- تىزىملاتقان
- 2012-3-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-10-21
- ھوقۇقى
- 150
- جۇغلانما
- 17862
- نادىر
- 10
- تېما
- 350
- يازما
- 2236
 
- يوقلىما
- 198
قىزغىنلىق- 4435 سەر
تىللا- 1064 دانە
تۆھپە- 2729 سەر
شۆھرەت- 2913 سەر
        
| شىرىن ئەسلىمىلەر
نەسىر
(نۇرمۇھەممەت جۈمە )
مىنىڭ 2010- يىلى7- ئايدا ئىچكى ئولكىلەرگەبىر ئايلىق ئىكىسكۇرسىيە ۋە ئۈگۈنۈشكە بارغان شىرىن ئۇنتۇلغۇسىز چاغلىرىم ئىدى .بۇ ۋاقىتتا دوسلۇقنىڭ ھەقىيقى مەنىسىنى تۇلۇق چۈشۈنۈپ يەتكەندىم .چۈنكى ئۇ بىز ياشلار ئۈچۈن ياشلىق دەۋىرنىڭ ئەڭ گۈزەل ،ئەڭ شىرىن ،ئۇنتۇشقا بولمايدىغان بىر قېتىملىق ئۇنتۇلغۇسىز بولغان شىرىن ئەسلىمە ھىساپلىنىدۇ. مەن شۇ ۋاقىتتا تۇنجى تۇنۇشقان ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئۇنسۇ ناھىسىدىن X ھەم كورلىنىڭ چەرچەن ناھيىسىدىن ئەركىن ،قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ كونا شەھەر ناھىسىدىن X لەر بىلەن، تۆتىمىز ئەڭ يېقىن ئۆتكەن شىرىن ئۇنتۇلغۇسىز كۈنلەر ھېلىمۇ ئىسىمدىن پەقەتلا كەتمەيدۇ.شۇ ۋاقىتتا بىزنى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق تەشىلات بۈلۈمى بىرىۋاستە مەسئۇل بۇلۇپ تەشكىللىك ھالدا شىنجاڭ ئىچىدىكى 16 شەھەردىن جەمئى 54 نەپەر ساۋاقداشلار بىلەن بىرگە بىر تۇققاندەك ئۆتكەن ئۇنىڭ ئىچىدە 9 نەپەر ئۇيغۇرلا بار . قالدىسى باشقا مىللەت كىشىللىرى ئاشۇ كۈنلەرنى ئىسىمدىن چىقىرالمايۋاتىمەن. ئەي ئۇنتۇلغۇسىز شىرىن كۈنلەر !مەن شۇ ۋاقىتتا ئۈزەمگە نىسپىتەن بىر قىزنىڭ پاك مىھرى مۇھاببىتىنى مەپتۇن قىلىدىغان ئوتلۇق ھىسسىيات ھېلى ھەم ئىسىمدە. مەن ھازىر پەقەت ھېچ نەرسلەردىن غەم ئەندىشە قىلمايمەن. ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتكەن بولسىمۇ يەنىلا مەن ئۇنىڭدىن پەقەتلا ئۈمىدىمنى ئۈزۈپ كىتەلمىدىم. ئۇنى ئىسىمگە ئالغىنىمدا دىلىمدا يەنىلا سېغىنىش، تەلپۈنۈش ، كۈينۇش ،ئىچىدە يىجىران ئازابىنى چىكىپ كىلىۋاتىمەن. ئۇمۇ ئەلۋەتتە مىنى سېغىنغانلىقىنى بىلىمەن ھەم چۈشۈنمەن . چۈنكى ئۇ مىنىمۇ ياقتۇردۇ. مەن شۇ ۋاقىتتىكى پويىز ۋە ئايرۇپىلاندىكى شىرىن مىنۇتلارنى شۇلار بىلەن ئەڭ نەتىجىلىك ئۆتكۈزدۇم. مەن ئۇنىڭ بىلەن ئۆز سۆيگۈ مۇھاببىتىمنى ۋىسالغا يەتكۈزمەي ئارماندا قۇيىدىغان ،بەخىت ئامەتنىڭ نىمە كىرىكى ؟ مەن ھەم ئۇنىڭ يۈرىكى ھەرگىز باشقىلار ئۈستىسە سوقمايدۇ. بىزدە ھەقىقى مۇھاببەت ۋىسالىغا يىتىش ھەققىدە ئۈمۈد – ئىشەنچىمىز بار . ماڭا ھەر ۋاقىت گۈزەل – ئارزۇ ئىستەك ئىللىق قاراۋاتقاندەك تۇيۇلدى. مەن راستىنلا خۇشاللىق بىلەن خاپىلىقنىڭ تەڭ مەۋجۇتلىقىنى ، دۇنيادىكى ھەر خىل ئىشلارنىڭ شۇ قەدەر سىھىرلىك ، مۇرەككەپلىكىنى مۇشۇ دەقىقىللىرىمدە تۇلۇق چۈشۈنۈپ يەتتىم . قەلبىمدە داۋاملىق ئۇرغۇپ يېنىۋاتقان تاتلىق ھىس –تۇيغۇ ئىرادەمنى كۈنسايىن ئۈمۈد نۇرى بىلەن تاۋلاپ ، مىنى تۇرمۇشتىكى چاكىنىلىق ،نامىراتلىق ،پاتقىقىدىن تۇلۇق تارتىپ ھۇجۇدىمنى پاكلىق ،سەمىيمىلىك گۈلشىنىدە ياشاتماقچى. مەن شۇ ۋاقىتتىكى گۈزەل ئۆتمۈشنى ئەسلەشتىن تۇلىمۇ شۈكۈرلىنىمەن . چۈنكى شۇ ۋاقىتتىكى دوسلۇق مۇھاببەت تاتلىق ھەم ئىنتايىن سۈيۈملۈك بولغىنى بىلەن ئايرىلىش ئازابى ھاياتىمدىكى ،ئەڭ مۈشكۈل ،ئەڭ شەپقەتسىزلىك بۇلۇپ پۈتكۈل جىسمىمنى كۈلگە ئايلاندۇرۋەتكەندەكلا تۇيلىدۇ. شۇنداق ! ئۇ مەندىن ۋاقىتسىز ئايرىلغان بولسىمۇ ،ئۈلمنىڭ زۇلمەتلىك پەردىسى ئىچىدە ئەبەدىي غايىپ بولدى. بۇ قەلبىمدىكى تۇنجى دوستلۇق مۇھاببەت ئوبىرازىنىڭ ئەسلىمىسى. كىشىلەر ھايات مۇساپىسىدە ئۇچىراشقان يۈرۈكىنىڭ تىتىرەڭگۈ ،قايغۇ تىۋىشى، ھىساپلىنىدۇ. مەن ئۆز ئانامنىڭ ماڭا سىڭدۈرگەن ھالال ئۇغۇز ئاق سۈتى بىلەن ،چوڭ بولغان ئەقلى پاك ئىنسان بولغانلىقىم ئۈچۈن يۈرۈكۈم ھەر ۋاقىت تەڭداشسىز بىر قەلىپ گۈزەللىكىگە مەڭگۈ ھەمرا بۇلۇش خىيالىدا سۇقۇۋاتىدۇ. دەل مۇشۇ مىنۇتلار ئاچچىق ئەسلىمىلەر ئىچكى قەلبىمگە سىڭىپ كىرىپ كۈرۈنمەس ھىسلىرىمنى چەكسىز كائىناتقا تارتىپ سەرسان روھقا ئايلاندۇردۇ. مەن ئەزلدىن قىلچىمۇ شور پىشانە ئەمەسمەن. مەن ئۇنىڭ بىلەن ئاشۇ ئىچكى ئولكىلەردە تەربىيەلەشتە تۇنۇشۇپ بىرگە يۈرگەن ھەم تاماقنى بىرگە يىگەن ئاشۇ گۈزەل ئەسلىمىلەرنى ئۇنتىمايمەن .ئىچىمدە ئايرىلىپ بەخىتسىز بۇلۇپ قالغانلىقىمدىن ،قىلچىمۇ مەيۈسلەنمەيمەن. بىز يەنىلا ئۇچۇرشالايمىز. ئالاقىلىشالايمىز.
مەنبەسى : مەن زەپەر 2012- يىلى 7- ئاينىڭ 28- كۈنى
|
|