پەرزەنتلەر تەسەۋۋۇرىدىكى ئاتا-ئانىلار ★بەش ياشتا_مىنىڭ ئاتا-ئانام دۇنيا بويىچە ئەڭ ياخشى. ★ئون ياشتا_مىنىڭ دادام ئەڭ كۈچلۈك،ئانام ئەڭ مىھرىبان. ★يىگىرمە ياشتا_ئاتا-ئانامنىڭ دېگەنلىرى بىرئاز ئېشىپ كەتتىمۇ قانداق. ★ئوتتۇزياشتا_مىنىڭ ئەركىن مۇھەببەتلىشىشىمگە يول قويسا بولاتتى. ★قىرىق ياشتا_ماڭا دادامنىڭ ئاچچىقلاشلىرى، ئانامنىڭ كوتۇلداشلىرى ياقمايدۇ. ★ئەللىك ياشتا_ئاتا-ئانامنىڭ دېگەنلىرى توغرىمۇ نىمە؟ ئالدىمغا كىلىۋاتىدىغۇ. ★ئاتمىش ياشتا_مەن ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنىڭ پۈتۈنلەي توغرىلىقىنى چوڭغۇر ھېس قىلدىم. ★يەتمىش ياشتا_بالىلارنى نەۋرىلەرنى كىچىكىدىن باشلاپ ئەدەپ-ئەخلاقلىق قىلىپ تەربىيەلەش كېرەك. ★سەكسەن ياشتا_ئاتا-ئانامنىڭ بۇرچى-ئائىلىسىدىكى ۋە جەمىيەتتىكى ياشلارنى ياخشى ئادەم قىلىپ تەربىيەلەش. ★توقسان ياشتا_ ۋاي ئىسىست، ئۇلار ھايات بولسىدى، نەۋرە،ئەۋرە،چەۋرىلىرىنى كۆرۈپ، يىلتىزىنىڭ ئۇزۇن بولغانلىقىنى،ئۇرۇق-جەمەتىنىڭ كۆپ بولغانلىقىدىن خوش بولغان بولاتتى.
مەنبە : خوتەن گېزىتى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئامان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-29 02:27
|