- تىزىملاتقان
- 2012-7-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-9-29
- ھوقۇقى
- 20
- جۇغلانما
- 330
- نادىر
- 0
- تېما
- 5
- يازما
- 37

- يوقلىما
- 27
قىزغىنلىق- 88 سەر
تىللا- 15 دانە
تۆھپە- 51 سەر
شۆھرەت- 51 سەر
| قايچا ئىزدەش
چاچلىرى ئۆسۈپ پاخپىيىپ كەتكەن بىر يىگىت ساتىراشخانىغا چېچىنى ياساتقىلى كىرىپتۇ. ساتىراچ ئەمدىلا ئىش باشلاپ بىردەمدىن كېيىن، بىر ماگنىتنى يىگىتنىڭ بېشىدا ئۇياقتىن-بۇياققا يۈگۈرۈتكىلى تۇرۇپتۇ. بۇنىڭدىن قاتتىىق ئىچى پۇشقان يىگىت ئۇنىڭدىن ؛ -ئۇستام، بۇ سىزنىڭ يېڭىچە چاچ ياساش تېخنىكىڭىزمۇ؟ ---دەپ سوراپتۇ. -ياق، مەن قايچىنى ئىزدەۋاتىمەن، --- دەپتۇ ساتىراش پەرۋاسىزلا.
تەكلىپ قىلىشنىڭ سەۋەبى
-بايىقى ئادەم چىش تارتىش كەسپىنى پەقەتلا بىلمەيدىكەن، نىمىشقا ئۇنى خىزمەتكە تەكلىپ قىلىسىز؟ ---دەپ سۇراپتۇ بىر چىش دوختۇرىنىڭ ئايالى ئېرىدىن. -ئۇ ئىلگىرى ئارغامچا تارتىشىش مۇسابىقىسىگە كۆپ قېتىم قاتناشقانىكەن، ---دەپتۇ دوختۇر.
پەرقى يوق
ئايالى ئېرىنى يوقلاپ تۈرمىگە بېرىپتۇ ۋە ئۇنىڭدىن: -بۇ يەردە كۈنلىرىڭىز قانداق ئۆتۈۋاتىدۇ، جاپا چېكىۋاتامسىز؟---دەپ سوراپتۇ. -ئۆيدىكى كۈنلىرىم بىلەن ئانچە پەرقى يوق، بۇ يەردىمۇ سىرتقا چىققىلى قويمايدۇ،ھاراق ئىچكىلى قويمايدۇ، تامىقىمۇ بەك ناچار، ---دەپتۇ ئېرى زارلانغان ھالدا.
توينىڭ مەسلىھەتى
دادىسى قىزىغا كۆيۈنگەن قىياپەتتە دەپتۇ؛ -تۈنۈگۈن ئوغۇل دوستۇڭ مېنى ئىزدەپ كەپتۇ، سەن بىلەن بەك توي قىلغۇسى باركەن، مەن ئاخىر قوشۇلدۇم.. قىزى : -بىراق دادا، مەن ئاپامدىن ئايرىلالمايمەن، شۇڭا توي قىلغۇم يوق،-- دەپتۇ. دادىسى ؛ -شۇنداقمۇ، قىزىم سېنىڭ بەختىڭگە ئولتۇرغۇم يوق، بولدى، ئاپاڭنىمۇ بىللە ئېلىپ كەتكىن!
ئۇخلىتىش
بىر ئەر - ئايالنىڭ ئوغلى پەقەت ئۇخلىغىلى ئۇنىماپتۇ. دادىسى ئۇنىڭغا قىزىقارلىق ھېكايە ئېيتىپ بىرىپ ئۇخلاتماقچى بوپتۇ. بىر سائەت ئۆتۈپ كېتىپتۇ، دادىسى ئوغلىنىڭ ھۇجرىسىدىن چىقماپتۇ. بىر چاغدا ئاپىسى ئىشىكنى ئاستا ئېچىپ پەس ئاۋازدا : ئۇ ئۇخلىدىمۇ؟- دەپ سوراپتۇ.. -ھەئە ، ئۇخلاپ قالدى،- دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ ئوغلىمۇ پەس ئاۋازدا.
ئالدىنى ئېلىش
بىر قورقۇنچاق كىشى ئوپېراتىسيە ئۆيىگە ئېلىپ كىرىلىپتۇ. ئۇ دوختۇر ۋە سېستىرالاردىن ماسكىسىنى تاقىماسلىقنى ئۆتۈنۈپتۇ. -بولمايدۇ، بىز چوقۇم ماسكا تاقىشىمىز كېرەك، بۇ دېگەن تۈزۈم، --- دەپتۇ دوختۇر. -بولدى مېنى ئالدىماڭلار، سىلەر ئوپراتىسيە جەريانىدا بىرەر ئىش چىقىپ قالسا، مېنىڭ سىلەرنى تونۇۋېلىپ كېيىن ئاۋارىچىلىق تېپىپ بېرىشىمدىن ئەنسىرەپ شۇنداق قىلىۋاتىسىلەر، ---دەپتۇ كېسەل.
مەنبە : ‹‹ئامانلىق›› ژۇرنىلىدىن ئېلىندى.
|
|