پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2360 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 92|ئىنكاس: 3

مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتىكى ئون قەدەم[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوقلىما
74
قىزغىنلىق
908 سەر
تىللا
198 دانە
تۆھپە
446 سەر
شۆھرەت
533 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-28 17:55:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتىكى ئون قەدەم


بىرىنچى قەدەم: ئۆزىنى بىلىش
   دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەپ، ئۆزىنىڭ كەمچىلىكىنى تۈزەتكەنلىكى ئۈچۈن مۇۋەپپەقىيەت قازانغان. مۇۋەپپەقىيەتنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى ئۆزىنى بىلىش، ئۆزىنىڭ قانداق ئادەم بولماقچى ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ نىشانىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىشتۇر. ئاندىن قالسا ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە كەمچىلىكىنى بىلىشتۇر.
ئىككىنچى قەدەم: ئۆزىدە بۇرچ تۇيغۇسىنى تىكلەش
    ھەر بىر ئادەم قەرەللىك ھالدا كىشىلىك ھاياتنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈشى كېرەك. بۇرچ باشلىغان پىكىر قىلىش ئەندىزىسى ۋە ھەرىكەت ئەندىزىسى سىزنى ھەرخىل توساقلاردىن بۆسۈپ ئۆتكۈزەلەيدۇ. بۇرچىڭىزنى ياخشى ئادا قىلغان ۋاقتىڭىزدا، پۇل ئۆزلۈكىدىن سىزنى ئىزدەپ كېلىدۇ.
ئۈچىنچى قەدەم: ئېنىق قىممەت قارىشى بولۇش
    قىممەت قارىشى دېگىنىمىز ھاياتىڭىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم نەرسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىدۇر. قىممەت قارىشى تۇرغۇزۇشنىڭ پىرىنسىپى: ئۆزىنى ئۆزى كونترول قىلالايدىغان، باشقىلارنىڭ كونتروللۇقىغا ئۇچرىمايدىغان بولۇش؛ ھەر كۈنى قىلىش، كۈندە ئاز – ئازدىن ئىلگىرىلەش.
تۆتىنچى قەدەم: نىشان بەلگىلەش ۋە ئۇنىڭغا يېتىش
    نىشان بەلگىلەش مۇھىم ئەمەس، نىشانغا يېتىش مۇھىمدۇر.
بەشىنچى قەدەم: ئۆگىنىش ئۈلگىسىدىن بىرنى تېپىش
    دۇنيا خاراكتېرلىك ئۆگىنىش ئۈلگىسىدىن بىرنى تېپىپ، ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتىكى تەجرىبىسىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەش.
ئالتىنچى قەدەم: تەپسىلىي پىلان تۈزۈش
    نىشان ئىنتايىن مۇھىم، لېكىن پىلاننىڭ بولۇشى نىشاننىڭ بولۇشىدىنمۇ مۇھىم. پىلان تۈزۈشتىن بۇرۇن مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كىشىدىن تەلىم ئېلىش كېرەك.
يەتتىنچى قەدەم: ۋاقىتنى ياخشى كونترول قىلىش
    ۋاقىتنى ياخشى كونترول قىلىشنىڭ سىرى شۇكى، ھەر مىنۇت، ھەر سېكۇنتا ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىگە ئىگە ئىشلارنى قىلىش. ئوخشاش تۈردىكى ئىشلارنى بىرلا قېتىمدا قىلىپ تۈگىتىش.
سەككىزىنچى قەدەم: كوللېكتىپ تەشكىللەش
    دۇنيادا مۇكەممەل كوللېكتىپ مەۋجۇت، مۇكەممەل ئادەم مەۋجۇت ئەمەس. ھەربىر ئادەمنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ئۇنىڭ باشقىلارغا، تەشكىلگە تايانغانلىقىدا، ئۆزىگە تايانغانلىقىدا ئەمەس. يەككە كۈچنىڭ قۇدرىتى ئىنتايىن ئاجىز بولىدۇ.
توققۇزىنچى قەدەم: توختىماي ئۆگىنىش، مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار بىلەن دوست بولۇش
ئونىنچى قەدەم: توختىماي كۈچ سەرپ قىلىش ۋە كۆپ ھەرىكەت قىلىش
ئەگەر سىز يۇقىرىقى ئون قەدەم بويىچە ئىش قىلالىسىڭىز، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا ئازلا قالغان بولىسىز.

مەنبە: سالام ئۈرۈمچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4382 سەر
تىللا
1182 دانە
تۆھپە
2413 سەر
شۆھرەت
2839 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-28 18:17:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما يوللاپسىز دوستۇم.
مۇۋاپىقىيەت - ھەممە ئادەم ئىنتىلىدىغان مەنزىل.
ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزى كۆزلىگەن مۇۋاپىقىيەت مەنزىلىگە يېتىپ بېرىشىغا تىلەكداشمەن!
تېمىڭىزغا رەخمەت، داۋاملىق تېما يوللاپ تۇرۇڭ! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئامان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-28 18:21  

كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ.

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4435 سەر
تىللا
1064 دانە
تۆھپە
2729 سەر
شۆھرەت
2913 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-28 18:53:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىما يوللاپسىز. مۇۋاپىقىيەت- نىشان بولسا دۇنيادا ھەممە كىشى تۇلۇق  ئىنتىلىدىغان   ياخشى بىر خىل نىشان  رەخمەت سىزگە. تىرشىڭ .
ئوقۇتقۇچىلىق -قۇياش ئاستىدىكى ئەڭ شانلىق كەسىپ

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1498 سەر
تىللا
344 دانە
تۆھپە
1060 سەر
شۆھرەت
1156 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-28 19:21:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىما يوللاپسىز،مۇۋەپپىقىيەت قازىنىش ئۇچۇن، ھەممىدىن بەك لازىم بولىدىغىنى يەنىلا توختىماي ئۆزلۇكىدىن ئۆگىنىشتۇر.
مۇشۇنداق تىمىلىرىڭىز ئۇزۇلمىسۇن.رەھمەت سىزگە
قايسىڭلاردا بوۋاقلار پىسخولوگىيەسىگە ئائىت ئۇيغۇرچە ماتىرىيال بار؟
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-22 11:14, Processed in 0.148835 second(s), 33 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش