوقۇتالايدۇ. ئالتۇنغا قايتا ئىرىشكىلى بۇلۇشى مۇمكىن، لېكىن يوقاپ كەتكەن ۋاقىتقا قايتا ئىرىشكىلى بولمايدۇ. ۋاقىت ھەممە ئادەمگە ئوخشاش تەخسىملەپ بىرىلگەن. ئەمما مۇشۇ ئوخشاش ۋاقىت ئىچىدە بەزىلەر ئالتۇنغا ئىرىشەلەيدۇ، بەزىلەر ئالتۇنغا ئىرىشەلمەيدۇ. مۇشۇنىڭدىنمۇ ئالتۇنغا ئىرىشىش-ئىرىشەلمەسلىكنى ۋاقىتتىن قانداق پايدىلىنىش بەلگىلەيدىغانلىغى بىلىنىپ تۇرۇدۇ. ئالتۇننى كىشىلەر زىبۇ-زىننەت ھالىتىدىكى بايلىق دەپ قارايدۇ. ئەمما، ۋاقىتنى كىشىلەر قىممەت ئېڭىنىڭ ئوخشىماسلىغا بېقىپ، ھەر خىل ھالەتتە ئۆتكۈزىدۇ. ۋاقىتنى ئۈنۈمسىز ئۆتۈزىدىغانلار بايلىققا ئىرىشەلمەيدۇ، باياشات تۇرمۇش كۆچۈرەلمەيدۇ، ئالتۇنىمۇ بار بولمايدۇ. ۋاقىت شەكىلسىز جەريان ھالىتىدە ھەر بىر ئادەمنىڭ ھاياتىنى ئەگەشتۈرۈپ كىتىۋېرىدۇ. ۋاقىت ئادەمنىڭ ھەر بىر تىنىق-نەپەسلىرىگىچە سىڭىپ كەتكەن بولىدۇ. يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ۋاقىتنىڭ قىممىتىدە ئۆزگىرىش بولمايدۇ. ئالەم بىلەن ئادەم مەۋجۇت بۇلىدىكەن، ۋاقىت بىر خىل ھالەتتە داۋاملىشىۋېرىدۇ. ئەمما، ئالتۇننىڭ يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن قىممىتىدە ئۆزگىرىش بۇلۇشى مۇمكىن. شۇنداقلا بەزىلەرنىڭ ئالتۇنى كۆپۈيۈشى، بەزىلەرنىڭ ئالتۇنى يوقۇلىشى مۇمكىن. ئەمما، ئادەم ھاياتلا بۇلىدىكەن ۋاقىت يوقالمايدۇ.
مەنبەسى : ئەل كۈيى تورىدىن.
|
|