پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2360 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 153|ئىنكاس: 6

بايقاش مۇنبىرىگە ئىنكاس يوللاش جەھەتتە[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4435 سەر
تىللا
1064 دانە
تۆھپە
2729 سەر
شۆھرەت
2913 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-28 18:27:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بايقاش مۇنبىرىگە ئىنكاس يوللاش جەھەتتە

ئەسەر يازمىلار ياخشى ئىنكاس پىكىرلەر بىلەن ئۆز ئىززەت –ھۈرمىتىنى تاپىدۇ . ھەر بىرىمىز ئەسەرلەرنى يوللاپ بولغاندىن كېيىن بىرىنچى قىلىدىغان ئىشىمىز –شۇ ئەسەر ياكى يازمىغا چۈشكەن ئىنكاسقا قارايمىز . كۆڭۈللەرگە ئىلھام بېرىدىغان ، تەسەللى-تەسكىن تۈسىدىكى ۋە يا ئىجابى رەۋىشتىكى ئىنكاس پىكىرلەر ئادەمنىڭ روھىنى ئۇرغۇتۇپ ، يەنىمۇ ياخشى بولغان يازمىلارنى يوللاش ئىرادىسىنى كۈچەيتىدۇ . مۇنبەرگە بولغان ئىشتىياقىنى ئاشۇرىدۇ . شۇڭا ئىنكاس يوللىغاندا بارلىق دوسىتلار مەسئۇلىيەتچان مەيداندا تۇرۇپ ، ئىجابىي بولغان ياخشى ئىنكاسلارنى يازساق ، ئەسەر ئىگىسىنىڭ شەخسىيىتىگە ھۇجۇم قىلىدىغان ، پىتنە-ئېغۋا تۇغدۇرىدىغان ، كۈڭۈللەرنى غەش قىلىدىغان ئىنكاسلارنى مۇنبەرگە كۆتۈرۈپ ئېلىپ چىقمىساق .
يەنە بىر جەھەتتىن ئىنكاس يېزىش خوشياقمىغاندەك قۇرۇق بىر –ئىككى تال قونچاقنى يوللاپلا بولدى قىلىدىغان ئىش مەلۇم جەھەتتە ساقلاندى ، ئەمدى قونچاقلار ئۆچۈرۈلىدۇ . خوشياقمىسا يازمىساق بولىدۇ . ئىنكاس يېزىش ئالۋىڭى بولمىغاندىن كېيىن . بېشىغا بىر نەچچە قۇر سۆز-جۈملىلەرنى قوندۇرۇپ بولۇپ ئاندىن ماس كېلىدىغان قونچاقلارنى ئويناپ قويساق بۇ ياخشى بولىدۇ . ئىنكاس يېزىشتا ئىلمى بولساق ، مەلۇمكى ، مۇنبىرىمىز يېڭى ئېچىلدى ، ئۇنى كۆز قارىچۇقىمىزدەك ئاسراپ تەرەققى قىلدۇرۇش ، ياكى بۆشۈكىدىلا تۇنجۇقتۇرۇۋېتىش مۇنبەردە ئولتۇرغان ھەر بىر ئەزاغا باغلىق ، ئىنكاستا سەت گەپ-سۆزلەرنى قىلىشتىن ، خالىغانچە باشقىلارنىڭ غورۇرىنى ، ئېتىقادىنى دەپسەندە قىلىشتىن ساقلانساق . يەنە بىر مەسىلە خەۋەر –ئۇچۇرلار ، خەلقئارادىكى ئىشلارغا قارىتا ئىنكاسنى بەك شاخلىتىپ كەتمىسەك ، ئىنكاس يازمىساقمۇ مەيلى . كۆرۈپلا قويساق بولدى .
شۇنىڭغا بىرلەشتۈرۈپ يەنە باشقۇرغۇچى دوسىتلارنىڭمۇ ئەسەر –يازمىلارغا ئۆزىنىڭ قىممەتلىك پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئايىماي يېزىپ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن . ئەسەر تەستىقلاپ بولغاندىن كېيىن شۇ ئەسەرگە قارىتا مۇناسىپ باھالىرىمىزنى بەرسەك ، يازما ئىگىسى تېخىمۇ پىچەت ئىلھاملارغا ئىگە بولۇپ ، قاينام-تاشقىنلىق كەيپىياتى بىلەن نادىر ئەسەرلەرنى يېزىشقا كىرىشىپ كېتىشى مۇمكىن . ئاممىدىن ئايرىلىپ قالماي ، ئاممىنىڭ ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكسەك .
دەيمەن

زەپەر

2012- يىلى 7- ئاينىڭ 28- كۈنى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زەپەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-28 18:37  

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىقىزغىنلىقتىللاتۆھپەشۆھرەتيىغىشسەۋەبى
admin + 5 + 5 + 5 + 5ياخشى تېما.

ھەممە باھا نومۇرى : قىزغىنلىق + 5 تىللا + 5 تۆھپە + 5 شۆھرەت + 5  باھا خاتىرىسى

ئوقۇتقۇچىلىق -قۇياش ئاستىدىكى ئەڭ شانلىق كەسىپ

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1498 سەر
تىللا
344 دانە
تۆھپە
1060 سەر
شۆھرەت
1156 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-28 19:19:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۆزلىرىڭىز ئورۇنلۇق بۇردەر، بايقاشتا تىخى ھىچكىمگە ئىنكاس يىزىش ئالۋىڭى سىلىنغىنى يوققۇ. ئىنكاس يىزىشتا، سىز ئىيتقاندەك ئىلمى، لايىقىدا، تىما ئىگىسىگە ئىلھام بولغۇدەك ئىنكاسلارنى يىزىش كىرەك ئەلۋەتتە. پىكىرىڭىزنى قوللايمەن.
قايسىڭلاردا بوۋاقلار پىسخولوگىيەسىگە ئائىت ئۇيغۇرچە ماتىرىيال بار؟

Rank: 4

قىزغىنلىق
830 سەر
تىللا
9 دانە
تۆھپە
92 سەر
شۆھرەت
99 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-28 19:31:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنكاس ،شۇ ئىنكاس يازغۇچىنىڭ ئەخلاقى، بىلىمى ،ئىلمىلىكىنى كۆرسىتىپ بىرەلەيدۇ. شۇڭا ئىنكاس يازغاندا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كىرەك.      
ئىنكاس توغرۇلۇق بۇتىمىنى ناھايىتى ياخشى يىزىپسىز. رەخمەت سىزگە!

ئالى ئەزا

ئاتامان

Rank: 4

قىزغىنلىق
353 سەر
تىللا
119 دانە
تۆھپە
210 سەر
شۆھرەت
166 سەر

مائارىپچىبايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-28 20:46:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزدەك  كونا  ئەزا لارنىڭ ئىنكاسىنى  تەستىقلانمايدىغان قىپ  قۇيسا ياخشى بولاتتى   يېڭى ئەزا بىلەن رەسمى ئەزانىڭكىنىلا تەستىقلىندىغان قىلساڭلار چۇ؟
مۇنبەر شاھزادىسى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1681 سەر
تىللا
146 دانە
تۆھپە
1088 سەر
شۆھرەت
1175 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-28 21:18:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن پىكىرىڭىزنى قوللايمەن .
كۆڭۈل-كۆڭۈلدىن سۇ ئىچەر !

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
908 سەر
تىللا
198 دانە
تۆھپە
446 سەر
شۆھرەت
533 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-28 22:20:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايتى ياخشى تەلەپنى ئوتتۇرغا قويۇپسىز.تورداشلارنىڭ ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىپ،بىر-بىرىمىزنى قوللاپ بايقاش بۇلاقلىرىدىن قانغىچە ھوزۇرلىنىشىمىزنى ئۈمۈت قىلىمەن...  ‹‹بايقاش››نىڭ تەرەققىايتى ئۈچۈن ھەممىمىز ئورتاق كۈڭۈل بۆلەيلى.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
8588 سەر
تىللا
4841 دانە
تۆھپە
5737 سەر
شۆھرەت
6402 سەر

ئاتامان

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-29 18:03:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kok~bora يوللىغان ۋاقتى  2012-7-28 20:46
بىزدەك  كونا  ئەزا لارنىڭ ئىنكاسىنى  تەستىقلانمايدىغان ...


مۇنبەردە ئېشەنچىلىك ئەزا دەرىجىسدىن يۇقىرى  كىشىلەرنىڭ ئېنكاسى تەستىقىسز چىقىدۇ !
بۇجەھەتتە سەل پىكرىڭىز بارمۇ قانداق !يەنە بىر گەپ ئېملاغا دىققەت قىلاسىز
كونا ئەزا دەپ قاپسىز مۇنبەردە ‹.نۇرئېلى ،،ئىسىملىك بىر ئەزا بار ،ئۇ مۇنبەر قۇرۇلغاندىن تارتىپ ئەزا ئىدى .ھازىر مۇ ئېنكاسى تەستىقلىنىپ چىقۋاتىدۇ ،شۇڭا توغرا چۈشىنىڭ!
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-22 11:10, Processed in 0.204818 second(s), 33 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش